مىسرانىم تورىغا كىرگىلىمۇ بىر يىل بولۇپ قاپتۇ، بۇ جەرياندا مەن ھەرقايسى مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ھازىر شىنجاڭ تىلىۋىزىيەئىستانسىسىنىڭ قەرەللىك ئىلىپ بىرىلىۋاتقان يىڭى ناۋا، يىپەك يولى ساداسى قاتارلىق ھەرخىل سەنئەت پىروگىراممىللىرىغا بولغان مۇئەييەنلەشتۈرشى شۇنداقلا يەنە بىرقىسىم مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ئىنكار قىلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇردۇم، بەزىلەر رىياسەتچىلەردىن نارازى بولغان بولسا يەنە بەزىلەر بۇ پىروگىراممىلارنىڭ ماھىرلارغا بولغان پوزىتسىيىسدىن نارازا بولدى، مەنمۇ ئەسلىدە بىر كۆرۈرمەن ئىدىم، بىراق كىيىن كۆرمەس بولۇپ قالدىم ،يىقندىن بۇيان يەنە يىڭى يىپەك يولى ساداسى پىروگىراممىسى دىققىتىمنى تارتتى، بۇ توغۇرلۇق توردىن ۋىدىئو ئىزدەۋاتسام شىنجاڭ تالانتىقلار سەھىنىسى دىگەن پىروگىراممىنىڭ تەشۋىقات ۋىدىئوسى ئۇچراپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يازمىنى يازاي دەپ ئويلاپ قالدىم.
سەنئەت –بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى بايلىقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ۋە كىشلەرنىڭ كۈندىلىك مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى بولۈش سۈپىتى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى، بولۇپمۇ ھازىرىقى تىخنىكا ۋە ئۇچۇر تەرەققىي قىلغان دەۋىردە بىرقسىم دۆلەتلەرنىڭ سەنئەت ئارقلىق قۇدەرەت تىپىشى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاستىللىرى بولۇپ قالدى، مەسلەن:كورىيە تىلىۋىزىيە تىياتىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسىجايلىرىدا قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشىپ زور ئىقتىسادى قىممەت ئىلىپ كەلدى،شۇنداقلائامرىكىنىڭ ھەرخىل كىنىولىرى، ياپۇنىيەنىڭ كارتونلىرى ھىلھەم شۇنداق.،دۆلىتىمىزمۇ مەدىنىيەت ۋە سەنئەتنى تەرەققى قلدۇرۇشنى دۆلەتنىڭ ئۇنۋىرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم بىر نۇقتا دەپ كۆرسەتتى، ئۇيغۇرلارنىڭ 12مۇقامى 2007-يىلى بىرلەشكەن دۆلەت تەرىپىدىن غەيرى-ماددى مەدىنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزلۈپ بىزنى خۇشال قىلدى .
بەلكىم بەك خۇشال بولغان بولساق كىرەك، شۇنىڭدىن كىيىن ھەرخىل تىپتىكى سەنئەت پىروگىراممىللىرى مەيدانغا كەلدى، ئەڭ دەسلەپكى جۇلا ،ئاندىن كىيىن ناۋا ،يىپەك يولى ساداسى، شىنجاڭ تالانتىقلىرى مەيدانغا كەلدى، ئەلۋەتتە بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان «ئالىم بولاي دىسەڭ مەكتەپكە بار،ئادەم بولاي دىسەڭ مەشرەپكە »دەپ تەرىپلەنگەن مەشرەپمۇ بار. بۇلارنى تۈپتىن ئنكار قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ پىروگىراممىلار كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا خۇشاللىق ئىلىپ كەلدى. شۇنداقلا بىر قىسىم ئەلگە تونۇلغان سەنئەتچىلەرگە ،ھەرقايسى ساھەدىكى سەنئەتخۇمار كىشلەرگە ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردى، بىراق شۇنىڭغا دىقققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىزنىڭ مائارىپقا مۇناسىۋەتىلىك پىروگىراممىللىرى قانچىلىك؟
ئىسمدەقىلىشىچە بىر كىتاب بىر ئالەم پىروگىراممىسى بىر مەزگىل قىزغىن قويۇلغاندىن كىيىن تۇيۇقسز غايىپ بۇلۇپ قاچانلاردىن بىرە يەنە ئەسلىگە كەلدى، ئوتتۇردىكى تۇيۇقسز غايىپ بولغان چاغدا ھەرخىل غولغۇلىلار بولۇشتى، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن قەيتا ئەسلگە كەلگىنىگە ھەممەيلەن خوش. بۇنىڭدىن سىرت يەنە باشقا پىروگىرىمىلارنى ئىزدىسەك مائارىپقا نىسپەتەن ئالاھىدە تەربىيىۋى ئەھمىيتى بار پىروگىراممىلارنى تاپماق سەل تەسكە توختايدۇ، دۆلىتىمىزگە قارايدىغان بولساق مەركىزى تىلىۋىزىيە ئستانسسىنىڭ 1-يۈرۈش قانىلىدا ھەر شەنبە كۈنى قويۇلدىغان «نۇتۇق باشلاندى» پىروگىراممىسى، بۇ پىروگىراممىدا بىر داڭلىق شەخىس ئۆزىنىڭ كىشلىك ھاياتقا بولغان قارشى ۋە ۋە كىشلىك ھاياتتا ھىس قىلغانلىرىنى ياشئۇقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ھەمسۆھبەت بولۇپ ياشلارنىڭ جەمئىيەتتە يولۇققان مەسلىللەر ۋە يولۇقىدىغان مەسىللەر توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىدۇ:مەركىزى تىلىۋىزىيەئىستانسىنىڭ 10-يۈرۈش قانىلىنىڭ «ھەرقايسى ئىقىمدىكىلەر» پىروگىراممىسىدا ھەركۈنى كەچتە داڭلىق پىراففىسورلار كۇڭزىنىڭ<مۇھاكىمە ۋە بايان >دىگەن مەشىھۇر ئەسىرى توغرسىدا چۈشەنچە ۋە مۇلاھىزەئىلىپ بارىدۇ، يەنە چەتئەلگە قارايدىغان بولساق ئامرىكىنىڭ پىروگىراممىسىدا يىڭىچە تەپەككۇر ياكى يىڭىچە بولغان پەن- تىخنىكىدىكى بايقاش سۆزلىنىدۇ ،خارۋارد ھەمدە يېلۇ ئۇنۋىرستىتىنڭ «بەخت»ۋە »«ئادىللىق » دەرسى،ھەمدە سىتانفورد ئۇنۋىرسىتىنى ۋە كولۇمبىيە ئۇنۋىرستىتى قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوچۇق دەرسلىرى بار ،بۇ دەرسلەرنىڭ ئاساسلىق دەرس ئاڭلىش ئوبۇكتىۋى ئالى مەكتەپتىكى ياش ئوقۇغۇچىلار بولۇپ بۇ دەرس ئارقلىق ئۇلارنىڭ جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچىسنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ،بىراق بىزدە ھازىر مۇشۇنداق پىروگىراممىلار بارمۇ؟
بۇ بىر ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە،بىزدە سەنئەتچى كەممۇ؟ياق ،كۆپ ساندىكى كىشلەر كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ نۇرغۇن سەنئەتچىلەرنى دەپ بىرەلەيدۇ، ئۇنداقتا ئالىمنچۇ؟ ئالىمنى ساناپ بىرەلەيدىغان كىشلەر قانچىلىك؟ گەرچە مەن بۇنى تەھلىل قىلىپباقمىغان بولسام شۇنى كىسىپ ئىيتالەيمەنكى ئالىمنى تونۇيدىغان كىشلەر سەنئەتچىلەرنى تونۇيدىغان كىشلەردىن خىلىلا ئاز، ئۇنداقتا بىزدە ئالىم كەممۇ؟ بەلكىم راستىنلا ئالىم كەمدۇر، بىراق كىشلەر ئىيتىپ بىرەلمىگىدەك دەرجىدە كەممۇ؟ياق،بۇيەردە كىشلەرنىڭ سەنئەتچىلەرنى كۆپ تونۇپ ئالىملارنى تونۇماسلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرسى بىزنىڭ ئالىملىرىمىزنىڭ خەلىق بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغان ۋە پىكىرئالماشتۇرىدىغان پىروگىراممىلار ئاز، خەلىقنىڭ سەنئەتكە بولغان قىزىقىشى كۈچلۈك، بىراق مائارىپقا بولغان قىزىقىشى بولسا سۇس، بۇنى نۆۋەتتىكى كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىنى بىيتىۋاتقان تۈرلىگەن سەنئەت پىروگىراممىلىرىنىڭ كۆپلىشى بىلەن مائارىپ ۋەتەرەققىيات ھەققىدىكى پىروگىراممىلارنىڭ ئاز بولۇشى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق؟ يىقىنقى بىر قانچە يىللار ئىچىدە كۆتۈرۈلگەن تۈركىيە قىزغىنلىقى يەنە بىر مىسال بولالايدۇ،تاركان كەپتۇ دىسە بىرقىسىم كىشىللىرىمىز كىچە ئۇخلىماي يولىغاقارايدۇ، سەنئەت كىچىلىكىدە بولسا زالغا پەغەزگە قونغان كەپتەردەك پىتىشماي قالىدۇ،ئەگەر ئىلىم چىيى، ئىلمى مۇھەكىمە يىغىنى، خالىسانە نۇتۇق بولسا كەلگەن كىشلەرنىڭ تايىنى يوق، بۇ ھادىسلەر ئەۋىج ئالغان دەۋىرىدە مائارىپ پىروگىراممىىللىرىنى كۆپەيتىش كىرەكمۇ يوق؟ مۇھەممەت سالىھ ئۇستاز مۇنداق دەيدۇ:« كىتابلىرى غېرىب قالغان خەلىقنىڭ ،ئەرلىرى نادانلىقتا قۇل، ئاياللىرى روھى تۇل بولىدۇ».مىنىڭ دەيدىغىنم بولسا ھىچ بىر قايسى مىللەت سەنئەتكە تايىنىپ باش كۆتۈرۈپ چىقالىغان ئەمەس، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى تۈپ يىلتىزدىن يەنىلا مائارىپقا باغلىق.ئاخىرىدا چاقچاق بولسۇن ئۈچۈن مۇنۇ گەپنى قىستۇرۇپ قوياي.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# x( C: Z9 a8 S7 T8 _; Y# w. }
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ j7 `2 w9 h$ U) k* t* `
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. F$ M8 ~# [6 C( r1 s