ھۆرمەتلىك تەستىقلىغۇچى بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئەسەر يوللىشىم، بۇ - تەستە يازغان ئىجادىي ئەسەر، شۇڭا باشقىلارنىڭ كۆچۈرىۋالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن. ناۋادا مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى بولسا، شۇ سەھىپىگە يوللاپ قويساڭلار، قانداق يوللاشنى بىلمىدىم.
تالانتلىق كىچىك شائىر
ئۆمەرجان رۇزىھېيت
مىلادىيە 1451-يىلى نۇرۇز ئېيىنىڭ ئاخىرىقى بىركۈنى، كەچقۇرۇن. خۇراسانغا قاراشلىق سەبزەۋار شەھىرىنىڭ ھاكىمى غىياسىدىن باخشى1نىڭ كۈتۈپخانىسى .
كۈتۈپخانا تېمىدىكى ئۇيۇقلار دەستىلەپ قۇيۇلغان كىتابلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، سەككاكىنىڭ <<غەزەل ۋە قەسىدە>> دىۋان قوليازمىسى، خارەزمىنىڭ <<مۇھەببەتنامە>> داستانى، شەيخ سەئىدىنىڭ <<گۈلىستان>>، <<بوستان>> ناملىق كىتابلىرى، پەرىددىن ئەتتارنىڭ <<مەنتقۇتتەيىر>>(قۇشلار سۆزى) ناملىق ئەسىرى قاتارلىقلار كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. كۈتۈپخانا ئىچىگە يەنە تام بويلۇتۇپ تاۋار كۆرپىلەر سېلىنغان بولۇپ، ئوتتۇرىدا بىر تەكىيە، تەكىيەدىن باشلاپ كۈن چىقىش تەرەپكە بويلىتىپ بىر كۆرپە سېلىپ قويۇلغان ، ئۇنىڭ يېنىغا رېيىل، رېيىلنىڭ يېنىدا چىلان ياغىچىدىن ياسالغان چىراغپاي تۇراتتى. كۈتۈپخانا ئىشىكىنىڭ كەينىدىكى تەكچىدە شامدان ۋە شامداندا شام تىكلەگلىك ئىدى.
كۈتۈپخانىدا بېشىغا شاپاق دوپپا ، ئۇچىسىغا يارىشىملىق ئاق رەختتىن كانۋاي كۆينەك كىيىۋالغان ، يۈزى يۇمىلاق كەلگەن، چىرايىدىن چېچەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بىر ئوغۇل بالا بەدەشقان قۇرۇپ، جىنچىراقنىڭ يۇرۇقىدا رېيلغا قۇيۇلغان لۇتفىنىڭ <<دىۋانى لۇتفى>> ناملىق كىتابىنى كۆرۈپ ئولتۇراتتى. بۇ بالا غىياسىدىن باخشىنىڭ ئوغلى ئەلىشىر ئىدى. ئۇ كىتاب كۆرۈشكە شۇنچىلىك بىرىلگەنكى، ئەتراپىدا ئەگىپ يۈرگەن پەرۋانە، قۇلىقىنىڭ ئىچىدە غىڭشىپ يۈرگەن كۇمۇتامۇ ئۇنىڭ دىققىتىنى بۇزۇۋىتەلمىگەن ئىدى. ئۇ بىر چاغدا ئىختىيارسىز ئاۋازىنى قۇيۇۋېتىپ، بىر كوبلېت شېئىرنى ئۈنلۈك دىكلاماتسىيە قىلدى:
فەرىيۇ ئادەمى مۇنداق خوپ ئېرمەس،
فەرشتە گۇييا كۆكتۇن ئېنىبدۇر.
قۇياش ئايدەك يۈزۈڭنىڭ خىجلەتىدىن،
قاچىب تۆرتۈنچى كۆك ئۆزرە چىقىبدۇر.
ئۇ دېكلاماتسىيەسىنى تۆگىتىپ، خۇددى مىزىلىك تاماقتىن ھوزۇرلانغاندەك، بۇ شېئىردىن ئاجايىپ ھوزۇر ئالىدۇ ھەمدە بۇ كوبلىتنى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ بىر قانچە كوبلىتنى يادلىۋالىدۇ. ئاندىن ئۇستازى مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفىنىڭ شېئىرىي تىلغا باي شائىرانە تالانتىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. بۇ چاغدا ئەلىشىر ئانىسىنىڭ كىرگىنىنىمۇ تۇيمىغان بولۇپ، نازۇككىنە كەلگەن، بېشىغا رومال ئارتىۋالغان ئانا ئوغلىنىڭ كىچىك تۇرۇپلا بۇنچە زېھنى فەسھ(ئۆتكۈر) ئۆسۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا زوقى كەلدىمۇ قانداق، رومىلىنى قايرىپ، ئەلىشىرنىڭ چېكىسىگە بىرنى سۆيۈپ قويدى ۋە:
- جۈر ئوغلۇم، ئاتاڭ ۋە مېھمانلار سېنى بىللە تاماق يېيشكە چاقىرىۋاتىدۇ، چىقىپ تاماق يە.
-قايسى مېھمانلار ئۇ، ھۆرمەتلىك ئانا؟
-ئېسىڭدىن چىقىپ قالدىمۇ ئوغلۇم، ھېلىقى شېئىر يازىدىغان ، مۇزىكا چالىدىغان، ھۆسىنخەت يازىدىغان ئۇستازلارچۇ. ئۇلارنىڭ بۈگۈن ئۆيىمىزدە مۇتائالىيە قىلىدىغانلىقىدىن خەۋىرىڭ بار ئىدىغۇ.
- ھە راسىت! شۇنداقتى، كىتاب بىلەن بولۇپ كىتىپ، ئۇنتۇپلا كەتكىنىمنى قارىمامدىغان. رەھمەت سىزگە ئانا، مەن ھازىرلا قۇلۇمنى يۇيۇپ چىقاي.
ئەلىشىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئوقۇمۇشلۇق، بىلىملىك كىشىلەردىن بولۇپ ئاتىسى ۋە تاغىلىرىغىچە ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيەتتى. بولۇپمۇ ئەلىشىرنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن باخشى شېئىر يازىدىغان، ئىلىم- مەرىپەت، سەنئەت ئەھلىلىرىنى قەدىرلەيدىغان كىشى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە پات-پات شائىرلار توپلىشىپ شېئىر ئوقۇش، ئەدەبىيات- سەنئەت ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىش ئىشلىرى بولۇپ تۇراتتى. بۈگۈنمۇ ئەنە شۇنداق مۇتائالىيە ئىشلىرى ئۈچۈن مىھمانلار يىغىلغان ئىدى.
ئەلىشىر خۇشلۇقىدىن قېنى ئىچىگە پاتمايۋاتقاندەك پىرقىرىغىنىچە ئايۋانغا كىردى. ئايۋاننىڭ تۇرۇسىغا تىزىلغان جۈپ ۋاسىلار ، تۇرۇسنىڭ ئوتتۇرىدا چىرايلىق نەقىشلەنگەن ئۈچ ئاسما قىلىنغان شىپاڭ، ئايۋان ئىشىكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە نەقشىۋەنلەنگەن دۈۋەزۈن قاتارلىقلار قوشۇلۇپ ئايۋانغا ئالاھىدە سالاپەت كىرگۈزگەنىدى. ئايۋاننىڭ ئازادە سۇپىسىغا سېلىنغان ئېسىل كۆرپىدە قاتارلىشىپ مېھمانلار ئولتۇرىشاتتى.
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستازلارغا، مېھمانلارغا ئەلىشىردىن سالام. -ئەلىشىر ئوڭ قۇلىنى كۆكرىكىگە قويۇپ، ئىڭىشكىنىچە ئەدەب بىلەن سالام قىلدى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.- ھەممەيلەن شۇنداق دېگىنىچە ئوڭ قوللىرىنى كۆكرىكىگە قويۇپ، ئىگىلگىنىچە قىمىرلاپ قۇيۇشتى. ئەلىشىر بېشىنى كۆتۈرۈپ مېھمانلارغا لىپپىدە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى. تۆردە ئۆزى تونۇمايدىغان بىر نەپەر ئەمىر ئولتۇراتتى. ئۇ <<جۈببەئى تىللا دوزى ۋە كۇلاھى نەۋروزى>>2بىلەن باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەلىشىر ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدىغان شائىرمەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفى ئولتۇراتتى. ئۇ يېڭى ئاق شايى پەرەنجە كېيگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرلۇق يۈزى، چىرايلىق ئاپئاق ساقىلى مۇلايىم تۇرقى ئەلىشىرنىڭ كۆزىگە سېڭىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن گۈللۈك شاپاق دوپپا كېيگەن، بۇرۇت- ساقىلىنى چىرايلىق ياسىتىۋالغان، تۇرقىدىن خۇشال كەيپىياتى چىقىپ تۇرىدىغان مۇسىقا(مۇزىكا) پېرى ھەم خەتتات خوجا يۈسۈپ بۇرھانىددىن پەرەنجىسىنىڭ سىلىق شايىسىنى قولى بىلەن سىلاپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئولتۇرغىنى بولسا، ياداڭغۇ يۈزىنى يىرىك ساقال باسقان، قۇيۇق قېشى قاپىقىغا چۈشكەن، ھەر قاچان يېرىمى يۇمۇق خىرە كۆزلۈك، بۇيى پاكارغىنە كەلگەن ئەلەئىددىن مەشھەدى ئىسىملىك كىشى ئىدى.ئەلىشىر ئۆزىنىڭ كۈتكەن ئۇستازلىرى كەلگەنلىكىدىن خۇش بولۇپ، باشقىلارغا دىققەت قىلىپ كەتمىدى. پەقەت ئاخىرىدىراق ئولتۇرغان تاغىلىرى مىر سەئىد كابۇلى، مۇھەممەد ئەلى غەربى قاتارلىقلار بىلەن كۆز ئىشارىسى ئارقىلىق قايتىدىن سالاملاشتى.
-كىلە ئوغلۇم، دېدى مېھمانلارنىڭ قارشى تەرىپىدە ئولتۇرغان غىياسىدىن باخشى يېنىدىن ئورۇن كۆرسۈتۈپ. ئۇ كۆك شايى پەرەنجە كېيگەن بولۇپ، يېڭى تەقىيىگە سەللىسىنى چاققانغىنە ئورىۋالغانىدى.
ئۇلار قېنى بېقىشسىلا-مەرھەمەت دىيىشىپ تاماقنى ئىشتىھا بىلەن يەپ بولۇشتى. دۇئاغا قول كۆتۈرۈشكەندىن كېيىن، شائىر مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفى سۆز ئاچتى.
-ئوغلۇم، يېڭى يازغان شېئىرلىرىڭىز بولسا، مۇشۇ ئەنجۈمەندە ئوقۇپ باقسىڭىز قانداق؟
شائىر مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفى ئەلىشىرنىڭ مەدرىستە دەرسلەرنى بىردەمدىلا ئۆگىنىپ بولۇپ، كەينىدىنلا بىر نەرسىلەرنى يادلاۋاتقانلىقىنى ھەم يېزىۋاتقانلىقى كۆرۈپ قالغانىدى. شۇڭىمۇ بۈگۈن ئۇنى سىناپ باقماقچى بولغانىدى. ئەلىشىر ئۇستازىنىڭ بۇ تۇيۇقسىز قويغان تەلىپىدىن سەل تەمتىرەپ قالدى. چۈنكى ئۇ بۇنداق ئادەم كۆپ يىغىلغان سورۇندا شېئىر ئوقۇش تۈگۈل، گەپمۇ قىلىپ باقمىغان ئىدى. لېكىن يېنىدا ئولتۇرغان ئاتىسى ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ << ئوقۇپ بىرىڭە بالام، باشقا ئۇستازلارنىڭ يادلىۋالغان شېئىرى بولسىمۇ بولىدۇ>> دەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەلىشىر باشقىچە غەيرەتكە كېلىدۇ ۋە ئازراق ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ئۆزى يازغان شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىشقا باشلايدۇ:
<<ئارەزىڭ ياپقەچ كۆزۈمدىن تۆكۈلۇر ھەر لەھزە ياش،
بۇيلە كىم پەيدا بولۇر يۇلدۇز نىھان بولغاچ قۇياش.>>
- بارىكاللا ئوغلۇم!- شائىر مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفى شۇنداق دېگىنىچە چاۋاك چالىدۇ. شۇ چاغدا سورۇندا قازاندەك يۇغان سەللىنى كىيىپ ئولتۇرغان بىر ھەسەتخور شائىر گەپكە ئارىلىشىدۇ،-دە، ئەلىشىرنى مات قىلماق بولۇپ، كۆرەڭلىگەن ھالدا:
<<ئەي ئەلىشىر خام قاپاق،
قايماق سېتىپ جانىڭنى باق.>>
دېگەن نەزمىنى ئوقۇيدۇ. ئەلىشىر قەددىنى رۇسلاپ تۇرۇپ:
<<سەن مېنى ئەينەك بىلىپ،
رەڭگى- رۇخسارىڭغا باق.>>
دەپ جاۋاپ بەرگىنىچە مېيىقىدا كۆلۈپ قۇيىدۇ. ھەسەتخور شائىر بولسا گەپ قىلالماي جىم بولۇپ قالىدۇ.سورۇندا ئولتۇرغانلار تىزىغا شاپىلاقلىغىنىچە كۈلۈپ تېلىقىپ كېتىدۇ ۋە ئەمدىلا 10 ياشتىن ھالقىغان بۇ <<كىچىك شائىر>>نىڭ تالانتىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. ئاندىن سورۇن ئەھلى شېئىرلاردىن مۇتائالىيە قىلىشىدۇ. خوجا يۈسۈپ بۇرھانىددىن ئارىلاپ ساتار چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ سورۇننى قىزىتىۋېتىدۇ.
ئەلىشىر كېچىكىدىنلا ئەقىللىق، زېرەك بولۇپ، ئۆز قابىليىتى بىلەن مەدرىستىكى بالىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى. نىزامى، لۇتپى، سەككاكى، خارەزمى، جامى، پەرىددىن ئەتتار، قاسىم ئەنۋارى قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى يادلىۋالاتتى ۋە كىشلەرگە ئوقۇپ بېرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ھامان ئۇ چوڭلارنىڭ دىققەت-ئىتىبارىنى قوزغايتتى. ئۇ يەنە خۇراساننىڭ مەركىزىي شەھىرى ھېراتتىكى3 زامانىسىنىڭ مەشھۇر مۇزىكاشۇناسى خوجا يۈسۈپ بۇرھانىددىندىن مۇزىكا چېلىش ۋە خەتتاتلىق (ھۆسىنخەت) يېزىشنى ئۆگەنگەنىدى.
مىلادىيە 1456-يىلى ئەلىشىر 15 ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭ شائىرلىق تالانتى خېلىلا كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ، ئەدىب ۋە شائىرلار، شۇنداقلا خۇراساننىڭ پادىشاھى ئوبۇلقاسىم بابۇر ئۇنىڭ زېھنى قابىليىتىگە يۈكسەك باھا بەرگەن. ئۇلار ياش ئەلىشىرنىڭ ئىككى تىلدا شېئىر يازغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنى <<زۇللىساتەيىن>> (ئىككى تىللىق) شائىر دەپ ئاتىشىدۇ. ئەلىشىر تۈركىي تىلىدا يازغان شېئىرلىرىدا <<نەۋائى>> (ناۋا قىلغۇچى)، پارسچە يازغان شېئىرلىرىدا <<پانىي>> (يۇقالغۇچى) تەخەللۇسىنى قوللىنىدۇ.
ئەلىشىر نەۋائى ھاياتىدا ئۆزىنىڭ تۈركىي تىلىدا ياراتقان لېرىك شېئىرلىرىدىن ئۈچ قېتىم توپلام تۈزگەن. ئۈچىنچىسى پۈتۈن شېئىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ كېيىنكى ۋە ئەڭ مۇكەممەل تۈزۈلگەن توپلام << خەزائىنۇلمەئانىي>> (مەنالار خەزىنىسى) دىۋانى بولۇپ، بۇ دىۋانغا 3130 لېرىك شېئىر (44803مىسرا) كىرگۈزۈلگەن. <<پانىي>> تەخەللۇسى بىلەن ئالتە مىڭ بېيتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارسچە توپلام تۈزگەن.
ئەلىشىر نەۋائى- 15-ئەسىردىكى مىللىي شېرىيەتنى بەدىئىي جەھەتتىن ئەڭ يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈشتە، ژانىر جەھەتتىن بېيىتقان، ۋەزىن جەھەتتىن سېستىمىلاشتۇرغان، سەنئەت يوللىرىنى شاخلاندۇرغان، بولۇپمۇ تېماتىكىلىق دائىرىسىنى كىڭەيتىپ، ئاكتۇئال ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، شېئىرىيەتنىڭ غايىۋى دەرىجىسىنى يۈكسەلدۈرگەن ۋە رېئال ئەھمىيىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن شائىر. شۇڭىلاشقا بۇ شائىرنى 15-ئەسىردىكى مىللىي شېئىرىيەتنىڭ بايراقدارى دەيمىز. 4
ئىزاھات:
1باخشى- ئۇستاز، ئوقۇتقۇچى .
2ئۇ زاماندا ئەمىرلەر كىيىدىغان مەخسۇس چاپان ۋە باش كىيىمى
3ھېرات-ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ دۆلەت چېگرىسى ئىچىدىكى شەھەر.
4ئىمىن تۇرسۇن: <<نەۋائى ھەققىدە>>، مىللەتلەر نەشرىياتى،2000-يىل 1-ئاي نەشىرى،230-بەت.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-20 02:17 PM