مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 569|ئىنكاس: 7

ھەققانىي: نادانلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 37225
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5742 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 03:26:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادانلىق
**
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
**
قالاقلىققا سالجىدەك چاپلىشادۇر نادانلىق،
جاھالەتلىك دەۋرىگە تارتىشادۇر نادانلىق،
قاراڭغۇنى خوپ كۆرۈپ ماقتىشادۇر نادانلىق،
ئالغا ماڭساق ئارقىغا قايتىشادۇر نادانلىق،
يول تاپالماي ئازگالغا قاپلىشادۇر نادانلىق.
**
نەزمە تۈزسەم بەرى بىر، قارا قورساق تەلۋىگە،
نادان قاچان يەتكەن بار ئېلىم-پەننىڭ قەدرىگە،
تىل سالادۇر تەپ تارتماي ھەتتا بىلىم ئەھلىگە،
ماس كېلەمدۇ قاتماللىق بۈگۈنكى بۇ دەۋرىگە،
ماڭغان ھەربىر قەدەمگە پۇتلىشادۇر نادانلىق.
**
ئەسلى نادان دوستلاردىن زىرەك دۈشمەن ياخشىراق،
خۇراپاتلىق-تۈن گۇيا،ئېلىم يۇلى نۇر چىراق،
ئەقىلسىزدە كۆز غۇۋا، كۆرۈنمەيدۇ بەك يىراق،
ئېلىمسىزنىڭ كۆڭلى غەش نۇرغا تولسا ھەممە ياق،
خار بولۇشقا قەدەمنى تاشلىشادۇر نادانلىق.
**
مەنسەپ تەگسە نادانغا،زەخمەت يېتەر ئاۋامغا،
ھالى ئۆسۈپ ئاسمانچە پاتماي قالۇر ئىشتانغا،
بىلىمسىزلىك-قالاقلىق، بىلسەك ئاپەت ئىنسانغا،
كىمكى نادان قۇل بولۇپ ئىبرەت بولدى جاھانغا،
نەمدە قالغان تۆمۈردەك داتلىشادۇر نادانلىق.
**
ئاڭسىزلىقتۇر ناكالىق،كۈتەر ئۇنى گادايلىق،
مۇنداقلارنىڭ ئەپتىدىن تەپچىرەيدۇ قاشاڭلىق،
بوشاڭلارغا مەنسۇپتۇر ئۆنجىسى يوق خامانلىق،
قاچان چۈشەر نېنىم دەپ دايىم كۆككە قاراقلىق،
دۇلىسىنى ئاپتاپقا قاقلىشادۇر نادانلىق.
**
قايسى يالغان،قايسى ھەق يېتەلمەيدۇ تەكتىگە،
ياندا تۇرسا ياخشىسى،باش ئۇرىدۇ ئەسكىگە،
قىلچە يوقتۇر تەپەككۇر قۇل بولىدۇ نەپسىگە،
ھەمدەم شوڭا بىلەلمەي يامانلارنىڭ قەستىگە،
ھىلىگەرلىك-قۇۋلۇقنى ياقلىشادۇر نادانلىق.
**
زامان نەدە،بىز نەدە ھېچنىمنى بىلەلمەي،
باراۋەردۇر ئۆلگەنگە يۈرسە لەيلەپ ئۈگەنمەي،
نە پايدىسى ياشاشنىڭ بۇ ھاياتنى چۈشەنمەي،
كور ياشايدۇ مۇشۇنداق ئەتراپىنى كۆرەلمەي،
نوقۇمىساڭ غەپلەتتە ئۇخلىشادۇر نادانلىق.
***

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5148
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1911 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 06:55:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شىئىر ئىكەن .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88497
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1403
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1011 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 07:44:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئىر ياخشىكەن بولۇپمۇ بىرىنجى كۇپلىتى .

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى يۇزى بولىدۇ،ياخشى بىلەن يامان كەلگۇسى بىلەن ئۆتمۇشى،بىرسىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز بارلىقىنى قوبۇل قېلىشىڭىز كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 744
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3833
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 08:12:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شېىركەن،قوللۇرۇڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 744
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3833
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 08:12:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شېىركەن،قوللۇرۇڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 09:29:16 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا!..
نادانلىق ھەققىدىكى بۇ مۇخەممەس بەك ياخشى چىقىپتۇ.
مەزمۇنى مول، ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك چىقىپتۇ.

ماقتىشادۇر-- ماختىشادۇر دەپ يېزىلسا،
ئۆنجىسى-- ئەنجىسى دەپ ئېلىنسا توغرا بولامدۇ
قانداق؟!.. تۆرۈز تاپقىنىم ئەمەس، خاتا چۈشەنمىگەيسىز!..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3911
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1009 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 01:08:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


      مۇبارەك بولسۇن، ئاكا! ساتىرىك شائىرغا خاس ماھارەت بىلەن يېزىپسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bulaksu2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-22 01:10 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110934
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 425
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2014-11-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 11:43:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىسى  بەكمۇ ياخشى ئىكەن.
قۇلىڭىزغا دەرد كەلمىگەي،
ئىلھامىڭىز نېرى كەتمىگەي.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش