مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 443|ئىنكاس: 8

ئوغۇزغا تويمىغان بوغۇز-ئەفغانىي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111122
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 611
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-11-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 10:17:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏         ئوغۇزغا تويمىغان بوغۇز

          ئابدۇرەھمان ئەفغانىي

   ...
   قۇربان ھېيت يېقىنلاپ قالدى.
   كىيىم-كىچەك زاۋۇتى كېرەكسىز دۆۋە-دۆۋە رەختلەرنى 300 يۈەن بىلەنلا چىرايلىق يۈز قۇر لىباس قىلىپ،بازارغا سالدى.‏ئۇلارنى بىر يايمىچىغا 1500يۈەنگە توپ سېتىپ بەرگەنىدى،يايمىچىنىڭ ‏ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى.‏زاۋۇت ‏ئىشچىلىرىمۇ چاندۇرماي قاقاھلاشتى.يايمىچى ھەر بىر لىباسنىڭ باھاسىنى 49 يۈەن ‏بېكىتتى.خېرىدارلار شۇ ياققا يولىدى.يايمىچى ‏ئۆزىنىڭ ‏ئۇستا ئاراتۇرلىقى بىلەن يايمىلىرىنى بىردەمدىلا سېتىپ تۈگەتتى.باجچىلار كەلدى.يايمىچىدىن 100يۈەن سورىدى.يايمىچى خۇشامەت قىلىپ 150يۈەن تۆلىۋەتتى-دە،ئۆيىگە راۋان بولدى.شۇ سەۋەب,باجچىلار كېيىنكىسىنىڭ قېشىغا "200يۈەن!" دەپ باردى.يايمىچى ‏ئۆيىگە كېلىپ،دارامەتلىرىنى قانماي-قانماي سۆيۈشكە باشلىدى.دەرۋازا قېقىلدى.بىر ھاسىلىق دىۋانە.‏ئۇنىڭغا بىر يۈەن بېرىۋەتسىلا،دۇ‏ئاسىغا نا‏ئىل بولالايتتى.‏ئەمما تىللاقلىق ھەيدىۋەتتى.شۇ چاغدا،يىرتىق كىيىملىرى مەينەت،‏ئوماق يۈزلىرى توپا ‏ئىككى قىز يايمىچىنىڭ ‏ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ:
   ___دادا،‏ئۈچ كۈن ‏ئۆتسە قۇربان ھېيت!بىزگە ‏ئاياغ-‏ئېگىن ‏ئېلىپ بەرمەمسەن؟___دېدى.
   ___پۇل بولسا ‏ئان ‏ئالغىلى بولىدۇ ‏ئېگىن دېگەننى.
   ___سەندە بۇ يىل پۇل جىققۇ،دادا!‏ئۆتكەن يىلى يېنىڭدا پۇل شۇقەدەر ‏ئاز تۇرسىمۇ،ھېيتنىڭ يۈزى دەپ بىزگە،‏ئانامغا يېڭى نەرسىلەرنى ‏ئېلىپ بەرگەنتىڭ!‏ئاداشلىرىمىزنىڭ ‏ئاتا-‏ئانىسى ‏ئۇلارغا شۇنداق چىرايلىق كىيىملەرنى ‏ئېلىپ بېرىپتۇ.سەنمۇ ‏ئېلىپ بەرگىنچۇ،دادا!
   ___ۋايجان ن،تولا كاپشىماي يوقىلىشە ماڭ!يا شۇلارغا بالا بولۇۋېلىش بېرىپ.جايى بار پۇللار ‏ئۇ مەندىكى.
   بالىلار خاپا بولۇشۇپ ‏ئانىسىنىڭ باغرىغا يىقىلدى.‏ئانا ‏ئۇلارغا:
   ___يىغلىماڭلار،مەلىكىلىرىم!سېلەر يىغلىساڭلار،مېنىڭ يۈرىكىممۇ ياش تۆكىدىكەن.‏مەن ‏ئەتە مۇشۇ كىيىمىڭلارنى پاك-پاكىز يۇيۇپ،تىكىپ بېرەي،بولامدۇ-ھە؟___دەپ تەسەللى بەردى.
   دادا گۇگۇمدا ‏ئۆيدىن چىقتى.‏بىر تۈڭلۈكتىن ‏ئولجىنى مارىدى.‏ئاندىن قىچقاردى.
   ___تېز كەت!___دېدى چوكان ‏ئاياللارغا خاس ناز بىلەن يايمىچىنى ھەيدەپ.
   ___نەگە كېتىمەنۇي،يۈزسىز خېنىم؟
   ___نەگە كەتسەڭ شۇ يەرگە كەت!باشقىلار كۆرۈپ قالسا...
   ___مەيلى ‏ئەمەسمۇ!
   يايمىچى يانچۇقىدىن بەش تال قىزىل پۇلنى چىقىرىپ،چوكاننىڭ ‏ئالدىدا گىچىڭلاتقىلى تۇردى.‏ئولجا ‏ئېرىدى.چوكاننىڭ ‏ئۇزۇندىن بېرى جىمىپ قالغان ناز-كەرەشمىسى پۇلنى كۆرۈپ بىردىنلا خۇيلىنىپ كەتتى.توغرا،ئۇ ‏ئەركەككە تويۇپ كەتكەن بىلەن،پۇلغا تېخى تويمىغان...
   يايمىچى ‏ئۆيىگە بامدات پەيتىدە كەلدى.كېلىپلا خورەككە چۈشتى.بۇ ھالنى كۆرگەن ‏ئانا ‏ئېغىر خورسىندى.يايمىچى زاۋالدا ئويغىنىپ،قاۋاقخانىغا كەلدى.بىر مۇنچە بوتۇلكىلارنى بوشلىدى.بوغالتىر ھېسابنى ‏ئىككى ھەسسە قىلىپ بوغدى.يايمىچىنىڭ «مەرد» قوللىرى ‏ئىككىلەنمەستىن تاۋكاغا پۇل تاشلىدى.
   يولدا بىر ‏ئوغرى يايمىچىنىڭ چۆنتىكىنى نىشان قىلدى.‏ئوغرى ‏ئىشنى پۈتتۈردى.مەست-‏ئەلەس يايمىچى بۇنى تۇيمىدى.قىسقىسى،ئۆزىنىڭ قاق-سەنەم بولۇپ كەتكەنلىكىنى تۇيالمىدى.
   يايمىچى يولنىڭ ھېلى ‏ئۇ چېتىدە،ھېلى بۇ چېتىدە دەلدەڭشىپ مېڭىۋاتاتتى،ھەمساتتا بىر ماشىنا ‏ئۇچقاندەك كېلىپ ‏ئۇنى سوقىۋەتتى.شوپۇر ‏ئاقىۋەتتىن قورقتى.‏ئەتراپقا باقتى.‏ئىنسى-جىن يوق ‏ئىدى.ھاپىلا-شاپىلا قاچتى.
   كېتىۋاتقان بىر كىشى يايمىچىنى كۆرۈپ،‏ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى.‏ئاۋۋال يانچۇقىنى ‏ئاختۇردى.‏ئاندىن غەزەپتىن:«ھۇ قەلەندەر!» دەپ قارغىۋەتتى.‏ئۇنىڭغا نەدىن كەلگەن ‏ئىنسابكىن،120گە تېلىفۇن ‏ئۇرۇپ،ئەھۋالنى بايانات ئەيلىدى.كېيىنلا «بىكاردىن-بىكار» سەرپ بولغان توققۇز پۇڭىغا ‏ئىچى قەۋەت كۆۋرىدى.قۇتقۇزۇش ماشىنىسى دورا يەۋالغان بېلىقتەك ‏ئالدىرماي نەق مەيداندا ھازىر بولدى.دۇختۇرلار يايمىچىنى دۇختۇرخانىغا ‏ئاپىرىپ،يارىلانغان يەرلىرىنى بىر قاتار تەكشۈرۈپ چىقتى.
   ‏ئەتىسى يايمىچى مەستلىكتىن يېرىم يېشىلگەن ھالەتتە ھوشىغا كەلدى.ھوشىغا كېلىپلا يانجۇقىنى مالتىلاپ،خۇددى چار يىلان چېقىۋالغاندەك چىرقىراپ كەتتى:«ۋاي پۇلۇم!».ياتاققا بىر دۇختۇر كىردى.ھەمدە بىر قەغەزنى يايمىچىنىڭ ‏ئالدىغا چىرايلىققىنە قۇيۇپ,كۈلۈمسىرەپ بىر ياققا ‏ئۆتتى.يايمىچى ‏ئاغرىۋاتقان قوللىرى بىلەن قەغەزنى ‏ئالدى ۋە يوغانغىنە يېزىلغان سانلارغا كۆزى چۈشتى:3000يۈەن.
   يايمىچىنىڭ بېشىنى بۇس ‏ئورىدى.‏ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىدىن تۆت-بەشى خېلى قاتتىق سۇنغان،شۇ تاپ ‏ئۇ چىدىغۇسىز ‏ئاغرىقنىڭ چاڭگىلىدا ‏ئېچىنىشلىق ‏ئىڭراۋاتىدۇ.دۇختۇرلار ‏ئالدىن پۇل تۆلەنمىسە،داۋالاشنى باشلىمايدىغانلىقىنى ‏‏ئېيتقان.رېئاللىق رەزىل!‏ئۇلارغا يايمىچىنىڭ جېنىدىن كۆرە پۇلى بەكرەك لازىم.
   يايمىچىنىڭ كۆيۈمچان،بىچارە خوتۇنى يېقىن-يورۇقلارنىڭكىگە قەرز سوراپ باردى.‏ئۇنىڭ چىرايىغا ھېچكىم قارىمىدى.قارىسىمۇ ھېيتنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى،ھېيتتا ھەممە ‏ئادەمگە پۇل كېرەك بولىدىغانلىقىنى باھانە ‏ئەتتى.بىر قەدىناسى بار ‏ئىدى.‏ئۇ بەجايىكى جېنى تېنىدىن جۇدا بولغاندەك،تەستە مىڭ يۈەننى سۇندى.داۋالاش ‏ئىككى كۈنلا داۋام ‏ئەتتى.
   ‏ئايالنىڭ قەدىناسى دەرۋازىنى قاقتى.«پۇل!» دېدى.‏ئايال تىرنىقىنى كوچىلىدى...

     ●●●          ●●●          ●●●

جاھاننامە روجىكىدىن 21-‏ئەسىرنىڭ ‏ئۇشبۇ كارتېنلىرىنى كۆرگەن دانىشمەن جاھان،زامان،ئىنسان...ھەممىسىنىڭ شەخسىيەتچىلىكىگە ‏ئۆكۈنمەي،ئېچىنماي ‏تۇرالمىدى.‏ئۇ كۆككە قاراپ نالە ‏قىلدى:
   ---‏ئېھ بارچە قىسمەتنىڭ شاھىتى پەلەك،قېنى دەپ باققىنە!بۇ جاھان نېمە بولۇپ كەتتى؟زاۋۇت،يايمىچى،باجچى،جۇۋان،بوغالتىر،‏ئوغرى،شوپۇر،ئىنسابلىق،دۇختۇر،تۇغقان،قەدىناس...ھەممىسىلا پۇل دەيدىكەنغۇ؟!‏ئۇلار نېمىشقا پۇلنى دەپلا سەمىمىيلىكتىن،ئىپپىتىدىن،ۋىجدانىدىن،ئىنسابىدىن،بۇرچىدىن،قېرىنداشلىقتىن تانىدۇ؟ياكى پۇل شۇقەدەر قۇدرەتلىك نېمىمۇ؟بۇلار زادى نېمىشقا؟
   ---‏ئوغۇزغا تويمىغان بوغۇز پۇلغىمۇ تويمايدۇ-دە!---دەپ گەپنى خۇلاسىلىدى پەلەك.

             2014-يىلى ئىيۇننىڭ 18-كۈنى،يۇرۇڭقاش




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109886
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 650
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2014-9-13
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 02:36:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياقتى ما تىما ماڭا تالانىت باكەن سىزدە  ,
يېزىڭ  ,يېزىڭ كۆپلەپ يېزىڭ
سىزدەك يازغۇچىلا ئاز بىزدە بىزدە شۇئارچىلار كۆپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9043
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3407 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 03:18:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىسىدىنلا ئادەمنى قىزىقتۇرىدىكەن ،،،ياخشى يېزىپسىز ،،تېخىمۇ تىرىشىڭ ! ئىشلىرىڭىزغا ئامەت،تېنىڭىزغا سالامەتلىك تىلەيمەن !

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7103
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 03:31:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ قاملىشىپتۇ. ئوغۇزغا تويمىغان بوغۇز

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2042
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 11:16:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 11:31:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىققان ئەسەر !
نىمىسىنى دېسەم بۇلا ، دېمىسىمۇ ھەممە ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە شۇ ئۆزىمىز سەۋەپچى بۇلۇپ قالىمىزكەن !
تېمىسى راستلا بەك ياخشى قۇيۇلۇپتۇ !

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 08:39:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111122
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 611
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-11-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 09:06:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىغانىي مېنىڭ بۇرۇنقى تەخەللۇسۇم،ئ‍ۆتكەندە باغداش تورىغا يوللىغان ئ‍ىدىم،ھازىر قايتا تەھرىرلەپ مىسرانىمغا يوللىغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1675
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15006
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2790 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 11:58:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساندۇقتا ساقلاپ يۈرمەي بالدۇرراق يوللىغۇلۇقتى بۇنداق ئېسىل تېمىنى !
تور يازغۇچىلىرمىز بىر-بىرىدىن يېڭىچە ئۇسلۇبلار بىلەن بىر -بىرىدىن ئۆزگىچە ئەسەرلەرنى يېزىۋاتىدۇ . ئاپىرىن !

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش