|
|
|
|
چىقە بوران چىقە چىق
ئاپتۇرى:رەخمىدىن قاسىم
چاڭ-توزاڭنى كۆتۈرۈپ،چىقە بوران چىقە چىق،
يەر-جاھاننى سۈپۈرۈپ،چىقە بوران چىقە چىق.
ئون ئىككىنجئاي كەلسىمۇ،بىرەر قارنى ياغدۇرماي،
توختىماستىن مۇشۇنداق،چىقە بوران چىقە چىق. دەرەخلەرمۇ ئىگىلىپ،بويىلىرى يەرگە تەككىچە،
يولدا ماڭغان بىرەرسى،تاكى ئۇچۇپ كەتكىچە،
مومايلارنىڭ ياغلىقى،سەندىن بۇزلۇپ كەتكىچە،
توختىماستىن مۇشۇنداق،چىقە بوران چىقە چىق. ئەسكى-ئۈسكى،خالتىنى يۆگەپ قويۇپ دەرەخكە،
بەزەنلەرنىڭ دوپىسىنى،ئىلىپ قاچارسەن پەللەكە.
قارىماستىن چىقىۋەر،توختىسۇن دىگەن تېلەككە،
توختىماستىن مۇشۇنداق،چىقە بوران چىقە چىق. بەش،ئالتە كۈن ئالدىدا،يەنە مۇشۇنداق چېقانتىڭ،
ئەخلەت-چاۋا،مەينەتننى،تۈشۈك-تۈشۈكە تېقانتىڭ.
بالدۇر چۈشكەن غازاڭنى،جەملەپ بىر يەرگە يېغقانتىڭ،
ئىككى،ئۈچ كۈندە،بىر قېتىم چىقە بوران چىقە چىق.
2014-يىلى11-ئاينىڭ24-كۈنى ئۈرۈمچى
|
|
|
|
|
|