مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1070|ئىنكاس: 4

بوز كۆرپەش ۋە قارا ساچ ئايىم(ئۈچۈنجى بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 326
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 04:53:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بوز كۆرپەش ۋە قارا ساچ ئايىم
(خەلق داستانى)

QQ图片20141117024629.jpg


باياغىل ئاتىسىنىڭ مەسلەھەتى بۇيىچە شۇ كۇنى بىر چاكىرى ئارقىلىق خەۋەر قىلدۇرۇپ،يېقىن ئەتراپتىكى ئىشەنچىلىك يىگىتلىرىنى مەھەللە سىرتىدىكى ئاق قۇملۇق باغرىغا يىغدى.بوزكۆرپەشنىمۇ چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دىدى:ھوي بوزكۆرپەش! بەكمۇ زېرىكىپ كەتتىم شۇڭا بۇگۇن يىگىتلەرنى چېلىشىش مەيدانىغا يىغدىم،ئاڭلىسام يۇرتۇڭدا داڭلىق پالۋان ئىكەنسەن،سەنمۇ بۇگۇن مەيدانغا چۈشۈپ كارامىتىڭنى كۆرسەتسەڭ!
بوزكۆرپەش بۇ ئىشنىڭ تېگى-تەكتىگە يېتەلمەي تېڭىرقاپ قالدى.باياغىل ئۇنى زاڭلىق قىلىشقا باشلىدى:بوزكۆرپەش سەن ئۇغۇل بالىغۇ،پالۋان نامىڭ يالغان ئىكەندە،بولمىسا تۇخۇ يۇرەكلىك قىلىپ كۆمسەم پىشارمۇ ياقسام پىشارمۇ دەپ تۇرۇپ قالماس ئىدىڭ.بۇ گەپتىن بوز كۆرپەشنىڭ راسا ئاچچىغى كەلدى.ئاچچىغىنى ئىچىگە يۈتۈپ زەردە بىلەن مۇنداق دىدى:
باياغىل،مەن مەيدانغا چۈشسەم سېنىڭ كۆڭلۈڭ ئىمىن تاپامدۇ؟
باياغىل بۇ گەپنى ئاڭلاپ ياسىمىلىق بىلەن كۈلدى.چېلىشىش باشلاندى.بوزكۆرپەش مەيدانغا چۈشتى.لىكىن باياغىل شۇنچە تاللاپ چۈشۈرگەن بولسىمۇ يىگىتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى بوزكۆرپەشكە تەڭ كېلەلمىدى.بۇنىڭدىن باياغىلنىڭ ئوغىسى قايناپ يېرىلغۇدەك بۇلۇپ كەتتى.بوزكۆرپەشنىڭ دىۋىدەك كۈچى بولسىمۇ شۇنچە كوپ كىشى بىلەن چېلىشقاندىن كىيىن ئەمدى ھارغاندۇ.ئۆزۈم مەيدانغا چۈشۈپ بېشىمدىن ھالقىتىپ يەرگە شۇنداق ئۇرايكى ئۇستىخانلىرى كۇكۇم تالقان بۇلۇپ كەتسۇن ئەل-جامائەت مىنى تۇنۇپ قويسۇن!دەپ ئويلىدى-دە ئوزى مەيدانغا سەكرەپ چۈشتى.شۇ چاغدا بوزكۆرپەش قاراساچ ئايىمنى ئەسلەپ كۆڭلىدە سۆيۈندى،پۈتۈن ۋۇجۇدى كۈچ-قۇدرەتكە تولدى.لىكىن ئۇنىڭ ھورمىتى ئالدىدا ئاكىسى بىلەن بەل تۇتۇشۇشنى ھاياسىزلىق بىلىپ باياغىلغا قاراپ بىر سۆز باشلىدى:


ھوي باياغىل،باياغىل،
ئاداشتىڭمۇ ئەقلىڭدىن؟
سەن مىنىڭ ئاكامدۇرسەن،
يانغىن شەيتان پەيلىڭدىن.


كۆڭلۈڭمۇ ئېچىلغاندۇر،
يىغىش تۇرغىن مەيداننى.
بۇندىن بۆلەك ئىشقا سال،
تەسەددۇق قىلاي جاننى.


باياغىل ئۇنىڭغا قاراپ دىدى:


ھوي تېگى پەس بوزكۆرپەش،
ئادىشىپسەن ئەقلىڭدىن.
جۆيلىمىگىن ساراڭدەك،
ئاكا تاپ ئۆز خىلىڭدىن.


كۆڭلۈم تېخى ئېچىلمىدى،
يىغمايمەن بۇ مەيداننى.
سەن بىلەن بىر ئېلىشىپ،
شۇندا تاپاي ئارامنى!


بوزكۆرپەش باياغىلنىڭ ‹ئاكا تاپ ئۆزخىلىڭدىن›دىگەن سۆزىدىن بەكلا خورلۇق ھېس قىلدى.بۇ خورلۇقنى يۇيۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئېلىشىپ ئۆزىنى تۇنۇتۇپ قۇيۇشقا مەجبۇر بولدى باياغىل بوزكۆرپەشنىڭ ئالدىدا ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئالچاڭشىپ يەمگە ئېتىلغان يىرتقۇچتەك ئېتىلدى.بوزكۆرپەش ئۆزىنىڭ بېلىنى باياغىلنىڭ تۇتۇۋېلىشىغا يول قويدى.باياغىل بارلىق كۈچىنى پەنتىنى ئىشقا سالسىمۇ بوزكۆرپەشنى ئورنىدىن مىدىرلىتالمىدى ئۇ گويا قۇملۇقتا ئۆسكەن باراقسان توغراقتەك مەزمۇت تۇراتتى.ئالدىنقى مەيداندا بوزكۆرپەشتىن يېڭىلىپ قاتاردىن چىققان يۈندىخور يىگىتلەر باياغىلنى كۈش-كۈشلەپ:‹باياغىل ماۋۇ يەرگە تۈكۈرۈپ قويدۇم كاللاڭدىن ھالقىتىپ شۇيەرگە ئات›دەپ چۇقان سېلىشاتتى.باياغىل شۇنداق قىلماقچى بۇلۇپ تىركاڭشىدى لىكىن بوزبوزكۆرپەشنى جايىدىن مىدىرلىتالمىدى.ئەمدى ھۇجۇم قىلىش نۆۋىتى بوزكۆرپەشكە كەلگەن ئىدى.بوزكۆرپەش يۈندىخورلارنىڭ دىگىنى بويىچە باياغىلنى شۇلار كۆرسەتكەن يەرگە ئاستاغىنە ئاتتى.بۇ ئەلەمدىن يېرىلغۇدەك بولغان باياغىل تېخىمۇ جىلە بۇلۇپ كەيپى تۈتۈندەك تارقاپ.‹يېقىلغان چېلىشقاتويماپتۇ›دىگەندەك:بۇ ھېساپ ئەمەس پۇتلىشىپ كەتتىم ،-دەپ ۋارقىرىدى.ئۇ بوزكۆرپەشنىڭ نىخارامان تۇرغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا غالجىر ئىتتەك ئۆزىنى ئۇرغان ئىدى،بوزكۆرپەش چەبدەسلىك بىلەن ئۆزىنى يانغا ئېلىۋالدى.باياغىل دۇغىنى ياندۇرالماي يەرگە دۈم چۈشتى،ئاغزى-بۇرنىغا قۇم تىقىلدى،رەسۋاچىلىق ئۇستىگە رەسۋاچىلىق بولدى.ئۇ ئاچچىغىغا پايلىماي ئاغزىنى بۇزۇپ تىل-ھاقارەت قىلىشقا باشلىدى:
گۇي خۇمسى ئوغۇل بالا بولساڭ ئۆزەڭنى نىمىشقا ئەپ قاچىسەن؟ نوچى بولساڭ كەلمەمسەن قېنى !  
كۆزلىرىگە قان تولغان باياغىل تېخىمۇ ۋەھشىلىشىپ دىۋەيلەپ كەلدى.بوزكۆرپەش ‹نىمەقىلاركىن قىنى› دەپ جىم تۇردى.ئايىغاننى بىلمىگەن باياغىل بوزكۆرپەشكە يەنە ئېتىلدى.بوزكۆرپەش ئەتراپتىكىلەرگە ئاڭلىتىپ باياتىن ئاتقىنىم ھېساپ بولمىسا ئەمدى ئاتقىنىمنى كۆر!-دىدى-دەباياغىلنى ئېگىز كۆتۈرۈپ كىچىك بالىنى پىرقىراتقاندەك پىرقىرىتىپ بېشىدىن ھالقىتىپ يەرگە شۇنداق ئۇردىكى،باياغىل ‹غىق....›قىلىپ، قۇلىقىغىچە قۇمغا پېتىپ كەتتى.ئەتراپتىكىلەر بۇنى كۇرۇپ قورققىنىدىن بۆكلىرىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىغا قارىماي بەدەر قېچىپ كېتىشتى.بوزكۆرپەش غالىبانە ھالدا:
-سىنىڭدىن باشقا ئادەم بولسا رەھىم قىلمايتتىم خەير،سىڭلىڭ قارا ساچنىڭ يۈزى ئۈچۈن سىنى تارتىپ قوياي!-دەپ ئۇنى قۇملۇق تۇپىدىن تارتىپ ئالدى كىيىم-كىچەكلىرىنى قېقىشتۇرۇپ تازىلاپ قويدى.باياغىل بوزكۆرپەشنىڭ كۈچىگە تەن بېرىپ نائىلاج تۈلكىلىك بىلەن ھىجىيىپ خۇشامەت قىلىشقا باشلىدى:-مەن ئۇقماپتىمەن،كە....چۈرسىلە...يۈرسىلە...مەن سىلىنى......
بوزكۆرپەش باياغىلنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي،ئۆز يولىغا راۋان بۇلۇپ ھۇجرىسىغا قايتتى.
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتتى،باياغل دادىسى بىلەن باش قاتۇرۇپ يېڭى ھىيلە ئويلاپ تاپتى.بىر كۇنى ئەتىگەنلىكى باياغىل بوزكۆرپەشنىڭ قېشىغا كەلدى.ئۇ يۇۋاش مۇلايىم قىياپەتتە كۈچۈكلنىپ:
ئۆتكەندە سىلىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلپ قۇيۇپتىمەن كۆڭەللىرىگە ئالمىسىلا سىلىنى بىر ئىشقا تەكلىپ قىلىپ كىلىۋىدىم دىدى.ئېيتسىلا نىمىش ئىدى ؟دەپ سورىدى بوزكۆرپەش.
ئاتام يېڭى ئوۋ گۆشى سېغىنىپ قاپتۇ. بىللە ئوۋ ئوۋلاپ كەلسەكمىكىن دىۋىدىم دىدى باياغىل.
بوزكۆرپەشمۇ ئوۋغا بېرىشنى سېغىنىپ يۈرگەن ئىدى.شۇڭا ئۇ، بۇلىدۇ، بارايلى دىدى!-دەپ جاۋاپ بەردى.
بوزكۆرپەش بىلەن باياغىل ئۇزۇق-تۈلۈكلىرىنى راسلاپ قىلىچ ئوق-يالىرىنى ئېسىشىپ سەپەرگە ئاتلاندى. ئاسماننى قارا بۇلۇتلار قاپلىغان ئىدى. ئۇلار ئورمانلىققا كىرگەندە باياغىل بوزكۆرپەشكە مۇنداق دىدى:
سەن مېڭىپ تۇر، مەن تەرەت سۇندىرىۋېلىپ ئارقاڭدىن يىتىپ باراي!
بوزكۆرپەش ۋاپادار ئېتىنى چاپقۇتۇپ ئالدىغا ئۈتۈپ كەتتى.ئۇ خېلى يول ماڭغاندىن كىيىن ئارقىسىغا قاراپ باقتى لىكىن باياغىلنىڭ قارىسىمۇ كۈرۈنمەيتتى.  بوزكۆرپەش  ئويلۇنۇپ قالدى:‹باياغىلغا نىمە بولغاندۇ؟نىمىشقا مۇشۇ چاققىچە قايتىپ كەلمەيدۇ،مۇشۇ يەردە بىردەم ساقلاپ تۇراي›ئۇ ئاشۇنداق خىياللار بىلەن ئاتتىن چۈشۈپ،ئېتىنى قۇمۇشلۇققا قۇيىۋەتتى ئۆزى بىر تۈپ قېرى توغراقنىڭ سايىسىگە كىلىپ ئولتۇردى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا قاراساچ ئايىمنىڭ مېھرى-شەپقەت يېغىپ تۇردىغان ئانار يۈزلىرى بولاقتەك ئويناپ تۇرغان خۇمار كۆزلىرى كىلىشكە باشلىدى،قەلبىنى سېغىنىش ھېسياتى چۇلغىدى،ئۇنى ئەسلەپ قوشاق ئېيتىشقا باشلىدى:


خۇدايىم قانات بەرسە،
ھاۋانى يېرىپ ئۇچسام.
يار قېشىغا تىز بېرىپ،
تىنىچ-ئامانلىق سوراشسام.


ئۆگەن دەريا سۈيىدە،
كېمىگە سەپ ئويناتسام.
قوڭغىراق ئاسىپ قويدۇم،
ئاق سەركەنىڭ بوينىغا.


قاراپ-قاراپ تويمايمەن،
يارىم تۇرغان ھويلىغا.
ئۆزۈمنى ئاتقۇم كېلۇر،
ئاق مامۇقتەك قوينىغا.


چۆلدىمۇ زېرىكمەيمەن،
ئامرىغىم سىنى ئويلاپ.
بۇ قوشاقنى تۇقۇدۇم،
ئۆگەن دەريانى بويلاپ.


ئالۇرمەن سىنى قاچان،
ئەلنىڭ ئالدىدا تويلاپ.
بۇغداينىڭ ئاراسىغا،
ئارپا ئارلىشىپ كەتكەن.


ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى،
سىرلاپ يۇغۇرۇپ ئەتكەن.
سىنىڭ بىلەن مىنىڭدەك،
كىم مۇرادىغا يەتكەن؟


بوزكۆرپەش باياغىلنى خېلى ئۇزاق ساقلىدى لىكىن ئۇ نىمە ئۈچۈندۇر يېتىپ كېلەلمىدى.‹بىرەر پالاكەتكە يۇلۇقتىمۇ نىمە؟›دىگەن خىياللار بوزكۆرپەشنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى.شۇڭا ئۇ ئارقىسىغا قايتىپ ئىزلەپ ماڭدى.خېلى يول يۈرۈپ يولنىڭ بۇيىدا بۈك باراخسان ئۆسۈپ تۇرغان يۇلغۇنلۇقنىڭ ئۇدۇلىغا كىلىپ توختىدى.يۇلغۇنلۇق ئىچىدىن بىر دانە ئوقيا ئۇقى ئۇچۇپ چىقىپ بوزكۆرپەشنىڭ يۇتىسىغا سانچىلدى.بوزكۆرپەش قىلىچىنى يالىڭاچلاپ ۋاپادار ئېتىنى چاپقۇتۇپ  يۇلغۇنلۇق ئىچىگە باستۇرۇپ كىردى.بۇ يەردە قورققىنىدىن چىرايىدا قان قالمىغان غال-غال تىتىرەپ تۇرغان باياغىلنى كۆردى.
خەپ نامەرت!دېدى بوزكۆرپەش ئاچچىغىنى ئىچىگە يۈتۈپ سىنىڭدىن باشقا ئادەم بولسا  مانتىنىڭ قىيمىسىدەك چانىۋېتەتتىم.خەير سىڭلىڭ قاراساچنىڭ يۈزى ئۈچۈن ساڭا چېقىلماي ئىت جېنىڭ ئامان قالسۇن!
بوزكۆرپەش ئوقنى يوتىسىدىن تىكەننى تارتىپ چىقارغاندەك يۇلۇپ ئېلىپ باياغىلنىڭ ئالدىغا پىرقىرىتىپ ئاتتى-دە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ماڭدى.ۋاپادار ئات تىلغا كىلىپ بوزكۆرپەشكە مۇنداق دىدى:
بوزكۆرپەش ساڭا تەككەن ئوق زەھەرگە چىلانغان،يەرگە چۈش،ئوق تەككەن يېرىڭنى شوراپ زەھىرىنى چىقىرۋېتەي!
باياغىلدەك ئۈششۈك چىۋىننىڭ ئوقى قانچىلك نىمىتى؟-دىدى بوزكۆرپەش مەنسىتمەي،-غەم يېمە ھېچقىسى يوق ۋاپادار ئات يالۋۇردى بوزكۆرپەش پىسەنت قلمىدى ئارىدىن بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتە-ئۆتمەيلا ئوق تەككەن جاينىڭ ئەتلىرى سېسىپ جاراھەت ئورنى چىنىنىڭ ئاغزىدەك يوغىنىدى.بوزكۆرپەش ۋاپادار ئېتىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغىنىغا پۇشايمان قىلدى.بوينى قىزىرىپ  قىزىتمىسى ئورلەپ زەھەرنىڭ تەسىردىن پۈتۈن بەدىنى چايان چاققاندەك ئېچىشىپ ئاغرىپ ھالسىنىشقا باشلىدى.ئۇ ئاتنىڭ ئۈستىدە ئاران ئولتۇرۇپ مۇنداق دىدى:
مىنى ۋىتىرەككە ئېلىپ بار!‹ۋىتىرەك›دەپ ئاتالغان بۇ دەرەخ ئابدال بىلەن يېڭسۇ ئارلىغىدا بۇلۇپ بۇ يەردىن ئىككى تەرەپكە تەڭ نەزەر سالغىلى بۇلاتتى ۋاپادار ئات ئۇنى خۇددى شىرغىغا سالغاندەك تەۋرەتمەي سىلىق ئېلىپ مېڭىپ ۋىتىرەككە يەتكۈزدى.بوزكۆرپەش ۋىتىرەككە قاراپ مۇنۇ بېيىتنى ئوقۇدى:


ھاي...ۋىتىرەك،ۋىتىرەك،
ياپراغىڭدىن سال تۆشەك.
مەن ياتىپ ئارام ئالاي،
بولغىن ھەمدەم يار-يۆلەك.


ۋىتىرەك ئۆزلىگىدىن تەۋرىنىپ يەرگە غازاڭ تاشلىدى غازاڭلار بىريەرگە ئۈستى-ئۈستىگە توپلىنىپ بىر ئادەم ياتقۇدەك تۆشەك تەييار بولدى  ۋاپادار ئات ئاستا يەرگە ياتتى بوزكۆرپەش ئاتنىڭ يايلىنى تۇتۇپ ئۆزىنى‹تۆشەك›ئۈستىگە تاشلىدى.
ۋاپادار ئات مۇنداق دىدى:
مىنىڭ تىزگىنىمنى قايرىپ قوي بۇ يەردىن ئۈچ ئايلق يولدا زەھەر قايتۇرۇپ،جاراھەتنى ساقايتىدىغان دورا بار مەن  ئۈچ كۈندە ئېلىپ كېلەي. ماقۇل تىز بارغىن! دىدى بوزكۆرپەش.
ۋاپادار ئات ئۇچقاندەك چېپىپ يولىغا راۋان بولدى.بوزكۆرپەشنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا ھەمرا بۇلۇپ ۋاپادار تورغىيىلا قالغان ئىدى. بوزكۆرپەش تۆشەكتە يېتىپ مېھرىبانى قاراساچ ئايىمنى ئەسلىدى.ئۆزىنىڭ ھالىدىن ئۇنى خەۋەردار قىلغۇسى كەلدى.ئۇ ئاغرىقىغا چىداشلىق بېرىپ ئۆز يارىغا نامە يېزىشقا باشلىدى:

مەن ھالىمنى بايان ئەيلەپ،
نامە يازدىم ساڭا يارىم.
نامە بېرىپ تەككەن ھامان،
ياشلىرىڭ بولمسۇن تارىم.


ئاكاڭ ئوۋغا چىقايلى دەپ،
كەلسە ئاڭا‹ھە›دەپتىمەن.
يۇرۇگىگە يۇشۇرۇنغان،
شۇم نىيەتنى بىلمەپتىمەن.


ئارا يولدا قەستلەپ قاتىل،
ئاتتى ماڭا زەھەرلىك ئوق.
سەن كۆرگەندەك تېشىپ تۇرغان،
كۈچ-مادارىم تىنىمدە يوق.


ھالىم مىنىڭ شۇنچە زەبۇن،
سىنى قايتا كۆرەرمەنمۇ؟
ئۇچ پاختىدەك قوللەرىڭنى،
يۈزلىرىمگە سۈرەرمەنمۇ؟


ئۆگەن دەريا بويلارىدا،
بىرگەئويناپ يۈرەرمەنمۇ؟
يۈرەك-باغرىم قانغىدەك بىر،
چىڭ قۇچاقلاپ سۆيەرمەنمۇ؟


كۆرۈشمىسەك بۇ ئالەمدە،
قالما يارىم ئاخىر دەرتتە.
كۆرىشەرمىز ئاخىر بىر كۈن،
ئۇ ئالەمدە-قىيامەتتە.


بوزكۆرپەش نامىنى تۇمارچىلاپ قاتلاپ ۋاپادار تورغىيىدىن قاراساچ ئايىمغا ئەۋەتتى.

داۋامى بار.........

قەلەمدە: ئىزلەيمەن

مەنبە:خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى


پەرزەنتىڭدىن نىمىنى تەلەپ قىلساڭ ئاتا-ئاناڭغا شۇنى قىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1922
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 09:03:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىشىنى كۆرمەپتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 326
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 09:52:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alhumar137 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 09:03 AM
بىشىنى كۆرمەپتىمەن

ھە  3-1 كىچە تۇلۇق يوللاپ قويدۇم  ئاللاھ خالىسا ئاخىرنىمۇ تىزرەك يوللاشقا تىرشىمەن

پەرزەنتىڭدىن نىمىنى تەلەپ قىلساڭ ئاتا-ئاناڭغا شۇنى قىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 410
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 398 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 11:14:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى يامان ئەمەس چىقىپتۇ ، ئاق كۆڭۈل ئادەلەر نەگە بارسا دائىملا كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالىدىكەن .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 326
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 09:13:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
saliha24 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 11:14 AM
خىلى يامان ئەمەس چىقىپتۇ ، ئاق كۆڭۈل ئادەلەر نەگە بارس ...

توغرا دەيسىز

پەرزەنتىڭدىن نىمىنى تەلەپ قىلساڭ ئاتا-ئاناڭغا شۇنى قىل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش