|
|
|
|
مىسرانىم تورى خەۋىرى :
ئابىدە بىئو پەن –تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى«باشقۇرۇش كېڭىشى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىش يىغىنى غەلبىلىك ئېچىلدى.
2014-يىلى 11-ئاينىڭ20-كۈنى شىنجاڭ ئابىدە بىئو-پەن تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى يىغىن زالىدا ئابىدە شىركىتىنىڭ«ئابىدە باشقۇرۇش كېڭىشى»قۇرۇش يىغىنى غەلبىلىك ئېچىلدى.
يىغىن دەسلىپىدە شىركەت مۇدىرىيەت مۇدىرى ئوبۇلقاسىم روزى ئەپەندى بۇ قېتىملىق باشقۇرۇش كېڭەش يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى شىركەتنىڭ تەرەققىياتلىرى ،ۋە بۇ كېڭەشنىڭ قۇرغاندىن كېيىنكى كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
ئابىدە باشقۇرۇش كېڭىشى ۋە كېڭەش لىدىرى ئوبۇلھەسەن روزى ھاجىم يېڭى قۇرۇلغان كېڭەش ئەزالىرىنى رەتلەش ئىشلىرى ۋە بۇ كېڭەشنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى ،شىركەت باشقۇرۇش كېڭىشى ، يولۇققان چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر، تۈرلۈك ئىستىراتىگىيەلىك تەرەققىيات پىلانى ۋە سىياسەتلەر، تىجارەت دائىرىسى ،باشقۇرۇش ۋە كېڭىشى ،پىكىر .ئورتاقلىقى بىلەن سىجىل تەرەققىيات ، باشقۇرۇش كېڭىشىنىڭ ئەھمىيتى ،باشقۇرۇش كېڭىشى قاتلىمىدىكى ئەزالار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى خىزمەت ئۇسۇللىرى دېگەن مەزمۇنلاردا ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
سېتىش نازارەتچىسى نۇرئەھمەد نۇرمۇھەممەد سۆزىدە شىركەت تۈزىمى ،باشقۇرۇش كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
مالىيە باش نازارەتچىسى ئامانگۈل ئوسمان ئابىدە شىركىتى مالىيە ئىشلىرى ، مالىيە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرخىل پائالىيەت ، كاماندىروپكا ، ياتاق - تاماق چىقىم ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ، قاتارلىق مەزمۇنلاردا سۆز قىلدى.
ئىشلەپچىقىرىش باش نازارەتچىسى مۇتەللىپ نۇرمۇھەممەد زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئۇچرىغان قېيىنچىلىقلار ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتى .
كېڭەش ئەزاسى تۈر بۆلۈم دېرىكتورى ئابلىز ئابلىكىم بۇ يىللىق خىزمەتنى، باشقۇرۇش سېستىمىسىنىڭ ئىلغارلاشقانلىقى ،شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت بىلەن شىركەت ئارىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلاردا سۆز قىلدى
مىسرانىم تورىمىزنىڭ بۈگۈنكى يىغىندىن بىلىشىمىزچە ئابىدە شىركىتى باشقۇرۇش كېڭىشى بولسا،ئىستىراتىگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ شىركەتنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتىش،مەسىلىلەرگە تەمكىن، توغرا پوزىتسىيە تۇتۇش، شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە ھازىرقى تىجارەت ئەندىزىسىنى ھەرقايسى خادىملار بىلەن كېڭىشىپ، كۆپنىڭ پىكىرى ۋە مەسلىھەتى بىلەن ئەڭ توغرا يوسۇندا بېكىتىش، خادىملارنىڭ يۇشۇرۇن قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىتىش، ئىلمىي، مۇكەممەل بولغان قارارنى يېتەكچى قىلىپ،ئەتراپىمىزدىكى ئۆزگىرىشچان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مۇھىتقا قارىتا ئەمەلىيەت ۋە شىركەت رىئال ئەھۋالىنى چىقىش قىلىتىن ئىبارەت. خادىملارنىڭ ئورتاق پىكىر بىرلىكى ئاساسىدا، ئەڭ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك بولغان تەرەققىيات يولىنى كۆرسىتىپ بېرىپ،شىركەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىراتىگىيە يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، شىركەت رىقابەت كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ھەرخىل خېيىم – خەتەرگە قارىتا دەرھال ۋە توغرا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىلمىي بولغان باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە زامانىۋىي ئەندىزىلەر ئارقىلىق شىركەتنى تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ تىز ۋە راۋان بولغان تەرەققىيات يولىغا باشلاشنى مەقسەت قىلىپ قورۇلغان.
ئابىدە باشقۇرۇش كىڭىشى شىركەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ۋە كارخانا مەدەنىيىتى جەھەتتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ،بۇ كېڭەش ئابىدەنىڭ گورۇھلىشىش سۈرئىتىنىڭ تىزلىشىشىگە تۈرتكە بولغۇسى.
بىز مىسرانىم تورى نامىدىن ئابىدە شىركىتىنىڭ تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىگە چىن قەلبىمىزدىن تىلەكداشمىز.
مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تور بېكىتى
2014- يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-20 10:59 PM
|
|
|
|
|
|