مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1739|ئىنكاس: 3

تەرەققىي قىلالمايدىغان 10 خىل خوجايىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84885
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 395
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2012-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 01:37:28 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرەققىي قىلالمايدىغان 10 خىل خوجايىن.  



باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۆۋەندىكى 10 خىل «خوجايىن» تىجارىتىنى زورايتالمايدىكەن

1. بۈيۈك غايىسى يوق خوجايىنلار

«چوڭ» ئىش قىلىشنى ئويلىماي، ﻫازىرقى ﻫالىتىدىن رازى بولۇپ كېتىپ، رىقابەتكە بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولمىغان، پۇرسەتكە نىسبەتەن سەزگۈر بولالمايدىغان خوجايىنلار. سودا ساﻫەسىدە چوڭ ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈككەن خوجايىنلار چوڭ شىركەتلەرنى قۇرۇپ چىقالايدۇ. نۆۋەتتىكى ﻫالىتىدىن رازى بولۇپ يۈرگەنلەر ئاخىرىدا سودىسى كاساتلىشىپ دۇكاننى تاقايدۇ ياكى كەسىپ ئالماشتۇرىدۇ.

2. ئېنىق پىلانى يوق خوجايىنلار

بۇ خىلدىكى خوجايىنلار ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپكە نىسبەتەن ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك پىلان تۈزۈشكە ماﻫىر ئەمەس. بۇلار تىجارەت جەريانىدا نۇرغۇن بايلىقنى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ ياكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى يوقىتىپ قويىدۇ ۋە ياكى بار بولغان بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنالمايدىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ تىجارەت تەننەرخى ناﻫايىتى يۇقىرى بولىدۇ.

3. ئىختىساس ئىگىلىرىنى قەدىرلىمەيدىغان خوجايىنلار

ﻫەر قانداق بىر شىركەتكە نىسبەتەن ئىختىساس ئىگىلىرى مەبلەغ ۋە مۈلۈكتىن كۆپ مۇﻫىم. شىركەتتە ئىختىساسلىق خادىملار بولغاندىلا ئاندىن قىلماقچى بولغان ئىشنى ئوڭۇشلۇق قىلغىلى بولىدۇ. ئىختىساسلىق خادىم يوق شىركەتتە ﻫېچقانداق ئىش ئاقمايدۇ.

4. پەقەت ئۆزىلا ئىزدىنىپ، ئۇستاز تۇتمايدىغان خوجايىنلار

بۇ خىلدىكى خوجايىنلار پەقەت ئۆزىلا ئىزدەنگەننىڭ بەدىلىگە نۇرغۇن مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچراپ، ئەگرى يوللارنى كۆپ مېڭىپ كېتىپ ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ ياكى بار بايلىقىنى ئىسراپ قىلىۋېتىپ، يېتەرلىك مەبلىغى قالمايدۇ. ياكى نەزەر دائىرىسى تار بولغانلىقتىن پۇرسەت ۋە كىرىزىسنى ۋاقتىدا بايقىيالمايدۇ.

5. ئىدىيەسى قاتمال خوجايىنلار

جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئەﻫۋالىغا نەزەر سالساق، قانچە ئېچىۋېتىلگەن جايلارنىڭ تەرەققىياتى شۇنچە تېز، ئىدىيەسى قالاق جايلارنىڭ تەرەققىياتى شۇنچە ئارقىدا قالغانلىقىنى بايقىيالايمىز. ئىدىيەسى قاتمال خوجايىنلار نۇرغۇن تەرەققىيات پۇرسەتلىرىنى ئۆزى رەت قىلىۋېتىدۇ.

6. ئۆگەنمەيدىغان خوجايىنلار

ﻫەرخىل تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ تۇرىدىغان خوجايىنلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان خوجايىنلار بولۇپ، تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتناشمايدىغان خوجايىنلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تىجارەت ئەﻫۋالى ناچار.

7. «توخۇ يۈرەك» خوجايىنلار

خېيىم-خەتەر بىلەن پۇرسەت ئەزەلدىن تەڭپۇڭ بولۇپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالمايدىغان خوجايىنلار نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. بىر قىسىم خوجايىنلار مەسىلىنى مۇنداق ئويلايدۇ: «ناۋادا بۇ ئىشنى قىلسام، ناۋادا مەبلەغ سېلىپ مەغلۇپ بولسام قانداق قىلارمەن؟»

توغرا، ئادەم ﻫېچقانداق ئىش قىلمىسا مەغلۇپ بولمايدۇ، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان پۇرسەتمۇ بولمايدۇ.

8. كۆزى كىچىك، ئۇششاق ئىشلارغا كىرىشىۋالىدىغان خوجايىنلار

ۋاقتىنى ئۇششاق ئىشلارغا ئىسراپ قىلىۋېتىدىغان خوجايىنلارنىڭ شىركەت تەرەققىياتى قاتارلىق چوڭ ئىشلارنى ئويلىشىدىغانغا نەدىمۇ ۋاقتى بولسۇن؟ بەزى خوجايىنلارنى ﻫەتتا «ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى» دېيىشكىمۇ بولىدۇ، شىركەتنىڭ نەرىدە مەسىلە كۆرۈلسە شۇ يەردە پەيدا بولىدۇ، لېكىن «قانداق قىلغاندا مەسىلە چىقمايدۇ؟» دېگەننى ئويلاشمايدۇ. بۇ خىلدىكى خوجايىنلارنىڭ تىجارىتى ناچار بولغاننىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرى ناﻫايىتى ﻫېرىپ كېتىدۇ. ئەكسىچە، پەقەت شىركەت تەرەققىياتى قاتارلىق چوڭ ئىشلارغىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان خوجايىنلار ئۇششاق ئىشلارنى خىزمەتچىلىرىگە خاتىرجەم تاشلاپ بېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا خىزمەتچى خادىمنىڭمۇ رولى بولۇپ، ئۇزاق مەزگىل شىركەتتە ئىشلەيدۇ، خوجايىن ئۆزىمۇ راﻫەت ﻫېس قىلىدۇ.

9. باش چۆكۈرۈپ تىجارەتلا قىلىپ، ئېلان-تەشۋىقات قىلمايدىغان خوجايىنلار

سېتىش ئۈچۈن چوقۇم ئېلان-تەشۋىقات قىلىش كېرەك. ئېلان-تەشۋىقاتنى قانچە كۆپ قىلغان شىركەت شۇنچە تېز تەرەققىي قىلىدۇ. باش چۆكۈرۈپ تىجارەت بىلەنلا شۇغۇللىنىپ، ﻫازىرقى خېرىدارلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن رازى بولۇپ يۈرگەن خوجايىنلار باشقىلارنىڭ ئېلان-تەشۋىقاتقا تايىنىپ تېخىمۇ كۆپ بازارنى ئىگىلەپ بولغانلىقىنى سەزمەيلا قالىدۇ.

10. ئاز پايدىنى كۆزلەيدىغان، سەمىمىيەتسىز خوجايىنلار

سەمىمىيلىك ئېغىر بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىركەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ﻫەرخىل پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. سەمىمىيەتسىزلىك ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل گەرچە ئازدەك، ۋاقتىنچە ناﻫايىتى كۆپ پايدىغا ئېرىشكەندەك كۆرۈنسىمۇ لېكىن ئۆزى سەزمەيلا ئېغىر بەدەل تۆلەپ، نۇرغۇن تەرەققىيات پۇرسەتلىرىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.
مەنبە:ئەرقال تاراتقۇسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abu12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-21 01:39 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58247
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4840
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1655 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 12:11:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوجايىننىڭ ساپاسى شىركەتكە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ …

www.uyigilik.com

ئۈندىداردا IGILIK نى قوشىۋېلىڭ . تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىقتىساد بىلىملىرىدىن بەھىر ئالالايسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1875
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 940 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 02:42:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھىيىتى ياخشى ئەمىلىي  يەكۇنلەركەن،كارخانىچىلار  ۋە كارخانا قۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلار ئەستايىدىل كۆرۇشكە تېگىشلىك تېمىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 627
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 07:13:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىجارەتچىلەرگە نىسبەتەن بىر ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ . رەھمەت سزگە.

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش