UACGكارتون گۇرۇپپىسىنىڭ 2014- يىللىق كارتون فىلىم ئىشلەش پائالىيەتلىرى تەسۋىرلەنگەن فىلىم رىۋايەت تورىدا ئېلەن قىلىنىپتۇ، مىسرانىم تورىدىمۇ بۇ گۇرۇپپىنىڭ پائالىيىتىنى ھەمبەھىرلەپ، بىرلىكتە بۇلارغا مەدەد بېرىش سۈپىتىدە بۇ تېمىنى يوللىدىم.
ئۇيغۇر كارتونچىلىقىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە سىلەرنىڭ بوشىشىپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
---------------------------------------------------------------------------------------------------------
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قەدىرلىك تورداشلار.
مەن UACG(ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي كارتون گۇرۇپپىسى)نىڭ قۇرغۇچىسى ئېرپان يارمۇھەممەت بولىمەن.
گەرچە 2014- يىللىق 4- قېتىملىق كارتون فىلىم تەربىيىلەش سىنىپى نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېچىلمىغان بولمىسۇ، بۇ يىل 8- ئايدا فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىمىز ‹ ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان› دىن كېيىنكى ئەڭ يېڭى كارتون فىلىمنى ئىشلەشكە باشلىدۇق. بۇ فىلىمنىڭ ئىسمى ‹ ھايات مىلودىيىسى› بولۇپ، كېلەر يىلى 2 - ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ.بۇ فىلىم 80-يىللاردىن ھازىرغىچە بولغان بىر قىزنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن مۇزىكىلىق قىسقا فىلىم بولۇپ، تۇنجى ئورگىنال ۋەقەلىك كارتون فىلىم سۈپىتىدە خەلقئارالىق تور بەت ۋە فىلىم فىستىۋاللىرىدا ئېلان قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز.
ئەمدى گۇرۇپپىمىزنىڭ تەتىلدىكى فىلىم ئىشلەش پائالىيەتلىرى تەسۋىرلەنگەن بىر نەچچە MVنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن. جاپالىق فىلىم ئىشلەشتىن سىرت، گۇرۇپپىمىزنىڭ تۇرمۇشتىكى پائالىيەتلىرىمۇ بۇ فىلىملاردا ئۆز ئىچىگە ئېلىندى. گۇرۇپپىمىزنى قوللاپ قۇۋەتلىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.