بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, p4 y' ?3 c; Fبىز توي قىلغىنىمىزغا ئىككى يىل بولغان بەختلىك كۈنلەرنىڭ بىر ئاخشىمى يولدۇشۇم تاماق يىگەچ ؛ ــــ ئاپامنى يېزىدىن ئۆيىمىزگە قايتۇرۇپ كەلسەك قانداق دەيسىز ، قىش كىرىپ قالدى ، ئاپام يالغۇز ئۆيدە جاپا تارتىپ قالارمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم . يەنە كېلىپ ئۆتكەن يىلى ئاپاملارنىڭ خوشنىسى مەشتىكى كۆمۈردىن ئىس ئېلىپ كېتىپ تۈگەپ كەتكىنىنى ئويلىسام ... يولدۇشۇم گەپ قىلىۋېتىپ چىرايىمغا پات -پات قاراپ قۇياتتى . ـــ مەنمۇ نەچچە كۈندىن بېرى سىزگە بۇ ھەقتە گەپ قىلاي دەپ ئويلىغانتىم . دېمىسىمۇ ئاپام ياشىنىپ قالدى ، شۇنچە يىلدىن ياقى قىلچىمۇ ۋايسىماي ،دادىڭىزنىڭ يوقلىغىنى بىلىندۈرمەي ، سىزنى ياخشى تەربىلەپ ، ئالى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ ، ئۆيلەپ ئاز جاپالارنى تارتمىدى . ئەمدى سىزنىڭمۇ خىزمىتىڭىز مۇقىملاشتى ، مەنمۇ ئىشلەۋاتىمەن . تۇرمۇشىمىز ھەر ھالدا ياخشى . ئاپامنى قايتۇرۇپ كىلىپ ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالساق ئاندىن بالىلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلغان بۇلىمىز . ــــ راست داۋاتامسىز خوتۇن ؟ ــــ ئەلۋەتتە ، سىز مېنى قوشۇلماسمىكىن دەپ قاپسىز-دە ؟ ــــ راستىمنى دېسەم نەچچە كۈندىن بېرى سىزگە قانداق ئېغىز ئېچىشنى بىلمەي ، دىلىغۇل بۇلۇپ يۈرگەنتىم ــــ ئەخمەق، ناۋادا سىزنىڭ ئاپىڭىزنىڭ ئورنىدا مېنىڭ ئاپام بولسا سىز قانداق قىلاتتىڭىز ؟ ــــ مەنمۇ ئەلۋەتتە ماقۇل دەيتتىم . ــــ مانا بولدى ئەمەسمۇ ، ئەمىسە گېپىڭىز راست بولسا تامىقىڭىزنى تېزرەك يەڭ ــــ نېمىگە بۇنچىۋالا ئالدىرتىسىز ئادەمنى ، تېخى ئۇخلايدىغان ۋاقىت بولمىدىغۇ ھا ھا ھا ؟ ــــ ھا ھا ھا خەپ ساراڭ ، مەن نېمە كويدا سىز نېمە ئويدا ! ئەتە شەنبە ھەر ئىككىمىز دەم ئالىمىزكەن . سىز ھازىرلا بېرىپ ماشىنىغا گاز قاچىلاپ كېلىڭ ، ئەتە سەھەردىلا يولغا چىقايلى . مەن ئاپامنىڭ ياتاق ئۆيىنى يىغۇشتۇرۇپ قۇياي . ــــ ماقۇل خوتۇن ماقۇل ، بەك تاتلىق جۇمۇ سىز يولدۇشۇم شۇنداق دېگىنىچە كىلىپ كەينىمدىن مېنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى ... بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: ~, s* L2 m5 y4 H u# E N2 u1 \
...................
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& o s+ k3 ?7 P( ` ئاپامنى ياندۇرۇپ ئۆيىمىزگە ئېلىپمۇ كىلىۋالدۇق . يولدۇشۇم بىلەن ئىككىمىز شۇ خىزمەت دەپ ئەتتىگەندە چىقىپ كەتسەك ، چۈشلۈك ئىككى سائەت دەم ئېلىشتا ئالدىراپ -تېنەپ تاماقنى ئېتىپ يەپ يەنە ئىشقا يۈگۈرەيتتۇق . چۈشلۈك ۋاقتىمىز شۇنچىلىك بولغاچقا مەن خېمىر يۇغۇرسام يولدۇشۇم سەيلارنى يۇيۇپ ، بىر -بىرىمىزگە ھەمدەمدە بۇلۇپ تاماقنى ئېتىپ يەپ ماڭاتتۇق . ئاپام كەلگەندىن كېيىنمۇ شۇ ئىسكەتتە ئالدىراش كىلىپ -كېتىپ يۈردۇق ، پەقەت ئاخشىمى ، شەنبە -يەكشەنبىلەردىلا ئاپام بىلەن بەھوزور ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ مۇڭدىشالايتتۇق . ئاپامنىڭ ئاشخانىغا كىرىپ ياردەملىشەي دېگىنىگە ئۇنىمايتتىم . ئۆزەمچە بۇنداق قىلسام ئاپامنى ئىشىمغا سالغىلى قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلگەندەك بۇلۇپ قالمىسۇن دەپ ئويلايتتىم . ئەمما ئاپامنىڭ ئوغلىنىڭ ماڭا ياردەم قىلىپ ئاشخانىغا كىرىۋېلىشىنى ئېغىر ئېلىپ كېتىشىنى ئويلاپ كەتمىگەن ئىكەنمەن . كېيىن ئاپامنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگۈرۈشلەردىن بۇنى ھېس قىلىپ يولدۇشۇمنىمۇ ئاشخانىغا كىرگىلى قويمايدىغان بولدۇم . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 r+ h/ p M4 J& i: [) r
مەن گۈلگە بەك ئامراق ئېدىم ، شۇڭا ئۆيىمنىڭ گۈل قويغىدەك يەرلىرىگە ھەتتا تازىلىق ئۆيىمگىمۇ بىر تەشتەك گۈل قۇيۇپ قۇياتتىم . دوستلىرىم دائىم <سېنىڭ ئۆيىڭگە بارساق ، خۇددى باغچىغا كىرگەندەك ھېسياتقا كىلىپ قالىمىز > ، دېيىشەتتى . بىر كۈنى گۈل دۇكىنىغا بېرىپ ئاپامنىڭ ياتاق ئۆيىگە بىر تەشتەك گۈل سېتىۋېلىپ ئۆيگە كېلىشىمگە ، ئاپام ؛ ــــ مۇشۇ كۈننىڭ ياشلىرى پۇل دېگەننىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپلا ياغاچ تىقىدىكەن دېسە ، ئۆيدە شۇنچە گۈل تۇرسا يەنە گۈل ئالغىنىڭىز نېمىسى ، قانچە پۇلغا ئالدىڭىز بۇنى ؟ ـــــ ئاپا بۇنى سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە قۇيۇپ بېرەي دەپ ئالغانتىم ، ئۇخلايدىغان ياتاق ئۆيلەرگە قالايمىقان گۈللەرنى قۇيۇشقا بولمايدۇ ، بۇ مەخسۇس ياتاق ئۆيلەرگە قويىدىغان گۈلكەن شۇڭا ... ــــ ۋاي مەن قېرىغىما ؟! ، بولدى قۇيۇڭە گۈل -پۈللىرىڭىزنى ، بىز قېرىلار چوڭ بولغانسېرى گۈلگە ئەمەس بالىغا تويماس بۇلۇپ قالىمىزكەن . بۇندىن كىيىن بۇنداق بەتخەشلىك قىلماڭ ، قانچە پۇلغا ئالغانسىز ، ۋاي ئىسىىت پۇللار ! ئەگەر پۇلنى قايتۇرغىلى بولسا گۈلنى ئاپىرىپ بېرىپ پۇلنى قايتۇرۇپ كېلىڭ . ـــ ئاپا ، قىممەتمۇ ئەمەستى ، ئارانلا 50سوم . ــــ نېمە ، مۇشۇ ئوتما ؟! ۋاي بۇنداق ئوتلار بىزنىڭ سەھرادا ئېتىز بېشىدىلا بار . مۇشۇنىڭغىمۇ 50 كوينى خەجلەمدۇ . ئاپام يەنە بىر نىمىلەرنى غۇتۇلدىغىنىچە ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى . مەن ئاپامنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تەشتەكنى كۆتەرگىنىمچە جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم ، ئىچ -ئىچىمدىن بىر يىغا چوقان كۆتۈرمەكتە ، ئەمما ئۆزەمنى شۇنداق تۇتىۋېلىشقا تېرىشاتتىم . دەل شۇ چاغدا يولدىشىم كىرىپ كەلدى ۋە مېنىڭ ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدا تەشتەكنى تۇتقىنىمچە تۇرغىنىمدىن ئەجەپلەندى بولغاي ؛ ـــــ نىمە بولدۇڭىز ، نېمە بۇ ئوتتۇردا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ كەتتىڭىز ؟ ــــ ھېچنىمە بولمىدى ، گۈل ئالغانتىم ــــ ياخشىغۇ ، گۈلگە ئامراقلىغىڭىزنى بىلمەن . ئەسلىدە سىزگە مەن ئېلىپ بەرسەم بۇلاتتى ، مۇشۇ خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا يىتىشىپ بۇلالماي بۇ چاغدا ئاران تۇرغان تۇغانىم ئېلىپ كۆزلىرىمدىن ياشلار مارجاندەك تۈكىلىشكە باشلىدى . يولدىشىم ئىشنىڭ چاتاقلىغىنى پەملىدى بولغاي مېنى ئاستا بالكۇنغا تارتتى ، مەنمۇ راھىشلىق بىلەن بالكۇنغا چىقتىم ھەم ، بىر ئاز ئۆزەمنى تۇتىۋالغاندىن كېيىن ، بولغان ئىشنى يولدىشىمغا ئاستاغىنە دەپ بەردىم . يولدىشىم قۇلىقىمغا پىچىرلاپ < ھەي ئەخمەق خوتۇن ، ئاپام دېگەن سەھرادا تۇرغان ئايال ، سەھرادىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى سىزمۇ چۈشۈنسىز ، ئۇلار شۇ 50 سومنى تەستە تاپىدىغان بولغاچ ، شۇ پۇلغا ئىچى ئاغرىپ قالغان گەپ . بۇنىڭدىن كىيىن ئاپام بىر نەرسىلەرنى قانچە پۇلغا ئالدىڭىز دېسە راست گەپ قىلماي يېرىم باھاسىنى دەڭ ، بۇنى ئەمدى سەمىمىي يالغانچىلىق دەپ تۇرايلى خوتۇن ، بولمىسا مۇشۇنداق يىغلاپ مۈشۈككە ئوخشاپ قالىسىز > ، دېدى . بۇ گەپ بىلەن ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق . ئەمما ئاپامنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ شۇ ھامان ئاغزىمىزنى ئېتىۋالدۇق . ئاپام كەلگەندىن كېيىن سەي -كۆكاتلارنى ، قاچا -قۇچىلارنى يۇيۇش ئۈچۈن كۆپرەك سۇ ئىشلەتسەم ئاپام ؛ ـــــ ۋاي نېمانچىلا پاكىزلىق بۇ ، سۇنى ئىسراپ قىلىپ . تېخى يېرىم كۈن سەينى سۇغا چىلاپ قۇيۇشلىرىڭىز باركەن . بىز يېزىدا سەيلەرنى بىر چايقاپلا ئالىمىز ، قاچىلارغا قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىغىنىمۇ ئىشلەتمەيمىز ، چىنىلەرنىڭ ئىچى داغ بۇلۇپ قالسا ئوچاقتىكى كۈلنى ئېلىپ سۈركەپ يۇساقلا ئاپپاق پارقىراپ كېتىدۇ . سىز مۇشۇ بىر قېتىم قاچا يۇغان سۇدا ھويلامدىكى سەيلىكىمنى سۇغارغىلى بولغۇدەك بالام . شەھەرلىكلەرنىڭ ئىسراپچىلىقى راسلا ئېغىركەن . كىرنى قۇلىڭىزدا يۇسىڭىز ئۇنچە سوپۇن ، سۇ كەتمەيدۇ . ئاۋۇ كىر ئالغۇ دېگەن نېمە سۇ دېگەننى ئايىماي تۆكۈدىغان نەرسىكەن ... بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 p6 _5 j: G- K! G3 x" d5 @" S u
شۇندىن كېيىن مەنمۇ ئەقلىمنى تېپىپ ئاپامنىڭ ئالدىدا كۈلۈپلا تۇرىدىغان ، <راست دەيسىز ئاپا > دەپ ،ئۇنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ ئايايدىغان ، بەزى بىر ئىگىز -پەس گەپلەرنى ئاڭلىساممۇ ئاڭلىماسقا سېلىۋېلىپ جاھاننىڭ تېچىغا كىرىۋالدىم . كىرنىمۇ قۇلۇمدىلا يۇيۇپ ، كىرئالغۇنىمۇ پېنسىيەگە چىقىرۋەتتتىم . ئەمما قاچا -قۇچا ، سەي -كۆكتات يۇيۇش مەن ئۈچۈن بىر باش ئاغرىقى بۇلۇپ قالدى . ئاپامنىڭ دېگىنىدەك قىلسام كۆڭلۈم بىر قىسمىلا تۇرغان ، ئۇنداق قىلماي دېسەم <گېپىمنى ئاڭلىمىدى > دەپ قالمىسۇن دەپ بەكلا ئىچىم سىقىلىپ كېتەتتى . يولدۇشۇممۇ <ئاپامنىڭ دېگىنىدەك قىلىڭ ، بەك تۈجۈپلەپ كەتمىڭە ئەمدى ، ھېچ ئىش بولماس خۇدايىم > دېدى ... بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, Z8 f4 S X6 Q* ?, q
دېمىسىمۇ ئاپام ئاغزىدا دېگىنى بىلەن كۆڭلى تۈز ، ئاق كۆڭۈل ئايال ئېدى . يولدۇشۇم 13 ياش چېغىدىلا قېيىنئاتام ئېتىزغا سۇ ئاچىمەن دەپ بېرىپ شۇ يەردە يىقىلىپ قېلىپ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ تۈگەپ كەتكەندىن بېرى ، قايتىدىن ياتلىقمۇ بولماي يولدۇشۇمنى ئۆزى تەربىلەپ قاتارغا قوشقان بۇلۇپ ، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق -سوغۇقىنى بېشىدىن خېلى ئۆتكۈزگەچكىمۇ ، شۇنداق تىجەشلىك ئېدى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" Q9 i9 @, M8 a: h& j8 C. g' A+ n كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ باراتتى ،ئاپام بولغاچقا يولدۇشۇم ئىككىمىزمۇ بۇرۇنقىدەك ئۆيدە يىقىنچىلىقمۇ قىلالمايتتۇق ، ھەتتا بەكرەك پاراڭ سېلىشتىنمۇ ئەيمىنەتتۇق . بىر كۈنى ئىشخانىدا ئولتۇرسام يولدۇشۇم تېلىفۇن قىلىپ ؛ ــــ ئاپام <ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ زېرىكىپ قالدىم ، قازان بېشىغا ئۆتەي دېسەم ئايالىڭ ئەتكەن تامىقىمنى ياراتمامدۇ ، ھېچ ئاشخانىدىكى ئىشلارغا قول تىققىلى قويمايدۇ > دەيدۇ ، بۇندىن كېيىن ئاپام تاماققا ياردەملىشەي دېسە توسىمىغان بولسىڭىز خوتۇن . ــــ توۋا ئادىل ، مەن ئاپامنىڭ تامىقىنى ياراتمىغانلىقىم ئەمەس ، بەلكى ئاپامنى چارچاپ قالمىسۇن دەپ ئۆزەم قىلىمەن دەپ ئۇنىمايتتىم . ــــ ئۇنداق بولسا ئاپامغا چۈشلۈك تاماقنى سەن ئەتكەچ تۇر دەپ تېلىفۇن قىلىپ قۇياي ھە ! ــــ ھە بوپتۇ . يولدۇشۇم شۇنداق دېگىنىچە تېلىفۇن تورۇپكىسىنى توككىدە قۇيۇۋەتتى . ئۇ ئىلگىرى تېلىفۇن قىلسا <تېلىفۇننى سىز ئالدىدا قۇيۇڭ ئاندىن مەن قۇيۇمەن > دەپ تۇرىۋالاتتى . بۈگۈن ئۇ ئۇنداقمۇ قىلمىدى . مەن كۆپ ئويلاپ كەتتىممۇ ياكى ئاپامنىڭ دېگەنلىرىدىن ئۇۋالچىلىق ھېس قىلدىممۇ ئىشقىلىپ ، ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ ، نەپسىم بۇغۇلۇپ ، ئولتۇرغان جايىمدا ئولتۇرلۇپلا قالدىم . توۋا دەيتتىم ئۆز -ئۆزەمگە . نىمانداق خاتا چۈشۈنىشلەردۇ بۇ . باشقىلار قىيىنئانا بىلەن كېلىننىڭ مۇناسىۋىتى تولىمۇ نازۇك مۇناسىۋەت دەيدىكەن . مەن بۇ مۇناسىۋەتكە دەز كەتمىسۇن دەپ شۇنچە تېرىشىپ قىلغانلىرىم ئەجىبا خاتامىدۇ ؟ ئاپامغا شۇنداق تەسىرات بېرىپ قويغانلىقىمدىن ئادىلمۇ مەندىن نارازى بۇلۇپ قالغانمىدۇ ؟... نۇرغۇن خىياللار كاللامدا ئەكىس ئېتەتتى . ئاخىرى يەنىلا ئۆزەمنى ئەيىپلەپ ، ھەم ئۆز -ئۆزەمنى بەزلەپ چۈشلۈك تاماققا ئۆيگە قاراپ ماڭدىم . ئىشىكتىن كىرىشىمگە مېزىلىك تاماقنىڭ پۇرىقى دېمىقىمغا ئۇرۇلدىيۇ شۇنداق بىر خىل كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتتى . ئۆزەمنى ئاران تەستە تۇتىۋېلىپ ئاپامنىڭ يېنىغا كىرىپ <ئاپا جاپا چېكىپسىز ، تامىقىڭىز ئوخشۇغاندەك قىلىدۇ شۇنداق مىزىلىك پۇراۋاتىدۇ> دىيەلىدىم ، ھەم چاندۇرماسلىققا تېرىشتىم . . ئەزەلدىن بۇنداق بۇلۇپ باقمايدىغان ئادەم بۈگۈن ئاپامنىڭ تامىقىنى كۆرۈپ بۇنداق بۇلىشىمغا تولىمۇ ھەيران قالدىم . تاماق شىرەگە تىزىلىپ بىر چوكا يىگىنىمنى بىلىمەن ، ئىچىمدىن خۇددى دەريا كەبى بىر دولقۇن كۆتۈرلۈپ ئۆزەمنى تازىلىق ئۆيىگە ئارانلا ئاتتىم . ئۈچەي -باغرىمدىكى ھەممە نەرسىنى ياندۇرۇپ سالدىم . ئاغزىمنى چايقاۋاتقاندا ئاپامنىڭ يىغلاۋاتقان ئاۋازى قۇلۇقىمغا كىرىپ قالدى . <ئەمدى تۈگەشتىم > دەپ پىچىرلىدىم ئۆز -ئۆزەمگە . تازىلىق ئۆيىدىن چىقىسام يولدۇشۇم ئىشىك ئالدىدا قاپاقلىرىنى تۈرگەن ھالدا ماڭا ھومىيىپ قاراپ تۇراتتى . ئۇنىڭ بۇ چىرايىدىن تېخىمۇ ئۇڭايسىزلىنىپ ، ئەمدى ئېغىزىمنى ئۆمەللىتىشىمگە ؛ ــــ سىزنى بۇنداق قىلىدۇ دەپ قەتئى ئويلىماپتىكەنمەن نادىرە . ئاپامنى ھەرقانچە مەينەت ئايال دەپ بىلسىڭىزمۇ ئەمما ئۇ يەنىلا مېنىڭ ئاپام ، ماڭا نىسپەتەن ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ پاكىزە ئىنسان ! ـــــ ياق ، ئادىل مەن ... ـــــ ئىلگىرى ئاپامنىمۇ ئۆز ئاپىسىدەك كۆرىدۇ دەپ سىزگە ئىشىنەتتىم . ئەمما سىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ قىلىقىڭىزنى نېمە دەپ چۈشىنىمەن ئەمدى . ئادىل شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا ئاپام ئىچكىركى ئۆيدىن سومكىسىنى كۆتەرگىنىچە چىقىپ ، بىزگە قاراپمۇ قويماي ئىشىكنى جاڭ يېپىپ چىقىپ كەتتى . ــــ نادىرە ، سىز بىلەن كېيىن ھېساپلىشىمەن ، ئاپا توختاپ تۇرغىن ! ــــ ئادىل ، ئاپا ... مەن پۇت -قوللىرىم بوشىشىپ ماڭغىدەكمۇ مادارىم قالمىغان ئېدى . تازىلىق ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئولتۇرلۇپ قالدىم . يولدىشىم شۇ چىقىپ كەتكەنچە ئۈچ كۈن ئۆيگە قايتىپ كەلمىدى .تېلىفۇن قىلسام تېلىفۇنىمۇ ئېلىنمىدى . مەن ئۆيدە تىت -تىت بۇلۇپ ئولتۇرالمايلا قالدىم . ئۇيان قېيىنئاپامدىن ئەنسىرەيتتىم . يەنە كېلىپ ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوقلا كۆڭلۈم ئېلىشىپ ياندۇراتتىم . ئۆيدە يۈز بەرگەن بۇ ئىشلاردىن كەيپىياتىممۇ شۇنداق تۆۋەن ئېدى . خىزمەتدىشىم چىرايىمغا قاراپ < بىرە يېرىڭ ئاغرامدۇ قانداق ، چىرايىڭ شۇنداق تاتىرىپ كېتىپتۇ ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ باقساڭ بولماسمىدى > دېگەندىلا ئېسىمنى يىغىپ دوختۇرخانىغا باردىم . تەكشۈرۈش نەتىنجىسىدە ھامىلدار بۇلۇپ قالغان ئېدىم . مەن شۇندىلا ھېلىقى كۈنى نېمە ئۈچۈن تاماقنىڭ پۇرىقىدىن كۆڭلۈم ئېلىشىپ ياندۇرۇپ سالغىنىمنى چۈشەندىم .< ئەجىبا قېيىنئاپاممۇ بۇنى ھېس قىلالماي مېنى خاتا چۈشۈنىپ قالغانمىدۇ > دەپ ، ئازراق نارازىمۇ بولدۇم . دوختۇرخانىدىن چىقىۋاتقىنىمدا ئادىلنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم . توپ-توغرا ئۈچ كۈن كۆرمىگەن ئادىلنىڭ ساقال -بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ كەتكەن بۇلۇپ ، چىرايلىرى تولىمۇ سۇلغۇن كۆرۈنەتتى . مەن ئەسلىدە قىيدىغىنىمدىن گەپ قىلمايلا كېتىشنى ئويلىغان بولساممۇ ئەمما ، ئۇنىڭ چىرايىدىكى سۇلغۇنلۇق بۇ نىيىتىمدىن ياندۇردى . مەن ئۇنى چاقىردىم . ئەمما ئادىل ماڭا نەپرەتلىك كۆزلىرى بىلەن بىر قاراپ قۇيۇپ ، خۇددى مېنى تۇنىمايدىغان ئادەمدەك ئىتتىكلا دوختۇرخانە ئىچىگە كىرىپ كەتتى . ئۇنىڭ بۇ مۇئامىلىسىدىن ئۆز -ئۆزەمگە توۋا دېگىنىمچە تاكسىدىن بىرنى توراپلا ئۆيگە قاراپ كىتىپ قالدىم . شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭغا < قەدىرلىكىم سىز دادا بۇلىدىغان بولدىڭىز ، بىزنىڭ بالىمىز بار بولدى > دەپ يۈگۈرۈپ بېرىپ بوينىغا ئېسىلىشنى ، ھەم ئۇنىڭمۇ خوشاللىقىدا مېنى كۆتۈرۈپ نەچچىنى چۆگۈلتىۋېتىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلغان ئېدىم . ئەپسۇس بۇ ئارزۇ -ئۈمۈتلىرىم سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈكتەكلا يوق بولغان ئېدى . تاكسىدا كېتىۋاتىمەن ، كۆز ياشلىرىم ماڭا بويسىنمايتتى . كىچىككىنە ئۇقۇشماسلىق ئىككى يىللىق ئىناق ئائىلىمىزنى مۇشۇنداقلا ۋەيران قىلىۋېتىشىگە ئىشەنگىم كەلمەيتتى . يەنە كىلىپ قېيىنئاپام بىلەن بىر مەزگىل بىرگە ياشاپ ئۇنىڭغىمۇ خېلى كۈنۈپ قالغان ئېدىم . ئۆيگە كىلىپ بولغان ئىشلارنى باشتىن ئاخىرى يەنە ئويلاپ چىقتىم ، ئەجىبا مەن شۇنداق ئېغىر گۇنا قىلغاندىمەنمۇ دەپ ئۆز -ئۆزەمدىن سۇئال سورايتتىم . كۆز ئالدىمدا ئادىل نەپرەتلىك كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇرغاندەك بىلىنىپ ئۆزەمنى تۇتىۋالالماستىن ياتقاننى چىڭ قۇچاقلاپ ئاۋازىمنىڭ بېرىچە يىغلىدىم . . . يېرىم كېچىدە تاراق -تۇرۇق ئاۋازنى ئاڭلاپ چۆچۈپ چاراقنى ياندۇردۇم . ئادىل تاتمىدىن چەك ۋە پۇل -پىشەكلەرنى يىغىشتۇرۋاتاتتى ، مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلماستىن قاراپ تۇردۇم ، ئۇمۇ مېنى كۆرمىگەن كىشىدەك پۇل ،چەك ۋە كارتىلارنى ئېلىپلا ئالدىراش ئۆيدىن چىقىپ كەتتى . يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشلاردىن مەنمۇ ئېسىمنى يوقۇتۇپ ، ئالدىمدا تۇرغان تارتمىنى يۇلۇپ ئېلىپ يەرگە پىقىرتىپ ئېتىۋەتتىم . <ئادەمنىڭ ئاچچىقى كەلسە كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيدۇ > دەپ ، بۇنچىلىك خۇيۇمنىڭ بارلىقىنىمۇ تۇنجى ھېس قىلىشىم ئېدى . ئەتىسى ئىشقىمۇ بارماي ئۇنىڭ بىلەن ياخشىراق سۆزلىشىپ ، قەستەن قىلمىغىنىمنى چۈشەندۈرۈپ قۇيۇش ئۈچۈن ئىدارىسىگە باردىم . ئەمما خىزمەتدىشى ھەيرانلىق نەزىرىدە ماڭا ؛ ـــ ئادىلنىڭ ئاپىسىنى ماشىنا سوقۇۋېتىپتۇ ، شۇڭا ئۇ ئىشقا كەلمىگىلى 3 كۈن بولدى ، سىز بۇ ئىشتىن خەۋەرسىزما ؟ ـــ دېدى . مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىمدىن بىر چېلەك سۇنى قويغاندەك پۇت -قولۇم غال -غال تېترەپ كەتتى . تىللىرىم كالۋالىشىپ ئادىلنىڭ خىزمەتدىشىغا جاۋاپمۇ بەرمەستىن يۈگۈرگىنىمچە دوختۇرخانىغا كەلدىم . ئەمما كېچىككەن ئېدىم . قېيىنئاپام جان ئۈزگەن ئېدى .ئادىل ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى ، ھەتتا ماڭا قارىغان كۆزلىرىدىن نەپرەت ئۇچقىنى چاچراپ تۇراتتى . ئاپامنىڭ مىيىتىنى يېزىدىكى قېيىنئاتامنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويدۇق . بۇ جەرياندا ئادىل ماڭا ئارتۇق گەپ قىلمىدى . مەن باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن قېيىنئاپامنىڭ شۇ كۈنى ئويىمىزدىن چىقىپ بىكەتكە قاراپ ماڭغاندا ماشىنا ئادىلنىڭ كۆز ئالدىدىلا سوقۇۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم . بۇ مەنزىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈشتىنمۇ قورققاتتىم ، چۈنكى ئادىلنىڭ يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ قانچىلىك ئازاپلىنىۋاتقىنى ئېنىق بىلىنىپ تۇراتتى . مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشكىمۇ ئاجىزلىق قىلدىم . چۈنكى ئادىل مېنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، مېنىڭ گەپ قىلىشىمغىمۇ پۇرسەت بەرمەيتتى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى نەپرەت ئۇچقۇنلىرى ئۆزەمنىڭ ھەقىقەتەن بۇ ئىشقا گۇناھكار ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 `1 y( B0 r/ A/ l [
ئاپامنىڭ نەزىر-چىراق ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ، ئۆيگىمۇ قايتىپ كەلدۇق ، خۇلۇم -خوشنىلارمۇ بىرەقۇردىن پەتىلىشىپ چىقىپ كېتىشتى . ئەمما ئادىل مېنىڭ مەۋجۇتلىقىمنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ، ماڭا پەرۋامۇ قىلمايتتى . كەچلىكى يېرىم كېچە بىلەن كىرەتتى ھەم ئاپام ياتقان ئۆيگە كىرىپ كېتەتتى . مەن بولسام تولىمۇ ئۇسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئېدىم . ئۇنىڭغا ھامىلدار ئىكەنلىكىمنى نەچچە رەت دېيىشكە تەمشەلگەن بولساممۇ ، ئۇنىڭ سۇغاق مۇئامىلىسى ، نەپرەتلىك كۆزلىرىدىن بۇغۇزۇمغا كېلىپ قالغان بۇ گەپلەرنى يۇتىۋېتىشىمغا مەجبور بۇلاتتىم . مەن ئۇنىڭ مېنى ھارغىدەك تىللاپ ، ئۇرۇۋېلىشىغىمۇ رازى ئېدىمكى ، بۇنداق سۇغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچراشنى خالىمايتتىم . كۈنلەر ئەنە شۇنداق ئۆتىۋەردى ، قېيىنئاپامنىڭ قىرقى نەزىرىنىمۇ بېرىپ بولدۇق . بىز خۇددى بۇ ئۆيدە ناتۇنىش كىشىلەردەك ، ئۆز ئىشىمىزنى ئۆزىمىز قىلىپ ، ئىلگىر -كېيىن ئىشىكتىن چىقىپ ئىشقا مېڭىپ ، باشقىلارغا چاندۇرماي << مۇقەددەس>> ئائىلىمىزنى قوغداپ كىلىۋاتاتتۇق . ئەمما ئىچىم شۇنداق سىقىلىپ ، بۇلۇقتۇرمىچىلىقتا پارتلاپ كەتكىلى ئازلا قېلىۋاتاتتىم . بىر كۈنى ئىشتىن بالدۇرلا چۈشۈپ ، بىر دوستۇمنىڭ ئويىگە بېرىپ بىردەم بولسىمۇ پاراڭلىشىپ ئىچ پۇشىغىمنى چىقىرىپ كېلەي دەپ ماڭدىم . يولدىن ئۆتىۋاتقاچ غەرىپچە بېزەلگەن تاماقخانىنىڭ دېرىزىسىدىن يولدۇشۇمنىڭ بىر ئايال بىلەن بىرگە تاماق يەپ ئولتۇرغىنىنى ، شۇنداقلا يولدۇشۇمنىڭ ئۇ ئايالنىڭ بۇرنىنى سىقىپ تۇرۇپ بىرنېمىلەرنى دەۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدىم . ئىلگىرى ئۇ ماڭا ئامراقلىغى كەلگەندە بۇرنىمنى سىقىپ تۇرۇپ <ۋاي جىنتەك خوتۇن > دەپ ئەركىلىتىپ قۇياتتى . ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . ئاشخانىگە قانداق كىرىپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن ، ئۇلار ئولتۇرغان ئۈستەلنىڭ يېنىغا بېرىپ ئادىلغا گەپ قىلماستىن ئەجەپلەنگەن ھالدا تىكىلىپ قارىدىم . ئىلگىرى شۇنچە ياشلىق كۆزلىرىمدىن ئەمدىلىكتە بىر تامچە ياشمۇ ئەگىمەيتتى ... ھېلىقى ئايال ئادىلغا ھەم ماڭا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭماقچى بولدى ، ئەمما بۇ چاغدا ئادىل ئۇ ئايالنىڭ قۇلىدىن تۇتىۋېلىپ ئۇنى مېڭىشتىن توستى . ھەم ماڭا نەپرەتلىك كۆزلىرىنى تىكىپ ، < قانداق قىلالايتتىڭ > دېگەندەك سۇئال نەزىرىدە تىكىلدى . مەن ئاخىرى چىداپ تۇرالماي ئاشخانىدىن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتىم . چۈنكى ئۇ يەردە يىقىلىپ چۈشسەم ، مەنلا ئەمەس قوسۇقىمدىكى بالاممۇ مەن بىلەن تەڭ يىقىلىپ چۈشەتتى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& s' s: t3 o$ a: c; J
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. O- T; Q' a ?' H5 |$ ]1 Rبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 y: K3 J9 g+ K1 a( Z8 A) _( g
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ . كومنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ تاراقشىتىپ ئۇرۇپلا يازدىم . بەلكىم نۇرغۇن نوقسانلار بۇلىشى مۇمكىن . كۆپچىلىكنىڭ پىكرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ O& T3 W! ]7 `$ p4 j9 M$ i
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: U0 \2 Z) {5 C" x3 r! B: f بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mehriya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-20 08:12 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 U& g1 c' z) Y% s! h/ u2 O
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 I% G+ u4 I8 g% |4 v
|