قىز دوستىڭىزنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بىلگىڭىز بارمۇ؟
ھازىر جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ياخشىلانغانسىرى بەزى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پۇلغا چۇقۇنۇش ، پۇل ئارقىلىق مېھىر مۇھەببەتنى ئۆلچەش دىگەندەك ساختىلىقلار مەيدانغا كەلگىلى تۇردى. قىز- يىگىتلەر ئارىسىدىمۇ بارا بارا ھەقىقى مۇھەببەت ئازلاپ ، پەقەت قارشى تەرەپنىڭ مال دۇنياسىغا ياكى گۈزەللىكىگە قارايدىغان، ئۇنىڭ دىيانىتى ۋە ئەخلاقى بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدىغان بىر قىسىم تەييارتاپ ھورۇنلار بارلىققا كەلدى. ئۇلار پەقەت بۇ دۇنيادىكى قىسقىغىنە راھەتنى دەپ ئۆمرىنى ۋە ئاخىرىتىنى نابۇت قىلماقتا، ھەر قانداق بىر ياش ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا بەخىتلىك ياشاي دىسە چۇقۇم لايىقىنى ياخشى تاللاش كېرەك، بۇپمۇ توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ لايىقىنىڭ ئائىلەئەھۋالىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداراق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىش، ھەمدە لايىقىنىڭ مىجەز خۇلقىنى بىلىش تولىمۇ زۆرۈردۇر، ئەگەردە قارشى تەرەپنىڭ بايلىقى ياكى گۈزەللىكىگە بېرىلىپلا توي قىلساق كىيىن بۇ گۈزەللىكمۇ ياكى بۇ بايلىقلارمۇ يوقىغاندا ئۇلار ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارلاپ سىزدىن يۈز ئۆرۈشكە باشلايدۇ، ھازىرنۇرغۇن ئائىلە مۇشۇنداق بۇلىۋاتىدۇ، ئەرلىرى ياكى ئاياللىرى سىرتقا قاراپ قېلىۋاتىدۇ. بالىلار يىتىم بۇلىۋاتىدۇ. شۇڭا ياشلارلايىق تاللىغاندا چۇقۇم لايىقىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بىلىشى زۆرۈردۇر. ساختا ياخشى كۆرۈشكە ئۇچراپ قالماسلىق ئۈچۈن لايىقىمىزنى بىلىندۈرمىگەن ئاساستا سىناپ باقساق بۇلىدۇ، مەنمۇ ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي.
مەن مەلۇم بىر شەھەردە دۇكان ئاچاتتىم، ناچار كىشىلەر ۋە ئوغرىلارنىڭ سەۋەبىدىن بۇدۇكاندىن ئېغىر زىيان چىقتى ،شۇنىڭ بىلەن كىيىن بىر ئاغىنەمنىڭ دۇكىنىغا قارىشىپ بەرمەكچى بۇلۇپ ئۇنىڭ دۇكىنىدا بىر مەزگىل ئىشلەپ قالدىم. شۇ ۋاقىتلاردا مىنىڭ دۇكۇنۇمنىڭ قارشى تەرپىدىكى بىر دۇكانغا ئانچە مۇنچە كىرىپ شۇ دۇكاننىڭ بەزى ئىشلىرىنى خالىس قىلىپ بېرەتتىم، شۇ دۇكاندا ئىشلەيدىغان بىر قىز بار ئىدى. تولا كىرىپ چىقىش جەريانىدا ئۇ قىزنى ياقتۇرۇپمۇ قالدىم، بىراق تۇنۇشۇشنى ھازىرچەئويلاشمىغان ئىدىم، كىيىن ئۇ قىز مىنىڭ ئۈندىدارىمنى قاچىلاپ پاراڭلىشىشقا باشلىدى، بىر ئىككى كۈندىن كىيىن ماڭا ئامراقمۇ بۇپ قالدى، ۋە دۇكىنىغا ئۇنى بۇنى قىلىپ بېرىڭ دەپ چاقىردىغانمۇ بولدى، مەنمۇ ئۇ دۇكانغا چىقىپ ئۇ قىزنى كۆرۈۋېلىشنى ئويلايتىم، شۇڭا ئىككىلەنمەيلا چىقاتتىم، مۇشۇنداق بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئۇ قىزنى مەنمۇ خىېلى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئۇ قىزمۇ مىنى خېلى ياختۇرۇپ قالغاندەك قىلاتتى، تۇنۇشۇپ بىر ھەپتىلەردىن كىيىنلا مەن توي تەكلىبى قويدۇم، ۋە تىزراق توي قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتىم، ئۇ قىزمۇ تىزلا قۇشۇلدى، بىر نەچچە كۈن ناھايتى قىزغىن پاراڭلاشتۇق، بۇپمۇ مەن ئۇنىڭغا بەك ئامراق بۇپ كەتتىم، كىيىن ئۇ قىز مىنىڭ ئائىلە ئاھۋالىمنى سوراشقا باشلىدى، مىنىڭ بەزى ئىقتىسادى ئىشلىرىمنى تويدىن كىيىن نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى سورىدى، مەنمۇئۇنىڭدىن سورۇدۇم، ئۇ قىزنىڭ ئارزۇسى بولسا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ بىر دۇكان ئېچىش ئىكەن، لىكىن ئاتا-ئانىسى قۇشۇلمايدىكەن، توي قىلغاندىن كىيىن كەلگۈسى يولدىشى بىلەن شۇنداق دۇكان ئېچىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئەمما مەن بىر ئىسلامى ئائىلدەچوڭ بولغاچقا كەلگۈسى ئايالىمنى پۇل تېپىشقا قەتئىي سالغۇم يوق ئىدى، جاپاتارتساممۇ ئايالىمنى ئۆيدە قۇيۇپ ئۆزەم دۇكان ئېچىشنى ئويلىغان ئىدىم، بۇئويۇمنىمۇ ھېلىقى قىزغا دىدىم، بەلكىم بۇ پىلانىم ئۇ قىزغا تازا ياقمىغان بۇلىشىمۇمۇمكىن، كىيىن ئۇ قىز مەندىن ئۆيۈمنى ۋە ئىقتىسادى ئەھۋالىمنى سورۇدى، مەن بۇۋاقىتتا ئۇ قىزنىڭ مىنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىدىن تازا گۇمانلىنىپ قالغان بولغاچقا ئۇ قىزغا مىنىڭ ئۆيۈمنىڭ يوقلىقىنى ، ئىجارە ئولتۇرۋاتقانلىقىمنى، ئۆيۈمدە ماڭا قاراشلىق ياشىنىپ قالغان ئاتا- ئانامنىڭ بارلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن مىنىڭ خەۋەر ئالىدىغانلىقىمنى، دۇكان ئېچىپ قاتتىق زىيان تارتىپ كەتكەنلىكىمنى دىدىم، بۇ گەپنى ئاڭلاپلا ماڭا ئامراق بۇقىزنىڭ چىرايى ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى، ئەمما چاندۇرماسلىققا تىرىشتى، مەنمۇچاندۇرماي، ئۇنىڭغا مۇنداق دىدىم، بۇ گەپلەرنى ھەقىقى چىن كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ دىگەن ئىدىم، مەن ئۇ قىزغا" سىزنى ئاللاھ خالىسا بەخىتلىك قىلىمەن، سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزنى ئۆز ئاتا- ئانامدەك كۆرىمەن، سىزنى مىنىڭ خىزمىتىمنى قىلىش ئۈچۈنلائەمەس، سىزنى يېقىن سىردىشىم، ھاياتىم، بارلىقىم، ئەڭ يېقىن دوستۇم، مەڭگۈللۈك ھەمرايىم، بالىلىرىمنىڭ ئانىسى دەپ بىلىمەن، سىزنى جاپا تارتىپ بولسىمۇ بەخىتلىك قىلىشقا تىرىشىمەن، سىزنى ھۆرمەتلىپ، قەدرىڭىزنى ئوبدان قىلىمەن دىدىم، بۇ گەپنى ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇرۇپ دىگەن ئىدىم، ئۇ قىز بولسا بىر ئېغىز گەپ قىلماي بىرخىل مەغرۇلارچە كۈلۈپ تۇراتتى، مەن ئېنىقلا بۇ قىزنىڭ بۇ قىياپىتىدىن ئۇنىڭ مىنىڭ بۇ گەپلىرىمنى پىسەنتكىمۇ ئېلىپ قويمىغانلىقىنى ھىس قىلدىم، چۇنكى چىرايى شۇنداق مەنا بېرىپ تۇراتتى، ئەمەلىيەتتە مەن سودىدىن ئازراق زىيان تارتقان بولساممۇ ئىقتىسادىم ياخشى، ھەم بىنادا خېلى چوڭ ئۆيۈممۇ بار ئىدى. ۋە ئۇزاق قالماي ھۆكۈمەت شەھەر قۇرۇلۇشىغا ئېلىپ كەتكەن ئۆيگەقارىتا بېرىدىغان مىليۇنغا يېقىن پۇلمۇ بار ئىدى. ئەمما مەن ئۇ قىزنىڭ مىنى ياخشىكۆرەمدۇ ياكى مال دۇنيارىمنى ياخشى كۆرەمدۇ بۇنى بىلمىگەچكە مەن ئۆزەمنى ئۇنىڭغائۆيۈم يوق،پۇل يوق، ماشىنام يوق، مۇقىم خىزمىتىم يوق دىگەن ئىدىم. ئەمما ئۇ قىزنىبەخىتلىك قىلىدىغانلىقىمنى ، تىرىشىپ پۇل تېپىپ راھەتتە ياشايدىغانلىقىمىزنى،كەلگۈسۈمگە ئىشەنچىم بارلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ دىگەن ئىدىم، ئەمما ئۇ قىزمىنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئىجارە ئىكەنلىكىنى ، پۇلۇمنىڭ يوقلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئەتىسىدىن باشلاپ ماڭا گەپ قىلماسمۇ بولدى، خەت يازسام خەتمۇ قايتۇرمايدىغان بولدى، بەك پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلدى، مەن سىناقنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئۇ قىزغا قايتا مىنى ياخشى كۆرەمسىز دەپ سۇئال سورىسام مىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، دىمەك ئۇ قىز بىر كۈن ئىچىدىلا مەندىن سوۋۇدى. بولمىسامەن ھىچقانداق كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ئىشنى قىلمىغان ئىدىم، بىر كۈننىڭ ئالدىدابىز كەچكىچە پاراڭلىشىدىغان ، تاتلىقىم ، ئومۇقۇم دىيىشىدىغان بۇپ كەتكەن ئىدۇق،مىنىڭ ئەھۋالىمنى ئۇققاندىن كىيىن بولسا ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس، شۇنداق قىلىپ مەن ئۇ قىزنى ئېلىشتىن ۋاز كەچتىم. بۇ بىر ماڭا تەجىربە ساۋاق بولدى، ھەم دەرس بولدى.ئەگەر سىزمۇ مۇھەببەتلىشىۋاتقان بولسىڭىز مۇشۇنداق بىر سىناپ باقسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
ئەگەرسىز بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسىڭىز, ھەمدە ئۇ قىزنىڭ سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئۇنى مۇنداق سىناڭ، باشتائۇ قىزغا سىزنىڭ ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ، بىر ئۆمۈر قەدىرلەپ ئۆتىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆزىڭىزنىڭ كەمبەغەل ئىكەنلىكىڭىزنى دەڭ، گەرچە باي بولسىڭىزمۇ شۇ قىزنى سىناش ئۈچۈن شۇنداق دەڭ، ئۆيىڭىز مۇقىم بولسىمۇ ئىجارە ئولتۇرۋاتقانلىقىڭىزنى دەڭ، ئەمما ئۇ قىزغا نەقەدەركۆيۈندىغانلىقىڭىزنىمۇ، خانىشتەك كۈتىدىغانلىقىڭىزنىمۇ دەڭ، ئۇ قىزنى كەمبەغەل بولسىڭىزمۇ بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشتۈردىغانلىقىڭىزنى دەڭ، ۋە ئىشەندۈرۈڭ، ئەگەر ئۇ قىز سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە سىزنى كەمبەغەل دىمەي ئاخىرغىچەسىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئىشىنىدۇ،ئەگەر ئۇ مال دۇنيانى ياخشى كۆرىدىغان قىز بولساسىزنىڭ كەمبەغەل ئىكەنلكىڭىزنى بىلگەن ھامان سىزدىن قاچىدىغان بۇلىدۇ،شۇڭا سىز قىز تاللىغاندا مۇشۇنداق سىنىسىڭىز ئۇ قىزنڭ سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز ، مال دۇنيارىڭىزنى ياخشى كۆرىدىغان قىز بىلەن تۇرمۇش قۇرسىڭىز تۇرمۇشىڭىز ھەرگىز ئۇزاققا بارمايدۇ،ئۆمۈرلۈك بەخت ئىچىدە ياشاي دىسىڭز لايىقنى ئوبدان تاللاڭ، دۇنيادا قىزلاركۆپ ـ لىكىن ھەقىقى ياخشى ،دىيانەتلىك قىزلارنى تاپماق تەس،سىز ياخشى يىگىت بولسىڭىز ئۇنداق قىزلار چىقىدۇ. قىز سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە سىز بىلەن جاپا مۇشەقەتنى تەڭ تارتىپ ـ بىرلىكتە بەخىتلىك تۇرمۇشنى بىلە قۇرىدۇـ بەختىڭىز كىچىكىپ كەلسىمۇ ھىچقىسى يوق، ئەمماچىن ھەقىقى بولمىسا سىز بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىپ قالىسىز.
$ B' I) n" u y, j& ]/ ~
ياخشى قىزلار بولسا بۇنداق سىناقتىن گەپ يوق ئۆتۈپ كىتىدۇ.
: N; \# ~. _- p. v; ^; Gمەنبە. نەسرۇللا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-27 04:41 PM : z6 A% E. R- P) k: q7 P8 c
( }& ?9 } c. n6 Q8 x) k+ k