|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار، مەن مىسرانىم مۇنبىرىغا ئەزا بولغاندىن بۇيان مۇنبەرگە ئەسەر يوللاپ تۇرالمىدىم، بۇندىن كېيىن دائىم دېگۈدەك كېلىپ تۇرىمەن. بارلىق تورداشلارنىڭ ماڭا ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سالامەت بولغايسىلەر. ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ ئائىلىسىنى خاتىرجەم، تېنىنى سالامەت قىلغاي.
سالام دادا
(دادام باتۇر روزى ۋاپاتىنىڭ ئالتە يىللىق خاتىرىسىگە )
نازىنە باتۇر روزى
قەدىرلىك دادا،
سىزگە سالام خەت يازدىم.
سالىمىمنى،
سېغىنىشىمنى،
مۇھەببىتىمنى
روھىڭىزنى سۆيۈپ ئۆتسۇن دەپ.
قەلبىم تۆرىدە
ئولتۇراتتىڭىز كۈلۈمسىرەپ
مەدەت بېرىپ ھاياتلىقىمغا.
«پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر»نىڭ قاتارىدا
شۇنچە تېزلا كېتىپ قالدىڭىز.
«باش زىندانلىرىغا ھۇجۇم»لار قىلىپ،
ئۆتكەن ئىدى ئۆمرىڭىز دادا.
ئەل-ۋەتەن دەپ، ئادىللىقنى دەپ،
كۆيەر ئىدى جانىڭىز دادا.
شۇنچە تېزلا ئالتە يىل بوپتۇ،
نەچچە كىردىڭىز چۈشلىرىمگە ئاھ!
مەدەت بېرىپ مەنزىللىرىمگە.
ئېيتار سۆزلىرىم تۈگىمەي تۇرۇپ،
كەتتىڭىز،قالدىم بۇندا يىگانە.
قالدۇق نىچۈن ناتىۋان بولۇپ؟
نىچۈن ئەزرائىل كېلىدۇ تىمتاس؟
سىزگە ھەمراھ نىچۈن قارا يەر؟
نىچۈن قىسمەت بىزگە زومىگەر؟
ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا
ئۇچرىتىمەن
سىزگە ئوخشاپ كەتكەن ئادەمنى.
يۈگرەپ بېرىپ قاراپ، سىنچىلاپ
دەيمەن دادام ئەمەسكەن ياق، ياق!
قايتىپ بېرىپ غېرىپ كۆلبەمگە
ياشلىرىمنى تۆكتۈم بەك ئۇزاق.
دادا
روھىڭىزنى قىلىپ يۆلەنچۈك
ئىرادەمنى قىلىپ قىبلىگاھ
نىشانىمغا يېتىمەن چوقۇم،
مەيلى ئۇزاق بولسىمۇ قىرغاق!
( «كروران» ژۇرنىلىنىڭ 2009.2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)
خىيال كېچىسى
دەرىزە تۈۋىدە
ئولتۇراتتىم ئاسمانغا قاراپ،
كۆز ئالدىمدا قاپقارا جاھان
كۆردۈم مەن
ئورغاق ئاينى،
ئاسمانغا ئېسىلغان نۇرلۇق يۇلتۇزنى،
خىيالىم كېمىسى شۇ كەڭ ئاسماندا
قانات چىقىرىپ قىلاتتى پەرۋاز.
كۆردۈم مەن ،
ئۆزۈمنىڭ گۆدەك چېغىنى.
دادامىنىڭ قوينىدا ئەركىلەپ ئويناپ.
غەمسىز - قايغۇسىز ئۆتكەنتى شۇنداق.
كۆردۈم مەن ،
دادام ئولتۇرۇپ ئۈستەل يېنىدا ،
چالغان ئىدى «يارۇ»غا ،
«چىرايلىق»قا.
ئاۋازى كىشىنى قىلاتتى مەستخۇش.
كۆردۈم مەن
يۇرتۇمنى-زەرەپشاننى ،
دادام چوڭ بولغان ئۆسكەن ، يېتىشكەن.
جەننەت كەبى يېشىللىق،
يېشىل تاغ ،
يېشىل يايلاق ،
بىپايان دەريا.
مەن ھەم كىچىك كۆلدە ،
شۇڭغۇپ ئوينىغان.
كۆردۈم مەن ،
دادامنىڭ كەچمىشلىرىنى،
ئازاب-ئوقۇبەت، جاپاغا تولغان.
ئارزۇ-ئۈمىد، غايە بىرلەشكەن،
بەستلىك قامەت ،
سىرلىق كۆز
سىرلىق ئىدى ھاياتىمۇ ھەم.
ئۇ كەتتى يىراقلارغا،
كەتسە كەلمەس ناتونۇش جايغا.
كەتتى،
شاھ مەشرەپ بوۋام بىلەن سىرداشقىلى،
ۋە لېكىن غايىلىرى ئىشقا ئاشمىدى،
سىرلار تېخى ئېچىلمىدى.
تەڭرىقۇت ئۇكام
بىلمەيتتى دادىسىنىڭ كىملىكىنى،
ھاياتىنى، تارىخىنى.
كۆردۈم مەن ،
غايىبانە بىر نۇرنى ،
بۇ نۇر تۇتاشتۇردى قەلبلەرنى
دادام قۇلاق تۈۋىمدە پىچىرلايتتى:
«قىزىم ، تىرىشىپ ئۆگەن،
مېنىڭ ئۈمىدىم ، ئارزۇيىممۇ سەن،
ئاپاڭنى ، ئۇكاڭنى ،
جان بىلەن قوغدا.
سەن مېنىڭ دۇنيادىكى
روھىم ۋە جىسمىم.
سېنى سۆيۈپ ،
خەير- خوش قىزىم....»
كۆز ياشلىرىم تاراملاپ چۈشتى،
نۇر يىراقلىشىشقا باشلىدى.
بار ئاۋازىم بىلەن ئۈنلۈك توۋلىدىم:
«دادا، كەتمەڭ ،
سىزگە دەيدىغان سۆزلىرىم نۇرغۇن،
سىزسىز زۇلمەت
دوزاخ بولار جاھان ماڭا.
كەتمەڭ دادا ،
غايىڭىزنى جان دەپ ئاقلايمەن.
خاتىرجەم بولۇڭ مۆھتىرەم دادا.
سەلتەنىتىم پەخرىمسىز ئاتا!»
بىراق بۇ نۇر ئاللىقاچان كەتتى يىراققا ،
مەن شۇ نۇرنى ئىزلەپ تېڭىرقاپ،
كېزەر ئىدىم كېچە ئاسمىنىدا.
2008-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى
|
|
|
|
|
|