ئادەتتىكى ئەزا
كېتەرمىز بىر كۈن ئاپتۇرى:رەخمىدىن قاسىم ئارزۇ-ئارمانغا يىتەلمەي،كېتەرمىز بىر كۈن، گاھى دەرتنى ئېيتالماي،كېتەرمىز بىر كۈن. پۇل-بايلىقا دۈم چۈشۈپ،كۆزىمىز تويماي، يېغقان-تۈككەننى يىيەلمەي،كېتەرمىز بىر كۈن.
ئارمان قىلدۇق بۇ دۇنيادىن،نام تېىپىشنى، كەپتەر كەبى،ئاسماندىمۇ گەر ئۇچۇشنى. ئويلىمىدۇق ئۇچىۋىلىپ،ھەم چۈشۈشنى، ئەلگە تۆھپە قاتالماي،كېتەرمىز بىر كۈن.
ھامان كېلەر بىزلەرگىمۇ،ئۆلۈم نۆۋىتى، قالار ئىكەن بەزەنلەرنىڭ،ئابروي،ھۆرمىتى. ئۆتۈپ كەتتى،ھاياتلارنىڭ گۈلدەك قېمىتى، ھاياتلىققا قانماي تۇرۇپ،كېتەرمىز بىركۈن. 2011-يىلى12-ئاينىڭ10-كۈنى بۆرتالا
پاش قىلىش
يۈرەككە قويۇلغان قول!ق
دائىملىق ئــەزا
يىـڭى ئــەزا
تىرىشچان ئەزا
مەستانە ئـــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ