قانداق قىلغاندا ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنى ياخشى ئېلىپ بارغىلى بۇلىدۇ
قۇربانجان روزى
1.ئەڭ ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش كېرەك. قىزىقىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، بىلىم ئېلىش ئىستىكىنى قوزغايدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ئوقۇغۇچىلاردا قىززىقىش بولغاندىلا، ئاندىن دەرسنى ياخشى ئىگىلەپ قىيىن نۇقتىلارغا بۆسۈپ كىرەلەيدۇ. شۇڭا، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى ئاۋۋال ئىشنى ئىمتىھان مائارىپى سەۋەبىدىن بالىلاردا پەيدا بولغان ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆگەنمەك قىيىن دەيدىغان ۋە بۇ دەرسكە ئېتىبارسىز قارايدىغان ھالەتنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى ۋە تۇيغۇسىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، ھەممە ئوقۇغۇچى ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان، ماتېماتىكا دەرسىنى مۇھىم دەپ قارايدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشى لازىم.
2.ماتېماتىكا دەرسى ئوقۇتۇش پىروگراممىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسى ئوقۇتۇش پىروگراممىسىدا ماتېماتىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى، مۇھىملىقى، رولى، مەقسەت ۋە تەلىپى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ تاللىنىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئوقۇتۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، ھەرقايسى يىللىقلارنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدىكى مەزمۇنى قاتارلىقلار كونكرېت، ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ پىروگراممىنى ياخشى ئۆگەنسەك دەرس مەزمۇنىغا قارىتا توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز - دە، ئوقۇتۇش خىزمىتىدە تەمتىرەپ قالمايمىز ھەم دەرس پىلانىنى پۇختا، ئەتراپلىق قىلىپ تۈزۈپ چىقالايمىز. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەۋسۇملۇق، ئايلىق، ھەپتىلىك، ھەتتا سائەتلىك دەرس پىلانى تۈزۈپ چىقىپ ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئاساس سېلىشىمىز لازىم.
3.كۆرسەتمىلىك قوراللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش لازىم. ماتېماتىكا دەرسىدىكى كۆرسەتمىلىك قوراللار دەرسلىكنىڭ زۆرۈر تولۇقلىما قىسمى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىدە تۈرتكىلىك ۋە ياردەمچىلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆرسەتمىلىك قوراللارنى تەييارلاش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش ئارقىلىق مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق ھېس قىلدۇرۇپ، دەرستىكى قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. باشقا پەنلەرگە قارىغاندا ماتېماتىكا دەرسىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار تۆۋەن يىللىقتىن يۇقىرى يىللىققا ئۆرلىگەنسېرى كۆپلەپ قىيىن، مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقتەك رېئاللىققا ئاساسەن، كۆرسەتمىلىك قوراللار ۋە باشقا ۋاسىتىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىش، ئاكتىپ ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشكە يېتەكلەش كېرەك.
4.ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايقاشقا ماھىر بولۇش كېرەك. بىر سىنىپتىكى ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ ماتېماتىكا دەرسىدىكى نەتىجىسى ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن. مۇھىمى ئوقۇتقۇچى ماتېماتىكىدا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بارلىقىغا ئىشىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ قايسى جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى ئېنىق بىلىشى، مۇشۇ ئاساستا ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ماختاپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشى، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇلاردىكى قانچە تىرىشساممۇ يەنىلا بۇ دەرسنى ياخشى ئۆگىنەلمەيدىكەنمەن دەيدىغان ئۈمىدسىز قاراشنى تۈگىتىشى كېرەك.
(ئاپتور بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
مەنبەسى:شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا deris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-21 11:06 AM