نېمە ئۈچۈن باشقىلار پۇل تاپالايدۇ،سىز تاپالمايسىز؟
ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردە يىتەرلىك مەبلەغ ئىشەنچ ۋە ئىقتىدار بولغاندىن سىرت يەنە چوقۇم پۇرسەتنى بايقىيالايدىغان ئۆتكۈر كۆز بولۇش كېرەك. ئىگىلىك تىكلىگەندە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا ۋە بايقاشقا ماھىر بولغاندىن سىرت يەنە باشقا شەرت-شارائىتلارنىمۇ تولۇق ھازىرلىشىمىز كېرەك. پۇرسەت شۇنچە كۆپ بولسىمۇ سىز پۇرسەتنى تۇتۇشنى ۋە پايدىلىنىپ ئۆز قابىلىيىتىڭىزنى جارى قىلدۇرۇشنى بىلمىسىڭىز يەنە بولمايدۇ. ناۋادا سىز ئىگىلىك تىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈپ بولغان بولسىڭىز تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ، بۇ شەرتلەرنى ھازىرلىدىڭىزمىكىن.
ئىگىلىك تىكلەش كويىدا يۈرگەن قىسمەن دوستلىرىمنىڭ: «باشقىلار ئوبدان پۇرسەتلەرگە ئېرىشىۋاتىدۇ، مەن نېمىشقا ئېرىشەلمەيدىغاندىمەن»، «بۇ ئىشنى بىر نەچچە يىل بۇرۇنلا قىلسام بولۇپتىكەن، ئەمدى كېچىكىپ قاپتىمەن» دېگەندەك ۋايساشلىرىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمەن، ئەمەلىيەتتە، بۇنداق دېيىش خاتا. ئالايلۇق، ۋېلىسىپىت رېمونت قىلىش كۆپ قىسىم ئادەملەر ياراتمايدىغان ھۈنەر. يېقىندا بىر ماتېرىيالدا كۆرۈپ بىر بالىنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى كەچۈرمىشى مېنى قىزىقتۇردى. بۇ بالا 1997–يىلى ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىن، ئۆزى ئىگىلىك تىكلەشكە بەل باغلىغان. ئۇ شاڭخەيدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئارقا سەپ مۇلازىمىتىنى ئىسلاھ قىلىشىدىن پەيدا بولغان پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، 2000 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋېلىسىپىت رېمونت قىلىش ئورنى قۇرۇپتۇ. بىرىنچى ئېيىدا ئۇ 1000 يۈەن پايدا ئاپتۇ، كېيىن ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە رېمونت قىلىش ئورنىنى كېڭەيتىپتۇ. ھازىر ئۇ شاڭخەيدىكى 12 ئالىي مەكتەپتە ۋېلىسىپىت رېمونت قىلىش نۇقتىسى قۇرۇپتۇ ھەم چىملىقلارنى پەرۋىش قىلىش، ئاپتوموبىل يۇيۇش، ئۆي تازىلىقى، ئاپتوموبىل بېزەكچىلىكى قاتارلىق يېڭى تۈرلەرگە تۇتۇش قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇتۇقلۇق ئىگىلىك تىكلەپلا قالماي، يەنە 54 شاگىرت يېتىشتۈرۈپتۇ. بۇ مىسال نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇنىڭدىن «پۇرسەت كەلمىدى دەپ يۈرۈپ، پاراسەتسىز بولۇپ قالماڭ» دېگەن سۆزنىڭ نەقەدەر توغرىلىقىنى ھېس قىلىمىز.
ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىنى ئىزدىگەندە ئاكتىپ بولۇڭ
پادىچىلار شىمىنى ئامېرىكىلىق لېۋىسنىڭ كەشىپ قىلغانلىقىنى كۆپ ئادەم بىلىدۇ. ئۇ ئەينى چاغدا، بىر توپ كىشىلەر بىلەن غەربىي رايونغا پۇل تاپقىلى ماڭىدۇ، كېتىۋاتقاندا بىر دەريا ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇۋالىدۇ، بۇنىڭدىن نۇرغۇن كىشىنىڭ كەيپى ئۇچىدۇ. شۇ چاغدا لېۋىس كۆڭلىدە «قالتىس ئىش بولدى» دەپ ئويلايدۇ – دە، بىر كېمىنى ئىجارىگە ئېلىپ كىشىلەرنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ، شۇنىڭدىن ئۇ نۇرغۇن پۇل تاپىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ سودىنى باشقىلار تارتىۋالىدۇ، شۇ چاغدا لېۋىس باشقا ئىشقا تۇتۇش قىلىدۇ. كان قازىدىغانلار، ئادەتتە، كۆپ تەرلەيدۇ، سۇنىمۇ كۆپ ئىچىدۇ بۇ يەردىكى پۇرسەتنى بايقىغان لېۋىس باشقىلار كان قازسا، سۇ ساتىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇ يەنە نۇرغۇن پۇل تاپىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ سودىنىمۇ باشقىلار تارتىۋالىدۇ. لېۋىس «بۇنىڭغىمۇ مەيلى» دەيدۇ. كان قازغاندا ئىشچىلار يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ئىشلىگەچكە، ئۇلارنىڭ تىزى ئاسانلا زەخمىلىنەتتى. لېۋىس بۇ يەردىكى پۇرسەتكىمۇ دىققەت قىلىدۇ. كان رايونىدا تاشلىۋېتىلگەن برېزېنت چېدىر كۆپ ئىدى. لېۋىس بۇ برېزېنتلارنى يىغىپ، يۇيۇپ، ئۇنىڭدىن شىم تىكىپ ساتىدۇ، پادىچىلار شىمى مانا شۇنىڭدىن دۇنياغا كېلىدۇ. لېۋىس ئۆزى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى پۇرسەت دەپ قاراپ، ئاخىرىدا باي بولۇش ئارزۇسىغا يېتىدۇ.
ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى ھەرقانداق چاغدا، ھەرقانداق جايدا بولىدۇ، بۇنداق پۇرسەتلەر، ئاساسلىقى، تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن كېلىدۇ:
ئۆزگىرىشچان ئىگىلىك تىكلەش پۇرسەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بازار مۇھىتىدىن ھاسىل بولىدۇ، مۇھىت ئۆزگەرسە، بازار ئېھتىياجى، بازار قۇرۇلمىسى ئۆزگىرىدۇ. بۇنداق ئۆزگىرىشلەر، ئاساسلىقى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى ۋە قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى، ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئاھالىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى قاتارلىق جەھەتلەردىن كېلىدۇ.
ئىجادىيەت، كەشپىيات يېڭى مەھسۇلات، يېڭى مۇلازىمەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى بارلىققا كېلىدۇ. ئالايلۇق، كومپيۇتېرنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، كومپيۇتېر رېمونتچىلىقى، يۇمشاق دېتال ئىشلەش، كومپيۇتېر مەشغۇلاتى توغرىسىدىكى تەربىيەلەش، سۈرەت ۋە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش، ئۇچۇر مۇلازىمەتچىلىكى، تور دۇكىنى قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەش پۇرسەتلىرى بارلىققا كەلدى.
ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىنى بايقىيالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈڭ
ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىنى بايقاش ئوڭاي ئەمەس، لېكىن تەس ئىشمۇ ئەمەس. بازارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈڭ. ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىنى بايقاشتىكى ئەقەللىي بىر نۇقتا شۇكى، بازارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، بازارنىڭ تەمىنلەش – تەلەپ ئەھۋالىنى، يۈزلىنىشىنى، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنىڭ قاندۇرۇلغان – قاندۇرۇلمايۋاتقانلىقىنى، رىقابەتچىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكىنى ئىگىلەش كېرەك.
كۆپرەك ماتېرىيال كۆرۈڭ، كۆپرەك ئاڭلاڭ، كۆپرەك ئويلىنىڭ. بىز دائىم «كۆپنى كۆرگەن كۆپنى بىلەر، كۆپنى بىلگەن يول تاپار» دەيمىز. ھەممىمىز بىلىم، تەجرىبە، تەپەككۇر ۋە بازارنى بىلىش جەھەتتە ئۇنچىۋالا مۇكەممەل ئىش قىلىپ كېتەلمەيمىز. كۆپرەك ماتېرىيال كۆرسەك، كۆپرەك ئاڭلىساق، كۆپرەك ئويلانساق، نۇرغۇن ئۇچۇرغا ئىگە بولالايمىز، باشقىلارنىڭ بىلىمى، تەجرىبەسى، ئوي – خىياللىرى ئىچىدىن ئۆزىمىزگە پايدىلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلالايمىز، شۇنداق بولغاندا، پۇرسەتنى بايقاشتىكى ئېھتىماللىق كۆپىيىدۇ.
پىكىر قىلىش ئۇسۇلىڭىز خاس بولسۇن. پۇرسەتنى ھەمىشە ئاز ساندىكى كىشىلەر تۇتالايدۇ، شۇڭا بىز كۆپكە ئەگىشىش پىسخىكىسى ۋە ئادەتلىنىپ قالغان پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، باشقىلارنىڭ سۆز – چۆچەكلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، باشقىلار سەل قارىغان ۋە بايقىيالمىغان پۇرسەتنى بايقىيالايمىز ھەم ئۇنى چىڭ تۇتالايمىز.
ئىگىلىك تىكلىگەندە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا ۋە بايقاشقا ماھىر بولغاندىن سىرت يەنە باشقا شەرت-شارائىتلارنىمۇ تولۇق ھازىرلىشىمىز كېرەك. پۇرسەت شۇنچە كۆپ بولسىمۇ سىز پۇرسەتنى تۇتۇشنى ۋە پايدىلىنىپ ئۆز قابىلىيىتىڭىزنى جارى قىلدۇرۇشنى بىلمىسىڭىز يەنە بولمايدۇ. ناۋادا سىز ئىگىلىك تىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈپ بولغان بولسىڭىز دىققەت قىلىڭ، بۇ شەرتلەرنى ھازىرلىدىڭىزمىكىن....
بىرىنچى، ئىگىلىك تىكلەش پەيتى
بىرەر ئىش – ئوقەت بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇل تېپىش ئاسان ئەمەس، دېگەن سۆزنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ، بازارنىڭ قېلىپلىشىۋاتقانلىقىنى، ھەر قانداق ئىش – ئوقەتنىڭ پايدا – زىيىنىنىڭ ئوخشاشلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، كۈچىمەيلا تېز بېيىغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئىگىلىك تىكلەشكە بالدۇر تۇتۇش قىلىپ ۋاقىتنى ئۇتسىڭىز، پۇل تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز.
ئىككىنچى، ئىشەنچ تۇرغۇزۇش
پۇل تېپىش ئاسان ئەمەس، سىزگە باشقىلار ئاسان پۇل تاپقاندەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن پۇل تېپىش پۇرسىتى سىزگە كەلگەندە نېمىشقا قىيىنلىشىپ كېتىدۇ؟ بۇ نورمال ئەھۋال بولۇپ، سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز يۈزەكى ئەھۋالدۇر، باشقىلارنىڭ پۇل تېپىش جەريانىدا تارتقان جاپا – مۇشەققەتلىرىنى سىز ئۇقمايسىز. شۇڭا پۇل تېپىشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، يولى ئەگرى – توقاي دەيمىز. ئۈمىدلىك بولۇپ، چىڭ تۇرۇپ تىجارىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، سىزمۇ ئۇتۇق قازىنالايسىز.
ئۈچىنچى، يېتەرلىك مەبلەغ تەييارلاش
(1) مەبلەغ خامچوتىنى ياخشى تۈزۈش، پىلان بولۇش كېرەك، پىلان بولمىسا ئىگىلىك تىكلەشكە كىرىشكەندە تەمتىرەپ قالىسىز. ئىگىلىك تىكلەشكە يېڭى كىرىشكەندە چەكلىك مەبلىغىڭىزنى دەل جايىغا ئىشلەتسىڭىز ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز. سىزدە جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش روھى بولۇشى كېرەك، ئىگىلىك تىكلەش باسقۇچى راھەت كۆرۈش باسقۇچى ئەمەس.
(2) زاپاس مەبلەغ تەييارلاش كېرەك. دەسلەپكى خامچوتتىن باشقا يەنە چارە – ئامال قوللىنىپ مەبلەغ غەملەش كېرەك. بەزىدە ئىشەنچلىك دوستىڭىزدىن پۇل سورىسىڭىز بېرەلمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا يەنىلا ئائىلىڭىزدىكىلەر، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭىز ئىشەنچلىك.
تۆتىنچى، شېرىكلىشىش
ئىگىلىك تىكلەشتە ئۆز كۈچىڭىز يېتىشمىسە شېرىكلىشىش يولىنى تۇتۇڭ. بۇنىڭدا بىرىنچىدىن، شېرىكنى ياخشى تاللاڭ؛ ئىككىنچىدىن، مەسىلە كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا سۆزلىشىپ ھەل قىلىڭ؛ ئۈچىنچىدىن، گەپنى باشتا دەۋېلىڭ، ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىڭ.
بەشىنچى، كارخانىنى ساقلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش
چوڭ گەپ قىلماي، تىجارەتنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش قىلىڭ. ھاياتلىق بولسىلا، تەرەققىياتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولىدۇ. بازار ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۈزۈلگەن پىلانلارنىڭ %90 ىدىن كۆپرەكىدە ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ. تىجارەتتە پۇل تېپىشتىن باشقا ئىشلارغا كۆپ باش قاتۇرماڭ، سۆلەتۋازلىق قىلىپ، ئۆزىڭىزگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ زىيان سالىدىغان ئىشنى قىلماڭ. باشقۇرۇش تىجارەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، بەك ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدۇ.
مەنبە:ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-24 11:11 AM