|
|
|
|
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچ سائەت 30؛5 دە ، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ تۇقىزىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ئۆزمەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا، دۇڭگۇەن ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىنى كۈتىۋالدى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى چەتئەللىك ئەزاسى ئاندىرى بىراچ 45 نۇمۇر ئالغان بۇلسىمۇ بىراق يىڭى چەتئەللىك ئەزا ئىستىفاننىڭ ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولماي ئاران 10 نۇمۇر ئىلىپ ئاخىرى 96-102 نەتىجە بىلەن رەقىبى دۇڭگۇەن كوماندىسى تەرىپدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى ئاندىرى بىراچ 45 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ قىرانبېك ماقان 13 نومۇر، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ئىستىفان پۇنۇ 10 نومۇر ئالدى؛ جۇ چى 10 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ليۇۋېي 9 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. تاڭ جىڭدۇڭ بەدەن تەكشۇرۇشتىن ئۆتۇپ مەيدانغا چىقتى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 11-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
|
|
|
|
|
|