مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 894|ئىنكاس: 1

بوز كۆرپەش ۋە قارا ساچ ئايىم(ئىككىنجى بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 326
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 12:42:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بوز كۆرپەش ۋە قارا ساچ ئايىم
07101513214717.jpg

(خەلق داستانى)
ئەلقىسسە:شۇ كۈنلەردە قاراساچ ئايىمغىمۇ بوزكۆرپەشنڭ ئوت-كۆيىگى چۈشكەن ئىدى.بىچارە قىز بوزكۆرپەشنىڭ دەردىدە قىينىلاتتى،كۈننى تۈنگە-تۈننى كۈنگە ئۇلاپ، بىدار ئۆتەتتى،گېلىدىن تاماق تۇرماق سۇمۇ ئۆتمەي،ئورۇقلاپ ھالىدىن كەتكەن ئىدى.ئۇنىڭ ئۆز دەردىنى ئىزھار قىلىپ ئېيقان قوشاقلىرى:

ئۆگەن دەريا بۇيىنى
گۈل تېرىپ  گۈلشەن ئېتەي.
تەنگە چۈشتى ئوت-كۆيۈك،
ئەمدى مەن قانداق ئېتەي؟

كېلىپ ھالىمنى سورا،
كەلگەن پۇتلىرىڭ كېتەي.

سەن يادىمغا يەتكەندە،
ماڭغان يولۇمدىن ئازىپ،
كۆيگىنىمنى بىلمىسەڭ،
ئەۋەتەي خەتكە يازىپ.


شۇنچە كەڭرى ئالەمدە،
يۈرمە باغرىمنى ئېزىپ.
ئىگىز تاغدا سايرايدۇ،
چىل بىلەن كەكلىك،ئۇلا.


شۇ كۇنلەردە ئىچىمدە،
دەردلىرىم ساچتىن تۇلا.
ئاقكۆڭۈل سۆيگەن يارىم،
دەردىمگە بولغىن دورا.


قاراساچ ئايىم قوشاق ئېيتىپ ئىچىنى بىرئاز بوشاتتى،ھارغىنلىق يىتىپ،تۈڭلۈككە قاراپ ياتتى. تۇساتتىن تۈڭلۈك بېشىدا بىر بوزتورغاي پەيدا بۇلۇپ قالدى.قاراساچ ئايىم بوزتورغايغا بېيىت تاشلىدى:

نەدىن كەلدىڭ بوزتورغاي،
سايرىساڭچۇ مەن تىڭشاي.
يارىمنىڭ خەۋەرىنى،
يەتكۈزگىن يۈرەك تىنغاي.


بوزتورغاي چۇ-چۇلاپ سوزۇپ بىر قېتىم سايرىدى.كەينىدىنلا زۇۋانغا كېلىپ،قاراساچ ئايىمغا قاراپ دىدى:

تۈڭلۈككە يېقىن كىلىڭ،
نامە ئەكەلدىم سىزگە.
ئىگەمنىڭ كۆڭلى تىنسۇن،
تىز ئۇچۇر بىرىڭ بىزگە.

قاراساچ ئايىم خوشاللىغىدىن ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ،تۈڭلۈكنىڭ ئۇدۇلىغا كەلدى.بوزتورغاي ئۇنىڭغا تۇمارچىلاپ قاتلانغان بىر پارچە نامىنى تاشلاپ بەردى. قاراساچ ئايىم نامەنى قۇلىغا ئېلىپ ئېچپ قاراپ،ئۇنىڭ بوزكۆرپەشتىن كەلگەنلىكىنى بىلدى.كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ،نامىنى لەۋلىرىگە تەككۈزۈپ،باغرىغا تاڭدى،ئۇنىڭ جېنىغا جان قۇشۇلغاندەك،كۆڭلىگە راھەت-پاراغەت قۇيۇلغاندەك بولدى.ئىككىمىزنىڭ كۆڭلىنىڭ بىر يەردىن چىققىنىنى!-دىدى ئۆز-ئۆزىگە.ئۆزىنى شۇنچە بەخىتلىك ھېس قىلىپ،قولىغا قەغەز-قەلەم ئېلىپ،جاۋاپنامە يېزىشقا كىرىشتى.نامىنى تۇمارچىلاپ قاتلاپ،بوزتورغايغا بەردى.تورغاي نامىنى ئېلىپ،پەرۋاز ئەيلەپ،بوزكۆرپەش تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپ كەتتى......بوزكۆرپەش قاراساچ ئايىمدىن كەلگەن سۆيگۈ نامىنى ئۇقۇپ،خۇشاللىغىنى باسالماي تۇرغاندا،سۇلۇباينىڭ چاكارلىرىدىن بىرسى كىرىپ كەلدى ۋە باياغىلنىڭ چاقىرغانلىغىنى خەۋەر قىلدى.بوزكۆرپەش نىمە ئىش ئىكەنلىگىنى بىلەلمەي،باياغىلنىڭ ئۆيىگە باردى.ئۆيىدە باياغىل كۆرۈنمەيتتى،ئۇنىڭ پاتما ئاتلىق خۇتۇنى يالغۇز ئىدى.بۇ خۇتۇن خىقىراپ سۆزلىگەنلىگى ئۈچۈن مەھەللىدىكىلەر ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتىماي‹‹خىقىراق خۇتۇن››دەپ ئاتىشاتتى. بۇ خۇتۇن ھەققىدە يۇرت ئىچىدە مۇنداق بىر سۇتۇق تارقىلىپ يۈرەتتى:

يۈزى قارا بۇرنى ئىلمەك،پاخماق چاچ،

  سار مادادەك ئولتۇرىدۇ كۆزى ئاچ.
گەپ قىلىدۇ گويا ئىتتەك خىقىراپ،
يالغۇز ئۇچراپ قالسا ئۇندىن يىراق قاچ.


بۇئايال بوزكۆرپەشنى كۆرۈش بىلەن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ،پۇتى يەرگە تەگمەي قالدى.دەرھال داستىخاننى نازۇ-نىمەتلەرگە تولدۇرۇپ،ئالاھىدە ئىلتىپات كۆرسىتىشكە باشلىدى.بوزكۆرپەش بۇ ئىشنىڭ سىرىنى بىلەلمەي ھەيران ئىدى.ئۇ كۆڭلىدە، بۇ خۇتۇن قاراساچ ئايىم بىلەن بولغان مۇھەببىتىمىزنى ئۇققان ئوخشايدۇ،دەپ ئويلىدى.ئۇنىڭ بۇ ئىلتىپاتلىرىنىڭ تېگىدە قانداق ھىلە-نەيرەڭ بارلىغىنى كىم بىلسۇن؟خىقىراق خۇتۇن بوزكۆرپەشكە يېقىنلىشىپ،ھېچبىر ئۇيالماستىن بەد قىلىقلارنى قىلغىلى تۇردى.ئۆزىنىڭ بۇ يىگىتكە كۆڭلى چۈشۈپ قالغانلىغىنى ئىزھار قىلدى.بوزكۆرپەش ئۇنىڭ بۇ ھاياسىزلىغىدىن شۇنچىلىك يىرگىنىپ،تەنلىرى شۈركەنگەن بولسىمۇ،لىكىن چاندۇرماي:
-سىز مىنىڭ كەلگۈسى يەڭگەم بۇلىسىز.مىنىڭ قاراساچ ئايىم بىلەن ئېلىشماقچى-تىگىشمەكچى بۇلۇپ يۇرگىنىمدىن خەۋېرىڭىز يوقمۇ؟سىز خاپا بولماي،بۇ پەيلىڭىزدىن يېنىڭ!-دەپ نەسىھەت قىلدى ۋە ئۇچقاندەك تىزلىكتە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
بوزكۆرپەشنىڭ بۇ قىلغىنىغا خىقىراق خۇتۇننىڭ ئۆلگىدەك ئاچچىغى كەلدى،كۆڭلى تاشقا ئۇرۇلغان ئەينەكتەك چۇل-چۇل بۇلۇپ كەتتى.خەپ.......بوزكۆرپەش،ساڭا كۆرسىتىدىغاننى كۆرسەتمىسەم،ئادەم بولماي كىتەي! دەپ قەسەم ئىچىپ،يېڭى ھىيلە-مىكىرلەرنى ئويلاشقا باشلىدى.
خىقىراق خۇتۇن قېيىن ئاتىسى سۇلۇباينىڭ قېشىغا كىلىپ،ئاقنى قارا قىلىپ چېقىشقا باشلىدى:
-دادا،قىزىڭىز بىلەن بوزكۆرپەش ئوتتۇرسىدا بولۇۋاتقان ئىشلانى ئۇقامسىز؟ دەپ سورىدى.بۇنىڭدىن ھاڭ-تاڭ

قالغان سۇلۇباي سۇرۇشتۇرۇشكە باشلىدى:
ھە نىمە ئىشلار بولۇپتۇ؟ تېخىچە ئۇقمىدىڭىزمۇ ؟
ئۇلار ئاشىق-مەشۇق ئىكەن، بوزكۆرپەش سۇلۇبايغا ئەلچى كىرگۈزىمەن،قىزىمنى بەرمەيمەن دىسە،ئۆلتۈرۋېتىپ ئالىمەن دەپ يۈرگەندەكمىش،-دىدى. بۇ گەپلەر سۇلۇباينىڭ بېشىغا توقماق ئۇرغاندەك بىلىندى،غەزىۋى ئۆرلەپ،تىتىرىپ كەتتى.خىقىراق خۇتۇن بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمىدى.ئاخشىمى باياغىل بىلەن بىر ئورۇندا يېتىۋېتىپ،ئۇنىڭ قۇلۇقىغا پىچىرلىدى:
سەن بولساڭ مىنىڭ ئېرىم،سىنىڭدىن بىرنەرسىنى يۇشۇرسام خۇدا راۋا كۆرمەيدۇ،كۆڭلۈممۇ ئۇنىمايدۇ.بۇگۇن چۈشتە ھېلىقى پالاندى گاداي بوزكۆرپەش سىنىڭ يوقلىقىڭنى بىلىپ،يامان نىيەت بىلەن ئۈيمىزگە كەلگەن ئىكەن،دەككىسىنى تازا بېرىپ ھەيدەپ چىقاردىم.سەن ئەرغۇ؟ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بېرىپ،نۇخۇلىسىنى ئېلىپ قويمىساڭ،مەن رازى ئەمەس......
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ باياغىل غەزىۋىنى باسالماي،ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى.دەرھال بېرىپ بوزكۆرپەش بىلەن ئېلىشماقچى بولدى.
ئەخمەق ئىكەنسىن دىدى خىقىراق خۇتۇن،كۈن بۇگۇنلىمىدى؟ ھاردۇغىڭنى ئېلىپ،ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە بىر ئىشقا بانا قىلىپ ئوبدان جايلىمامسەن!باياغىل خىقىراق خۇتۇننىڭ گەپلىرىگە كۆنمىدى، خىقىراق خۇتۇنمۇ بوشكەلمەي،نۇرغۇن سوزلەرنى قىلىپ،ئۇنىڭ ئاچچىقىنى باستى.لىكىن كۆڭلىدە ئوتنى بۇنچىلىك تىز ياققانلىغىغا خوش بۇلۇپ،كۆڭلى ئارام تاپقاندەك بولدى.ئەتىسى ئەتىگەنلىكى سۇلۇباي باياغىلنى يېنىغا چاقىرتتى،ئككىسى يالغۇز ئولتۇرۇشۇپ،بوزكۆرپەش ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنى بىر-بىرىگە يەتكۈزۈشتى،ھەر ئىككىسىنىڭ قۇيقا چاچلىرى تىك بولدى،يارىدار قاۋاندەك كۆزلىرىگە قان تولدى.بوزكۆرپەشنى قانداق جازالاش ھەققىدە ئويلۇنۇپ سۇلۇباي مۇنداق دىدى:باياغىل سەن ئالدى بىلەن يىگىتلىرىڭنى يىغىپ چېلىشىش ئۆتكۇز.بىر ئامال قىلىپ بوزكۆرپەشنى مەيدانغا چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭ يەكمۇ-يەك تۇتۇش قىلىپ ئۇنىڭ قانچىلىك كۈچى بارلىغىنى چاغلاپ باق كۈچۈڭ يەتكۇدەك بولسا شۇ مەيداندىلا جايلىۋېتەرسەن كۈچۈڭ يەتمىگۇدەك بولسا يۇشۇرۇنۇپ ئۆلىدىغان جايىغىلا ئېتىپلا جەھەننەمگە ئۇزىتارسەن.

داۋامى بار.........

قەلەمدە: ئىزلەيمەن

مەنبە:خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى



پەرزەنتىڭدىن نىمىنى تەلەپ قىلساڭ ئاتا-ئاناڭغا شۇنى قىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 411
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 398 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 07:20:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف، ۋاي قارا نىيەتلەر .
داۋامىنى تىزراق يوللارسز ،ئادەمنى سەل جىددىيلەشتۈرىۋاتىدۇ........

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش