|
|
|
|
چەتئەل ئاخباراتىنىڭ ئىلان قىلىشچە ،يىقىندا گىرمانىيەدىكى بىر شىركەت ئادەتتىكى سۇنى يىقىلغۇ ئىنىرگىيەگە ئايلاندۇرىدىغان لاھىيەلەرنى تۈزۈپ چقتى،ۋە كاربۇن تۆت ئوكسىد بىلەن ئادەتتىكى سۇنى بىرىكتۈرۈپ يىقىلغۇ ئىنىرگيە ھاسىل قىلىدىغان ماشىنىنى ياساپ چىقتى ،بۇ ماشىنا ھاسىل قىلالايدىغان ئىنىرگىيە ھازىرچە سۇيۇق ھىدروكاربۇن ،بىنزىن ،دىزىل مىيى ،كىرسىن ئىكەن .بۇ لاھىيەنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرلىشى جەريانىدا ئىشلەتكىنى بولسا قاتتىق جىسىم ھالىتىدىكى ئوكسىد ۋە باتارىيە بىرىكتۈرۈلگەن تخنىكا ئىكەن.ئىلىكتىرولىز شامال ئىنىرگىيىسى ۋە قۇياش ئىنرگىيىسى قاتارلىق قايتا ھاسىل بولىدىغان ئىنىرگىيىدىن پايدىلنىپ توك ئىشلەپ چىقىرىدىكەن .ئاندىن سۇ پارىدىن ھىدروگىن گازى ئايرىپ چىقىدىكەن . بۇ ھىدروگىن گازى ھاۋادىن ئايرىلىدىغان كاربۇن تۆت ئوكسىد نىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىكەن.ئەڭ ئاخىردا رىئاكسىيەلىشىش جەريانىدا ھاسىل بولغان كاربۇن چالا ئوكسىد بىلەن ھىدروگىن گازىنى بىرىكتۈرۈپ سانائەتتە ئىشلىتىدىغان يۇقىرى ئۈنۈمدىكى يىقىلغۇ ھاسىل قىلىدىكەن.
Sunfire نىڭ ئىيىتىشچە ھازىر مۇشۇنداق ئايلانما ھالەتتىكى ئىنىرگىيە ھاسىل قىلىش ئۈنۈمى 70 پىرسەنىتكە يىتىدىكەن.بۇ شىركەت كۈنىگە تەخمىنەن بىر تۇڭ يىقىلغۇ ئىشلەپ چىقىرالايدىكەن.
بۇ شىركەت بۇ ماشىننى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش ئۈچۈن بىر مىليۇن ياۋرۇ ئەتراپىدا مەبلەغ چىقىم قىلىپتۇ . (بىر ياۋرۇ 7.6302يۇەن خەلق پۇلىغا تەڭ)
بۇ ماشىنىنى سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش تىخنىكىسى تەرەقىقىياتىنىڭ بىر ئىسپاتى دىيىشكە بولىدىكەن ،لىكىن ھازىر ساقلىنىۋاتقان مەسىلە شۇكى بۇ ماشىىنىنى ياساپ چىقىشقا سەرپ قىلىدىغان مەبلەغ چىقىمى ناھايتىمۇ زور ئىكەن .پەقەتلا چىقىمىنى تۆۋەنلەتكەن ۋاقىتتا ئاندىن بۇ تىخنىكا ھەقىقى تۈردە ئۆزىنىڭ ئىشلىتىلىش قىممىتىنى تاپالايدىكەن .
يىڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان سۇنى يىقىلغۇ ئىنى ...
بۇ خەۋەرنىڭ كىلىش مەنبەسى :http://www.nbcnews.com/science/e ... -water-fuel-n255286
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەتنياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-25 02:58 PM
|
|
|
|
|
|