مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1084|ئىنكاس: 3

ئۈرۈمچىنىڭ كۇتۇپخانىسىز ئۆتكەن 20يىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7657
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 04:24:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلاۋھە : بۇ بايانلار دىلدار ئەزىز ئاپپاينىڭ پارىج رىشىتىسى دىگەن كىتاپىنىڭ 150،151،152-بەتلىرىدىكى ماڭا تەسىر قىلغان بايانلار . بۇ كىتاپ ھەقىدە يەنە ئۇزۇندىن ئۇزۇن كىتاپ ئوقۇش خاتىرلىرىم بار .بولۇپمۇ پارىجدىكى ۋەتەندىشىم دىگەن بابىنى ئۆيىمىزدە كەچ بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي يوتقاندا يېتىپ تۇرۇپ خوتۇن باللىرىمىغا ئۇنلۇك ئوقۇپ بەرگىنىم ھېلىمۇ ئىسىمدە . ئاپپاينىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ئالدىراپ كەتتىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) Q# Z2 ?$ v8 B6 u% |4 b7 I/ Gبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% X$ h3 w$ H, K& E% n
    مەن يېزىپ موشۇ يەرگە كەلگەندە ئۈرۈمچىدىكى قۇرلۇش باشلىنىپ 20يىلغىچە پۈتمىگەن ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۇتۈپخانىنى ئەسلەپ قالدىم . ئۇ ئەينى يىلى ، 1930-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان تۈنجى كۈتۈپخانا ئىدى . شۇ چاغدا بۇ كۈتۈپخانا 80كىۋادىرات مىتىر  ئەتراپىدىكى ئالتە ئېغىزلىق ئۆي بولۇپ ، ئۇنىڭدا 5000 پارچە كىتاپ ساقلىناتتى . ئۇ چاغدا بۇ كۈتۈپخانىنىڭ نامى "ئۆلكە قارمىقىدىكى كۈتۈپخانا "دەپ ئاتىلاتتى . 1949 -يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن ،بۇ كۈتۇپخانىنىڭ نامى "ئۆلكىلىك كۇتۇپخانىغا ئۆزگەرتىلدى . ئۇنىڭدا ساقلانغان كىتاپلارنىڭ سانىمۇ ئەسلىدىكىدىن كۆپۈيۇپ 15مىڭغا يەتتى. 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قۇرۇلغاندا ،بۇ كۈتۈپخانىنىڭ نامى "ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۈتۈپخانىغا ئۆزگەرتىلدى. ئۇنىڭدا ساقلانغان كىتاپلارنىڭ سانى 20مىڭغا ، كۈتۈپخانا كۆلىمىمۇ 400 كۇۋادىرات مىتىرغا يەتتى. 1958-يىلى ئۆكتەبىردە بۇ كۈتۈپخانىنىڭ كۆلىمى 4300 كۇۋادىرات مىتىرغا كېڭەيدى . بۇ كۇتۇپخانا ئۈرۈمچىنىڭ پەن مەدىنيەت مەركىزى بولغان جەنۇبى شىنخۇا يولىغا جايلاشقاچقا ، كۇتۇپخانىغا كىلىپ كىتىدىغانلارمۇ ، كىتاپ ئارىيەت ئالدىغانلارمۇ كۆپ ئىدى . بەزىدە ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن جايمۇ تاپقىلى بولمايتتى . شىنجاڭنىڭ باشقا ۋىلايەت-شەھەرلىرىدىنمۇ بۇ يەرگە كىتاپ ئىزلەپ كىلدىغانلار بار ئىدى . شۇ يىللاردا بۇ كۈتۈپخانا ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ پەن -تېخنىكا ئشىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ تىگىشلىك ھەسسىسىنى قوشقان ئىدى . كۇتۇپخانىنىڭ شۇ چاغدىكى كۆلىمى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن ، كۇتۇپخانىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش زۆرۇر بولۇپ قالدى . (ئەسلىدىكى كۇتۇپخانا كۆپەيتىشنى ھېچ كىشى ئېسىگە كەلمىدى . 1984-يىلى بۇ كۇتۇپخانىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۇزۇلدى . بۇ ئەسلىدە بىر ياخشى ئىش ئىدى ، بىراق بۇ ياخشى ئىشنىڭ نەتىجىسى بىز ئويلىغاندەك ياخشى بولماي قالدى. يەنى كۇتۇپخانا تاقىلىپ كىتاپلار يەر ئاستى ئامبارلىرىغا تىقىلدى. كۇتۇپخانا ئىشكىمۇ ئىلىمگە تەشنا ئوقۇرمەنلەر ئۇچۇن تاقالدى . شۇنىڭدىن كىيىنكى 20يىل شىنجاڭ خەلقى ئۇچۇن كۇتۇپخانىسىز ئۆتكەن 20يىل بولدى . دائىم كۇتۇپخانىغا بارىدىغان ، كۇتۇپخانىغا بېرىشنى ئادەت قىلغان كىشلەر ئەمدى نەگە بېرىشنى بىلمەي قېلىشتى . كىتاپ سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان بىلىمگە تەشنا ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇنمۇ بۇ بىر قىيىن ئىش بولدى . بۇ كۇتۇپخانىنىڭ ئورنى گەرچە ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ ، بىراق ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات رايۇنىغا جايلاشقانلىقى ئۇچۇن كىشلەرنىڭ بۇ يەرگە كىلىپ كىتاپ ئارىيەت ئېلىشلىرىغا ۋە ماتىريال ئىزدەشلىرىگە بەكمۇ قولايلىق ئىدى . ئەپسۇسكى ، بۇ كۇتۇپخانىنىڭ ئورنى قايسى بىر پۇلدار شېركەتنىڭ سودا-ساراي سېلىشى ئۇچۇن لازىم بولۇپ قالغانلىقتىن ،كۇتۇپخانا چېقىلىپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا ھەيۋەتلىك بىنا ناھايىتى تىزلا پۇتۇپ ئىشقا كىرىشتۇرۇلدى . بىراق شەھەر سىرتىغا -بېيجىڭ يولىغا سېلىنغۇسى يېڭى كۇتۇپخانا بىناسى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 20-يىلغۇچە پۇتمىدى . بۇ 20 يىلدا ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن ھەيۋەتلىك سودا سارايلار ،مېھمانخانىلار ، رېستۇرانلار ، كىشلەرنى شەھۋانىلىققا يىتەكلەيدىغان تورخانىلار ، يەر ئاستى دېسكوخانىلار ، يەر ئاستى ماجاڭخانىلار (ئەمىليەتتە قىمارخانىلار )،ھۆكۈمەتنىڭ ئالى دەرىجىلىك خىزمەت بىنالىرىنىڭ قۇرۇلۇشلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۇرۇلدى . بۇ 20 يىل جەريانىدا ، يېزا باشلىقلىرىدىن تارتىپ ئاپتۇنۇم رايۇن باشلىقلىرىغىچە بولغان مەمۇرىيەت خادىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۇدەك ماشىنىلىىرىمۇ نەچچە قېتىمدىن يېڭىلىنىپ بولدى ،بىراق كۇتۇپخانا بىناسى پۇتمىدى . ئۈرۈمچى خەلقى 20يىلغۇچە كۇتۇپخانسىى يوق تۇرمۇشنى باشتىن كەچۇردى . بۇ 20يىل جەريانىدا ،سىياسى كېڭەش ھەيئەت ئەزالىرى ، خەلق قۇرلتاي ۋەكىللىرى ھەر يىلى دىگۇدەك ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۇتۇپخانىنىڭ قۇرۇلۇشى توغىرسىدا پىكىر -تەكلىپلەرنى بىرىپ ھارمىدى ، بىراق ۋەدىلەر ۋەدە پېتى قېلىۋەردى . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مەدەنىي مائارىپقا مەسئول رەھبىرى كادىرلار بۇ كۇتۇپخانىىنىڭ ئەھۋالىنى بىر نەچچە قېتىم كۆزدىن كەچۇردى ۋە ياخشى ۋەدىلەرنى بەردى ، بىراق كۇتۇپخانا يەنىلا پۇتمىدى . بۇ 20يىلدا كىشلەر كۇتۇپخانا دىگەن نەرسىنىڭ بارلىقىنى پۇتۇنلەي ئۇنتۇپ كەتتى ،موشۇ يىللاردا تۇغۇلغان بالىلارمۇ كۇتۇپخانا دىگەننىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي چوڭ بولۇشتى . كشىلەرنىڭ كۇتۇپخانىغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ ئورنىنى رېستۇران ۋە ئەيىش -ئىشرەتلىك سورۇنلارغا بولغان قىزغىنلىقى بېىسپ كەتكەنئىدى . 2004-يلىى ئۆكتەبىردە كۇتۇپخانا ئاخىرى پۇتتى ، بۇ چاغدا كشىلەردىكى كىتاپ خۇمارىنىڭ ئورنىنى غەيۋەت خۇمارى ۋە ئەيىش ئىشرەت خۇمارى بېسىپ كەتكەن ،كۇتۇپخانا كشىلەرنى ئەيىش ئىشرەت سورۇنلىرىچىلىك قىزىقتۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى . ئۈرۈمچىنىڭ قەدىمىي ئاۋات كوچىلىرىدىن كۆچۇرۇلۇپ ،خىلۋەت بېيجىڭ يولىدىن ئورۇن ئالغان ، ئەتىراپتىكى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۇرۇپ تۇرغان ئېسىل مېھمانسارايلارنىڭ يېنىدا غېرىپلارچە شۇمشىيىپ تۇرغان ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۇتۇپخانىنى ھەې قېتىم كۆرسەم مېنى يىغا باسىدۇ .كۇنىنى رېستۇرانلاردا ناخشا -موزىكىلارنىڭ لەرزان پەپىلىىتىىش بىلەن ئۆتكۇزۇپ ، ئۆزىنىڭ ئەتىىسنىڭ قانداق بولۇشىنى بىلمەي ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمنىڭ نادانلىقىغا يىغىلىغۇم كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا مىللەتنىڭ خەلىقنىڭ مەنپەئەتىنى ئاغزىدىن چۇشۇرمەيدىغان رەھبەرلەرنىمۇ ، ئۆزىنى ئاجايىپ بىلەرمەن ھىساپلايدىغان كىشلەرنىمۇ پارىجدىكى شۇ كۇتۇپخانىلارنى كۆرۇپ باقسىكەن كىتاپسىز قالغان مىللەتنىڭ جەميەتكە قانچىلىك ئاپەت كەلتۇرىدىغانلىقىنى چۈشەنسىكەن ، دىگۇم كىلىدۇ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
salkin8u8 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1585
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 11:43:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىككى ئۈچ قېتىم كىرىپ باقتىم ئۇ يەگە . پەقەت تاينى يوق  .  غالبىيەت كىتاپخانىسى مىڭ ياخشى ئۇنىڭدىن . ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق شىنخۇا كىتاپخانىسىغۇ تۈگىشىپتۇ .  ھەممىدىن نوچىسى شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتىنىڭ كۈتۈپخانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14947
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 12:03:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 11:43 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! d( O# A% s9 Z' Pمەن ئىككى ئۈچ قېتىم كىرىپ باقتىم ئۇ يەگە . پەقەت تاينى ي ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% ^, q& A2 @/ z
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەكتەپدىشىم ، مەنمۇ بۇ تېمىدا دىيلگەن ئاپتونۇم رايۇنلۇق كۇتۇبخانىنىڭ نەدىلكىنى بىىلەلمەيلا ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغان .بىراق شىنجاڭ ئۇنۋېرستتىنىڭ مەن ئەڭ قىيالماي ئايرىلغان يېرى  مەركىزيى مەكتەپ رايونىدىكى يېڭى كۇتۇبخانا بىلەن خىمىيە ۋە خىميە سانائىتى ئىنىتىتۇتىنىڭ تەجرىبە بىناسى ئىدى .مەيلى قۇرۇلۇشنىڭ كۆركەملىكى ،كۆلىمى ۋە ئىچكى مۇئەسسەسسەلىرىنىڭ زامانىۋى -مۇكەممەللكى ۋەياكى ساقلانغان كىتابلارنىڭ سان ۋە سۈپىتىنڭ خللقى جەھەتتىن بولسۇن بۇنىڭدەك كۇتۇبخانا دىيارىمىزدا پەقەت بىرئىدى . ئەمما خۇددى تۇخۇتۇرنىڭ بۇ تېمىىسدەك بىر ئاچچىق رىئاللىق بولسا شىنجاڭ ئۇنۋېرستتى كۇتۇبخانىسى قەدد كۆتۈرگەن ئون نەچچە يىل مابەينىدە دىيارىمىزدا قەد كۆتۈرگەن بېھىساپ كاتتا قۇرلۇشلار ئىچىدە يەنە شۇنداق ياكى شۇنداقراق بىر كۇتۇبخانىنىڭ بولماسلقى !

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 919
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 527 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 11:47:41 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تېمىغا قانداق ئىنكاس يېزىشنى بىلمىدىم. چۈنكى مەن ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم ئۆتكەنيىلى كۇتۇبخانىغا كىرگەن. ئۇكۇتۇبخانائىسسىق ھەم ئازادە ئىدى. ئەپسۇس ئىككى ئۈچ سائەت ئولتۇرۇپ  يەتتە سەككىز ئادەمنىڭ كىرگىنىنى ئاران كۆردۈم. كۇتۇبخانىسىز ئۆتكەن يىگىرمە يىلنىڭ كىشلەرنى قانچىلىك ئۆزگەرتكەنلىكىنى  ھېسقىلدىم  .ھەم بۇ تېمىنىڭمۇ چۆلدەرەپ قېلشى   بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىغاكىرگەن يەتتە سەككىز ئادەم  «كۇتۇپخانىنىڭ ئورنى خەلىقئارا چوڭ بازارنىڭ ئەتراپىدا»  ئاشۇ 20 يېلنىڭ مەھسۇلى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش