يېزا-ئىگىلىك ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق كەسپىدە ئۆي قۇشلىرى بىقىشنى ئويلىشۋاتقانلارغا تەكلىپ
چەكلىنىپ كەتكەن كۈنلەردە بىر توردىشىمىزنىڭ بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش خىيالى بىلەن شۇ كەسىپ ھەققىدە يىتەرلىك چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇش مەقسىتىدە يازغان ياردەم تېمىسىنى كۆرۈپ شۇ توردىشىمىزغا ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدىغان بىر كەسىپ ھەققىدە مەسلەھەت بىرىش مەقسىتىدە شۇ مۇنبەردىشىمىزنىڭ ۋە مۇشۇ مۇنبەردىشىمىزغا ئوخشاش خىيالدا بولۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئائىلە شارائىيىتى . مۇھىيتى . ئەۋزەل بولغان جۇغراپىيلىك ئورنى ...قاتارلىق ئامىللارنى ئالدىنقى شەرت قىلىش ئاساسىدا ئۇ مۇنبەردىشىمىز ئۆزىنىڭ ئەسلىدىن قىلىپ كىلىۋاتقان مەمۇرلۇق خىزمىتىگە دەخلى قىلمايدىغان ئائىلىسىدىكى بىر نەچچە ئەمگەك كۈچى ھۆددىسىدىن ئاسانلا چىقىپ كىتەلەيدىغان . خەتىرى ئاز بولغان ئۆي قۇشلىرى باقمىچلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش مەسلىھەتىنى بىرىش بىلەن بىرگە مۇشۇ كەسپىتە ئەڭ مۇھىم بولغان تۇرالغۇ ھەققىدە يىڭىچە ئوتتۇز-قىرىق لايھەنى سىزىپ چىقىپ بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ مۇۋاپىق دەل قارالغان ۋەكىل خاراكتىرلىق بىر نەچچە خىل لايھەنى شۇ تورداشقا سۇنۇش بىلەن بىرگە مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش خىيالىنى قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر پايدىلنىۋىلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ . بىلمى كەمچىل بولغان كەڭ دىھقان دوسلارنىڭمۇ مۇنداقلا بىر قاراپ چۈشۈنەلىگۈدەك ۋە ئاددىيسى دېھقان ئاكا-ئۇكا، تاغىلارمۇ مۇنداقلا بىر قاراپ ئاسانلا چۈشۈنۈپ يىتەلىگۈدەك ھالدا رەسىملەشتۈرۈپ سىزىپ چىقتىم .
ئانا دىيارىمىزنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى ياخشى . ھاۋاسى ساپ . تۇپرىغى مۇنبەت زىمىن بولۇپ مەيلى يېزا-ئىگىلك مەھسۇلاتلىرى ياكى چارۋا-مال كەسپىنى تەرەقى قىلدۇرۈش جەھەتلەردىن ۋە ياكى ئۆي-قۇشلىرى باقمىچىلىق كەسپدە بولسۇن ئالاھىيدە بولغان شەرىت-شارائىتلار تولۇق ھازىرلانغان بولۇپ بۇ كەسپىتە نەتىجە قازىنىپ مۇشۇ كەسپىنىڭ نىنى يەي دەپ ئىرادە قىلغان ئادەم چوقۇم قەتئىي ئىرادە ۋە بەلگىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا ئۈچ-تۆت يىلدىلا بەلگىلىك ئىقتىسادى قىممەت يارىتالايدۇ . بىراق ئاز ساندىكى يىڭىچە پەن-تېخنىكا بىلىملىرىدىن پايدىلنىپ ئاز-تولا ئىقتىدادى نەتىجە يارىتۋاتقان كىشىلەردىن باشقا كۆپ سانلىق كىشلەر بۇ جەھەتتە قالاق بولغان ئەنئەنۋى باقمىچلىق كەسپىنى ئاساس قىلۋالغان بولغاچقا ، بەلگىلىك ئىقتىدىسادى نەتىجە يارىتالماستىن پەقەت ، ئائىلىسىنىڭ سەي-كۆكتات .توك پۇلى .سۇ پۇلى...دىگەندەك ئىككى-تۆت تال چىقىمدىن ئىشىنىپ ئالدىغا پۇل تاشلىيالمايۋاتقانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ .
بۇ كەسپىنى قىلىشتا كەڭ يىزا-قىشلاقتىن ئىبارەت زىمىنى كەڭرى ، ئازادە بولغان بوشلۇق . ئىجارە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقسىز ئورۇن بولۇش بىلەن بىرگە، كەڭ تەبىيئەتكە يىقىن سانالغان سەھرا مۇھىيتى ئىنتايىن مۇۋاپىق كىلىدىغان بولۇپ . ئادەتتە 70000~80000 ) يەتمىش مىڭ يۈۋەندىن -سەكسەن مىڭ يۈۋەن ( پۇل بىلەن بۇ كەسپنى نورمال ماڭدۇرۇپ كەتكىلى بولىدۇ . بۇ كەسىپنى قىلىشنى ئويلىشۋاتقانلار ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن ئۆي قۇشلىرىنى بىقىشتا قار-يامغۇر . ئىسىق-سوغۇق ھاۋا رايىدىن ئىبارەت تۆت پەسىل روشەن ئالمىشىپ تۇردىغان تۇراقسىز ھاۋا كىلماتىدا تۇراقلىق بولغان تېمپۇراتۇرنى ساقلاپ تۇرالايدىغان . ئۆي قۇشلىرنىڭ نورمال ياشىشى ئۈچۈن تۇراقلىق بولغان مۇھىيت ھازىرلاپ بىرەلەيدىغان تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ئالدىن ئويلىشىدۇ . بىراق كۆپ سانلىق كىىشلەرنىڭ بۇ جەھەتتە ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۇك بولغان تەجىربىسى كەمچىل بولۇپ ئاساسەن باشقىلاردىن ئاڭلىۋالغان ياكى مۇنداقلا كۆرۋالغان تۇيغۇسىغا ئاساسەن تۇرالغۇ ياساشتىن ئىبارەت دورامچىلىك بىر قەدەر كەڭ ئومۇملىشىپ قالغان بولغاچقا . مۇشۇ كەسىپنى قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان كىشىلەرگە ئاز-تولا پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن خىيال بىلەن ، مۇشۇ بىر نەچچە كۈندە مەخسۇس توخۇ ، ئۆي كەپتىرى . گۆش كەپتىرى . توشقان ، غاز قاتارلىق بىر نەچچە خىل ئۆي قۇشلىرنىڭ بەدەن فېزولوگىيلىك ئالاھىيدىلىكى ۋە ياشاش ئالاھىيدىلىكى بىلەن بىرگە مۇھىيتقا بولغان تەلىپىنى چىقىش قىلغان ئالاھىيدىلىكىگە ئاساسەن , ئايرىم-ئايرىم قىلىپ سىزىپ چىقتىم . ئەسلىدىن ئۆي قۇشلىرى باقمىچلىقى كەسپىدە ئەزەلدىن دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرۋاتقان خەن يولداشلارنىڭ ئۆي قۇشلىرى بىقىش تۇرالغۇسى ئىنتايىن ئاددىيلا بولۇپ يىزا-قىشلاقلاردا كەنىتلەرنىڭ تاشلاندۇق بىرەر ئامبار ئۆيى . بىرەر زاۋۇتنىڭ تاشلاندۇق ئىسكىلاتى ....دىگەندەك ئورۇن بولسىلا بۇلار شۇي يەردە ھەر خىل تېخنىكىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق بۇ كەسپتە زور ئىقتىسادى قىممەت يارىتىپ كەلگەن . بۇلارنىڭ ئۆي قۇشلىرى باقمىچلىقىغا دىققەت قىلساق روشەن ۋە ھەممىگە ئورتاق بولغان بىر نۇقتا بار . بۇ نۇقتا بۇلار ئىنتايىن زىچ بىقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بوشلۇقتىن ئەڭ يۇقۇرى چەكتە بىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغانلىقىنى بايقايمىز . بۇ ئۇسۇلدا بىقىلغان ئۆي قۇشلىرىدا ئاسانلا كىسەللىك كۆرۈلدىغان بولغاچقا ، بۇلار ،ئۆي قۇشلىرىدا دەسلەپكى باسقۇچىلاردا كۆرۈلدىغان كىسەللەرنى دورا ئارقىلىق داۋالاش بىلەن بىرگە ، ھورمۇنلۇق تەركىپلىك دورىلارنى كۆپلەپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆي قۇشلىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە چوڭايتىپ تۇخۇمى ۋە جۈجىسىدىن پايدىلنىپ بولۇپ ، تۇخۇم تۇغۇش ۋە جۇجە چىقرىش نىسپىتى دورا بىرىشنى قوللىنىش ئارقىلىقمۇ بەلگىلىك ئىقتىسادى ئۇنۇم يارىتالمايدىغان ۋاقىتقا كەلگەندە، تۈركۈملىگەن توخۇ،توشقان . ئۆردەكلەرنى ....ئەڭ ئەزان باھادا سېتىپ قولدىن چىقىرىپ ئورنىنى ياشلاشتۇرۇلغان ئۆي قۇشلىرىغا ئالماشتۇرش ئۇسۇلى بىلەن ئىقتىسادى كىرم قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ .
بىراق بىزلەردە ئۆي قۇشلىرى باقمىچلىق كەسپىدە يىتەرلىك بولغان ئاساسى بىلىمىمىز ۋە ئەمەلىي تەجىربىمىز يوق دىيەرلىك بولۇشنىڭ ئۈستىگە ئانا دىيارىمزىدا ھەر كۈنلىگى پايدىسىز ئىچىلدىغان يىغىن ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەجبۇريەت ئەمگەك ۋە چۇۋالچاق ئىش-ئەمگەكلەر كۆپ بولۇش سەۋەپلىك كەسىپلەشكەن بىر ئىشقا خەن يولداشلاردەك ئىزچىل شۇ
كەسىپنىڭ بىشىدا چۆرگىلەپ بولالمايمىز .
شۇڭلاشقا قانداق قىلىش كىرەك ؟ -ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقتا خەن يولداشلارنىڭ قوللانغان ئۇسۇلىدەك كىچىكىكىنە بىر ئامبار ئۆينىڭ ئىچىدە نەچچە يۈز دانە توخۇ-توشقان . غاز-ئۆردەكلەرنى باقساق زىيادە زىچ بولغان مۇھىيت ئاسانلا بۇلغىنىپ ئۆي قۇشلىرىدا ئاسانلا كىسەل بولۇپ ئىنتايىن دىققەت قىلمىساق ›› ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ ‹‹ دىگەندەك ، كىسەل بولغان بىرىنى كۆرسە يەنە بىرىمۇ سەندىن مەن قالامتىم دەپلا ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلۈپ كىتىدىغان ئىش كىلىپ چىقىدۇ . كىسەل بىلەن يۇقۇملانغان ئۆي قۇشلىرىنى داۋالاش جەھەتتە كۆپ سانلىق كىشلەرنىڭ خەن يولداشلاردەك ئەمەلىي ۋە مول بولغان تەجىربىسى يوق بۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن مەخۇس مۇشۇ كەسىپتە بىر نەچچە يىل ئوقۇغان مىللىي خادىملىرىمىزمۇ بۇنداق كىسەللەرنى داۋالاش ئەمەس ھەتتا كىسەلنىڭ خەلىقئارالىق بىر تۇتاش ئاتىلدىغان ئورتاق ئىسمىنى تولۇقمۇ بىلمەيدۇ دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ . شۇڭلاشقا ئەڭ ئاقلانە چارە ئۆي قۇشلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنۋى بولغان تەبىيئەت مۇھىيتىنى بەلگىلىك يارىتىش ئاساسىدا يەنى كەڭ تەبىيئەتكە يىقىن بولغان شەرىت-شارائىتلار تولۇق ھازىرلانغان تۇرالغۇ ياساش ئارقىلىق ،جۈجىللىرىنى ئەكىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشتىن تارتىپ پەرۋىش قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تاكى ئەڭ ئاخىرقى سىتىپ قولدىن چىقىرىشقىچە بولغان جەرايانلارنى باشتىن-ئاخىر بىر ياكى بىر ئىككى ئادەم ھۆددىسىن ئاسانلا چىقالايدىغان باشقۇرۇش قولاي ۋە پاكىز . خەتىرى ئاز، جاپاسى يوق دىيەرلىك . خىزمەت ۋە باشقا قوشۇمچە تىجارەتلەرگە تاقاشمايدىغان كۆپ بوشلۇق ئىگەللىمەيدىغان. ھويلا-ئارامنىڭ تازلىقغا تەسىر يەتمەيدىغان بولۇش بىلەن بىرگە زىرىككەندە ئىچ-پۇشىقىنى چىقرىىش بىرگەۋدىلەشكەن ئالاھىيدە بولغان تۇرالغۇلارنىڭ رەسىملىك خەرىتسىنى سىزىپ پايدىلىنشغىڭلارغا سۇندۇم . پايدىلىنىدىغان يەرلىرى بولسا پايدىلنىپ، يىتەرسىز يەرلىرى بولسا ئۆزۈڭلارنىڭ بىشىڭلاردىن ئۆتكەن ئەمەلىي بولغان پايدىلىق تەجىربەڭلەرنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ مۇشۇ كەسپىتە بەلگىلىك ئىقتىدىسادى قىممەت يارىتىپ كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقىڭلارنىڭ ۋە سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى كۆرۈشۈڭلارغا تىلەكتاشمەن !
. تەرتىپ بويۇنچە يوللىغان رەسىملەرنىڭ ئورنى مەشغۇلات قىلىش جەريانىدا ئورۇنلىرى ئالمىشپ قاپتۇ