مېھىر-مۇھەببەت 10يۈئەندىن باشلىنىدۇ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, Q0 n, Z* l' l0 F5 `بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, [4 _" B$ H6 z5 P6 V
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 2- كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىنىڭ 4- قەۋەت يىغىن زالى قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىدى. بۇ يەردە ‹‹شىنجاڭ 10يۈئەن مېھرىبانلىق فوندى جەمئىيىتى ئاقسۇ شۆبىسى››نىڭ ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم ساخاۋەتچىلەر ئىللىقلىق مىلودىيىسىنى ياڭرىتىپ، بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى 100دىن ئارتۇق بالىلارنىڭ قەلبىگە مېھىر-مۇھەببەت ئۇرۇقىنى تېرىماقتا ئىدى.
بۈگۈنكى پائالىيەتكە شىنجاڭ 10يۈئەن مېھرىبانلىق فوندى ئاقسۇ شۆبىسىنىڭ 30دىن ئارتۇق ئەزاسى، بىر قىسىم گېزىت مۇخبىرلىرى ۋە تاراتقۇ ۋەكىللىرى ۋە بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى 100دىن ئارتۇق ئارتۇق بالىلار قاتناشتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 Q& O, X- B& d; Y" \7 l
پائالىيەت باشلانغاندا مۇشۇ پائالىيەتنىڭ باش رىياسەتچىسى گۈلنۈر نەجمىدىن خانىم بۇگۈنكى پائالىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئېلان قىلدى ۋە بۇ فوندى جەمئىيەتنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. گۈلنۇر نەجمىدىن خانىمنىڭ دىيىشىچە شىنجاڭ 10يۈئەن مېھرىبانلىق فوندى جەمئىيىتى ئاقسۇ شۆبىسى 2014-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىتتىپاق كومىتىتى تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنغان. بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى دەسلەپكى يەتتە نەپەر ئەزادىن ھازىرقى ھەر مىللەتتىن بولغان 150تىن ئارتۇق ئەزاغا كۆپەيگەن بولۇپ قىسقىغىنا يېرىم يىلدا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ يىتىم-يىسىر، ئاجىز مېيىپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر بالىلارغا ياردەم بەرگەن .بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى ھازىر ئاقسۇ شەھرىدىكى تۆت مەكتەپتىكى 40 نەپەر قىيىنچىلىقى ئېغىر ھەر مىللەتتتىن بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ئوقۇش قۇراللىرى ۋە سۇغۇرتا پۇلىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كېلىۋېتىپتۇ.
شىنجاڭ 10 يۈئەن مېھرىبانلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئاقسۇ شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى يۈسۈپجان كىبىر ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى: ھەر بىر ئەزا ئايدا 10 يۈئەندىن پۇل يىغىش ئارقىلىق قىيىنچىلىقى ئېغىر، يىتىم-يىسىر بالىلارغا ياردەم قىلدۇق، بىز بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزەلىسەك ناھايىتى خوشال بولىمىز. گەرچە يىغىلغان پۇل ئاز بولسىمۇ بالىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىز چەكسىزدۇر. فوندى جەمئىيىتىمىز قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بالىلارغا خوشاللىق يەتكۈزۈش، دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىنى، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى مېھرىبان كىشىلەرنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇھەببىتىنى بالىلارغا يەتكۈزدۇق. بىز بۈگۈن بالىلارغا 700يۈئەن قىممىتىدىكى كىتاب، 5000 يۈئەن قىممىتىدىكى بالىلار ياقتۇرۇپ يەيدىغان ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كەلدۇق. بىز بالىلارنىڭ تىرىشىپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۈگۈنكى پائالىيەتتىن خەۋەر تاپقان شىنجاڭ ئارمان گوروھى ‹‹مارىي بىراۇن تېز تاماقخانىسى››نىڭ ئاقسۇدا يېڭىدىن قۇرۇلغان تارمىقىنىڭ خوجايىنى ئۆز تاماقخانىسى نامىدىن 5000يۈئەن قىممىتىدىكى ئېسىل تائاملىرىنى ئېلىپ كېلىپ بالىلارغا يىگۈزدى.
پائالىيەت ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا داۋام قىلدى، بالىلارغا يېمەكلىك ۋە كىتابلار تارقىتىلىپ بولغاندىن كېيىن فوندى جەمئىيەت ئەزالىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان ھەر خىل قىزىقارلىق سەنئەت نومۇرلىرىنى بالىلارغا ئورۇنلاپ بەردى ۋە بالىلار بىلەن ھەر خىل ئويۇنلارنى ئۇيناپ بالىلارغا خوشاللىق ئاتا قىلدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 H& y# T6 s5 c5 e& Z6 X دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر.
مەن جەمئىيەتتىكى بارلىق ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ‹‹شىنجاڭ 10يۈئەن مېھرىبانلىق فوندى جەمئىيىتى››گە ئەزا بولۇپ بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى سەمىمىي تەۋىسىيە قىلىمەن.
بىز بىر قاچا تاماق، بىر قاپ تاماكا، بىر قۇتا گىرىم بۇيۇمى، ئاددىغىنە بىر قېتىملىق ئولتۇرۇشتىن ۋاز كېچەلىسەكلا چېھرىنى مىسكىنلىك قاپلىغان سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىگە خوشاللىق ئاتا قىلالايمىز. ئۇلارنىڭ قەلبىگە مېھىر-مۇھەببەت ئۇرۇقى تېرىيالايمىز.سىز ياردەم قىلغان ئاشۇ ئازغىنە پۇل بىر ياكى بىر قانچە ئوقۇغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى يېڭى بىر پارلاق مەنزىلگە باشلىيالىشى مۇمكىن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& U' r& g& c( B, ~. P: _
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر: