مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2883|ئىنكاس: 14

NASA: يۇپىتېرنىڭ يۈزىدىكى قىزىل داغ ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39080
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2199 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-20 10:50:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۇپىتېرنىڭ يۈزىدىكى قىزىل داغ ھەققىدە

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى


ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، بىز ياشاۋاتقان قۇياش سىستېمىسىدا خۇددى تۆۋەندىكى 1-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك جەمئىي 8 پلانېتا بار:

c02_8planet.jpg

1-رەسىم: قۇياش سىستېمىسىدىكى 8 پلانېتىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى.

بۇ 8 پلانېتىنىڭ ئىچىدىكى 5-پلانېتا يۇپىتېر بولۇپ، ئۇ قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ پلانېتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ئۇ گازدىن تۈزۈلگەن پلانېتا بولۇپ، ئۇنىڭ ماسسىسى قۇياشنىڭ ماسسىسىنىڭ 0.001 ھەسسىسىگە، قالغان 7 پلانېتىنىڭ ماسسىنىڭ يىغىندىسىنىڭ 2.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.  ھازىرغىچە يۇپىتېر  ھەمراھلىرىدىن 67 دانىسى بايقالدى.  يۇپىتېرنىڭ ئاتموسفېراسىنىڭ تەخمىنەن 75 پىرسەنتى ھىدروگېن، 24 پىرسەنتى گېلىي، قالغىنى باشقا ماددىلار بولۇپ،  ئۇنىڭ ئىچكىي قىسمىنىڭ تەخمىنەن 71 پىرسەنتى ھىدروگېن، 24 پىرسەنتى گېلىي، قالغان 5 پىرسەنتى بولسا باشقا ئېلېمېنتلاردىن تۈزۈلگەن [1].  بۇ پلانېتا 17-ئەسىردە بايقالغاندىلا ئۇنىڭ يۈزىدە بىر چوڭ قىزىل داغ بار بولۇپ، ئۇ داغ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.  بۇ داغ ئىنگلىزچە «Great Red Spot» دەپ ئاتىلىدۇ.  

c02_jupiter.jpg

2-رەسىم: قۇياش سىستېمىسىدىكى 5-پلانېتا يۇپىتېر.  ئۇنىڭ تۆۋەن ئوڭ تەرىپىدە بىر چوڭ قىزىل داغ بار بولۇپ، ئۇ ئىنگلىزچە «Great Red Spot» دەپ ئاتىلىدۇ.  

كىشىلەر يۇپىتېرنىڭ يۈزىدىكى بۇ قىزىل داغنى «يوغان قۇيۇن» (giant storm) دەپ ئاتايدىغان بولۇپ،  ئالىملارنىڭ ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغانىدى.  ئالدىنقى ھەپتە، يەنى 2014-يىلى 13-نويابىر كۈنى، ئامېرىكا ئارىزونا شتاتىنىڭ تۇكسون (Tucson) شەھىرىدە ئامېرىكا ئاسترونومىيە جەمئىيىتى (American Astronomical Society) نىڭ بىر ئىلمىي دوكلات يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، ئاشۇ يىغىندا بىزنىڭ ئىدارىمىز ج پ ل دىن بارغان دوكتۇر كېۋىن بېينىس (Kevin Baines) يۇپىتېرنىڭ يۈزىدىكى ئاشۇ قىزىل داغنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر ئىلمىي دوكلات بەرگەن [2].  ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنى بىزنىڭ ئىدارىدىكى بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە بۇ داغنى قۇياشتىن كەلگەن ئۇلترا-بىنەپشە رەڭلىك نۇرنىڭ يۇپىتېرنىڭ ئەڭ سىرتقى قىسمىدىكى گازلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشى ياكى «داغلاپ قويۇشى» تۈپەيلىدىن ھاسىل بولغان ئىكەن.  

c03_red_spot.jpg

3-رەسىم: يۇپىتېرنىڭ يۈزىدىكى قىزىل داغ.  بۇ داغ مەزكۇر رەسىمدە بىر قۇيۇندەك ئايلىنىپ تۇرىدىغان ئويمانلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئورنى ناھايىتى ئېگىز بولۇپ، ئۇ ئەتىراپىدىكى باشقا بۇلۇتلاردىن تەخمىنەن 46 كىلومېتىر ئېگىزراق يەردە ئىكەن.  يەر شارىدا يەر يۈزىدىن ئەڭ يىراق بولغان بۇلۇتلارنىڭ ئېگىزلىكى 12 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ناسانىڭ «كاسسىنى» (Cassini) ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى 2000-يىلى يۇپىتېرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ، يۇپىتېر ھەققىدە نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى يىغقان ئىدى.  بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتچىلار ئاشۇ ئۇچۇرلار بىلەن يەر يۈزىدىكى تەجرىبىخانىلاردا قولغا كەلتۈرگەن ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىپ، ئۇلترا-بىنەپشە رەڭلىك نۇر ئاممىياك گازى بىلەن كاربون ھىدرىدقا چۈشكەندە مولېكۇلىلىق پارچىلىنىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان.  شۇنىڭغا ئاساسەن يۇقىرىقىدەك پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بېينىسنىڭ دېيىشىچە بۇ قىزىل داغ بىر چوڭ قۇيۇن ئەمەس بولۇپ، ئۇ كۈن نۇرىنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن پەيدا بولغان داغ ئىكەن.  ئەمما بۇ بىر يوغان چاقنىڭ شەكلىنى ئالغان قىزىل داغنىڭ نېمە ئۈچۈن نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى شۇ پېتى ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ھازىرمۇ بىر چوڭ سىر بولۇپ تۇرۇۋېتىپتۇ.


قوشۇمچە (1):


ئالدىنقى ھەپتە، يەنى 2014-يىلى 9-نويابىر كۈنى، ناسا، رۇسىيە ۋە ياۋروپا ئالەم مەركىزىنىڭ ئۇچقۇچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان 3 كىشى ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى 165 كۈنلۈك خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، تۆۋەندىكى 4-رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قۇرۇلما بىلەن قازاقىستانغا سالامەت قايتىپ چۈشكەن،  ھەمدە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن (5-رەسىم).

c04_capsul.jpg

4-رەسىم:  ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ياۋروپانىڭ 3 ئالەم ئۇچقۇچىسى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى قازاقىستان تۇپرىقىغا چۈشكەندىكى بىر كۆرىنىش.  بۇ ئەترەت ئىنگلىزچە  «Expedition 41 Crews» دەپ ئاتىلىدۇ.  

c05_iss_20141103.jpg

5-رەسىم: قازاقىستان ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىكى 3 ئالەم ئۇچقۇچىسىنى كۈتۈۋاتقان ۋاقىتتىكى بىر كۆرىنىش.


قوشۇمچە (2):

ناسا 2011-يىلى 24-ماي كۈنى «ئورىئون» (Orion) دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېڭى تىپتىكى ئالەم كېمىسىنى ياساپ چىقىش پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى 4-دىكابىر كۈنى ئورىئوننى ئۇچۇرۇشنىڭ تۇنجى قېتىملىق سىنىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ.  قىزىقىدىغان قېرىنداشلار شۇ كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ قويساڭلار بولىدۇ.  سىناقتىن كېيىن مەنمۇ ئىمكانىيىتىمنىڭ يار بېرىشىچە يەنە بىر خەۋەر تەييارلاشقا تىرىشىمەن.  ناسانىڭ ھازىرقى پىلانى ئورىئون سىناقلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئايغا، مارسقا ۋە ئاستېرويد (كائىنات ئۇچار تاشلىرى) غا چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىش.

c06_orion.jpg

6-رەسىم: ئورىئوننى راكېتاغا يۈكلەش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىۋاتقاندىكى بىر كۆرىنىش.

c07_orion.jpg

7-رەسىم (سىزما رەسىم): ئورىئوننىڭ راكېتادىن ئايرىلغان ۋاقتىدىكى بىر كۆرۈنىشى.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


[1] Jupiter
http://en.wikipedia.org/wiki/Jupiter

[2] Jupiter's Great Red Spot Likely One Big UV 'Sunburn'
<http://www.forbes.com/sites/bruc ... big-uv-sunburn/>



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1343
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 613 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-20 02:33:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم تەپسىلى ياخشى چۆشەندۆرىپ يېزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-20 04:24:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، بىز ياشاۋاتقان قۇياش سىستېمىسىدا خۇددى تۆۋەندىكى 1-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك جەمئىي 8 پلانېتا بار:
============================================

تېچلىقمۇ ئەركىنكا، بىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۈگەگەن تەبىئى جۇغراپىيە دەرسىدە، قۇياش سىستىمىدا 9 چوڭ پلانىتا بار، دەپ سۆزلىنەتتى، كېيىن يېڭىدىن بىرسى بايقىلىپ 10 بولدى، دىگەننىمۇ ئاڭلىدۇق. ماۋۇ يازمىڭىزنىڭ بېشىدىلا 8 چوڭ پلانىتا بار دىيىلىپتۇ، قاچاننىڭياغى 8 بولۇپ قالدى؟ 9-پلانىتا بولغان پلوتۇن ئۇنتۇلۇپ قالمىغاندۇ؟ پلوتۇن ھەمراغا ئايلىنىپ كەتتىمۇ-يا؟؟؟ خاپا بولماي بىر چۈشەندۈرۈپ قويىڭە.

9.jpg


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-20 05:20 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1512 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-20 04:41:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پېلوتوننى ماسسى زىچلىقى تۈۋەن گاز جىسىم بۇلشىۋا پىلانىت ئ‍ۆلچىمگە توشمايدىكەن دەپقۇيۇپ خېتىنى بەرگىلى بەش تۆت يىل بۇلۇپ قالدى

ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-20 05:01:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kudiratjan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 04:41 PM
پېلوتوننى ماسسى زىچلىقى تۈۋەن گاز جىسىم بۇلشىۋا پىلان ...

پلوتۇننىڭ ئۈچ ھەمرىيى بار تۇرسا، خېتىنى شۇنداق ئاسان  بەرگەنمىدۇ؟ خۇددى بىزنىڭ بەزى داموللىلار بىكارغا ئالغان خوتۇنىنىڭ تەمى قالمىغاندا ‹‹ئاللاھ رىسقىمىزنى قوشمىدى›› دەپلا گۇناھىنى ئاللاھقا ئارتىپ،  ئۈچ بالا بىلەن خوتۇنىنى قويۇپ بەرگەندەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-20 05:18 PM  


كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4761
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1222 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-20 05:16:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ىبر ۋاقىتتا يەنە بىر پىلانىتنى بايقىدۇق دەپ پىلانىت سانىنى ئاشۇرۋاتاتتى ،   

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86830
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1155
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 494 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-20 08:58:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق ئۇچقىنى ئالەم بوشلىقىدىن  قايتۇرۇپ ئەكىلىشتە  قازاق ئىستاننىلا تاللايدىكەن ،   بۇنىڭدا قازاق ئىستان زىمىنىنىڭ قانداق جۇغراپىيلىك ئەخۋالى كۆزدە تۇتۇلغاندۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1512 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-20 09:19:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 05:01 PM
پلوتۇننىڭ ئۈچ ھەمرىيى بار تۇرسا، خېتىنى شۇنداق ئاسان   ...

ھەيران قالغۇدەك ئېشمۇ ئەمەس بۇ    پېلوتون راست ماسسا زىچلىقى تۈۋەن گاز تۇمانسىمان ئاسىمان جېسمىكەن دەپ كۆرگەن .  پېلانىت بۇلۇش ئۈچۈن زىچلىقى يۇقۇرى ،ھەجىمى بىلەن ماسسىنىڭ نېسپىتى كىچىك ،ئۆزىنىڭ ئوربىتىسى ۋە مەلۇم  تۇرغۇن يۇلتۇزنى دەۋىر قېلىپ ئايلىنىشى ھەمدە ئۆزىنى دەۋىر قىلىپ ئايلىندىغان ھەمراىى بۇلۇش ..قاتارلىق شەرىتلىرى بار بولدىغان ،  پىلوتون ئۇ ئۆلچەمدىن ئۈتەلمەي قالغان چېغى شاگاڭ قىلۋەتتى  ..  ھازىر قوقماي ئالەملىك تارتېش كۈچىنى ئىنكار قىلۋاتقان يەردە بىرەر پېلانىتنى ئېنكار قېلىش قانچىلىك ئېشتى دەيسلە  ..  

ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1512 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-20 09:24:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sanhumar يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 08:58 PM
ھەرقانداق ئۇچقىنى ئالەم بوشلىقىدىن  قايتۇرۇپ ئەكىلىشت ...

توغرا . قازاقستانىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى راكتانىنڭ ئاسمانغا ئۆرلىشگە ھەمدە كۆزلىگەن ئوربىتىغا كىرىشگە ئەڭ مۇۋاپىق  كەڭلىكگە جايلاشقان  ، يەنە دۆلتمىزنىڭ سىچۇەن ئۆلكىسمۇ شۇ خىل ئەۋەزلىكگە ئېگە  شېچاڭ راكتا قۇيۇپ بېرىش بازىسى بار   شۇڭا روسىيە ئامىرىكا ۋە ياۋرۇپا  كۈپۈنچە راكىتاسىنى قازاقستان بايىنقۇردىن  قۇيۇپ بېرىدۇ  بۇلۇپمۇ روسىيە  ..  

ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 01:28:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازاق مالخايلىرى يارىشىپ كېتىپتۇ بۇلارغا .
دۆترەك سوئالدىن بىرنى سوراي ... گازدىن تۈزۈلگەن پلانېت بولسا بىرەر تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قوندۇرغىلى بولامدۇ ؟ ياكى گاز بولغانكىن بۇ ياقتىن كىرىپ ئۇ ياقتىن چىقىپ كەتكىلى بولامدۇ ؟

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش