مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1346|ئىنكاس: 10

سىز نىمە ئۆچۈن شىركەت قۇرىسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82984
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3098
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 10:04:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      يېقىنقى يىللار مابەينىدە بازار ئىگىلىكىنىڭ جانلىنىشى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ تىزلىشىشى،پۇقرالارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى شىركەت-كارخانىلار كەينى -كەينىدىن مەيدانغا كەلدى. ئەلۋەتتە ئۆزۈڭ بىر مۇستەقىل ئىگىلىكنىڭ خوجايىنغا ئايلىنىپ، باشقىلار تەرىپىدىن‹‹ خوجايىن ››دىگەندەك قۇلاققا چىرايلىق ئاڭلىندىغان ناملارغا ئىگە بولۇش، كاستۇم بورۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيىپ، داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلاردا كۆزنى چاقنتىپ مېڭىش دىگەنلەر كۆپلىگەن كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان بىر ئىش بولسا كىرەك،ئەمما مەيلى خىزمەتتىن چىكىنىپ‹‹دېڭىزغا سەكرىگەنلەر›› بولسۇن،ياكى يەككە تىجارەتتىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەنلەر بولسۇن ئىگىلىك قاينىمىدا ھەمما ئادەمنىڭ قىرغاققا ئامان-ئېسەن يىتىپ بارالىشى ناتايىن، ئەلۋەتتە  بىز بۇيەردە  شىركەت قۇرۇشقا دائىر قۇلاققا خوش ياقىدىغان ئىلھاملاندۇرۇش خاراكتېرىدىكى گەپلەرنى دىسەكمۇ تامامەن بولاتتى،بىراق بىر كارخانىچىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان كەسپىي خادىم  مەيدانىدا تۇرۇپ گەپ ئاچقاندا بۇخىل پوزىتسىىيە سەمىميلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىز نەچچە يىللىق كەسپىي تەجرىبىدىن شۇنى ھىس قىلدۇقكى كۆپلىگەن كارخانا قۇرغۇچىلاردا تۆۋەندىكىدەك سەۋەنلىكلەر ساقلانغان،نۆۋەتتىكى يۈزەكى تەھلىلەرنى دىققىتىڭىزگە سۇنىمىز:
       1.كارخانا قۇرۇشتىكى يىتەكچى ئىدىيە ساغلام ئەمەس
بەزى كىشىلەر  ئالدىمىزغا ئالدىراپ-تىنەپ كېلىپلا، رەسمىيەتنى بىجىرىپلا  كىتىشكە ئالدىرايدۇ،قائىدە بويىچە بەزى تەپسىلاتلارنى ئىگەللىگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قانداقتۇر بىر تۈر مەبلىغىنى كارخانا قۇرسا ئالغىلى بۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، شۇۋەجىدىن كارخانا قۇرۇشقا ئىنتىلگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە كارخانىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش، مەۋجۇتلۇق ئاساسى بازار ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەت ساقىت قىلىنغان. بۇنداق ئەھۋالدا بېسىلغان قەدەمنىڭ ئاخىرى كۆپ ھاللاردا ۋاقىت، مەبلەغ،زېھىن ئىسراپچىلىقى بىلەن خاتىمىلىنىدۇ.
       2.يەككە تىجارەت بىلەن كارخانىنىڭ پەرقىگە بولغان تۇنۇش يىتەرسىز
بەزى كىشىلەر يەككە تىجارەت بىلەن كارخانىنىڭ ئارسىدىكى نۇرغۇنلىغان پەرقلەرنى ئاددى ھالدىكى نام،كىنشىكە رەسمىيەت جەھەتتىلا دەپ قاراپ قالغان، ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش، مالىيە باشقۇرۇش، ماركېتىڭ، مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئىگىلىكنى كۆلەملەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىلىمى ۋە  تەييارلىقى  چەكلىك بولغانلىقى سەۋەبتىن، بۇنداق كىشىلەرگە مەلۇم مەزگىلگىچە يەنىلا يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  ئەلۋەتتە يۇقارقىلاردىن باشقا كارخانا قۇرۇشقا ئوتتەك ھەۋىسى بار، ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىجدىمائىي مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر، مەسىللەرنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئۈمىدلىك قېرىنداشلىرىمىزغا بايقاشقا، ئويلاشقا، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس، چۈنكى كارخانا ئۆزىگە خاس ئىقتىسادىي ۋە  ئىجدىمائىي   مەجبۇرىيەتلەرنى  ئۆستىگە ئالغان، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرلىشىگە كۈچ قوشىدىغان،ئىختىساس ئىگىلىرى ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان، قىزغىنلىق ۋە ئىلگىرلەشكە تولغان ھازىرقى زاماندىكى ھاياتىي كۈچكە ئىگە- بىر جانلىق تەشكىلاتتۇر.

يازمىدا:كېرىيە ئىقبال كارخانا ئىشلىرى ۋاكالەتچىلىك ئورنى
مەنبە:http://www.xjiqbal.com


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 10:53:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98174
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 903 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 12:09:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇ   تىما   ھەقىقەتەن   ئەمىليەتنى   چىقىش   قىلپ   تۇرۇپ   يىزىلىپتۇ   ،   بىز   تەرەپتە   بىرى    ئەتراپىغا   بىر   نەچچە   يىقىنلىرنى   يىغىپلا   بىر   ( باقمىچىلىق   ھەمكارلىق   كاپراتىۋى)   قۇرۇپ   ئاز   ئۆتمەيلا   ھۆكۇمەتتىن   بەش   يۇز   مىڭ   يۇەن   تولۇقلىما   ئىلىۋىلىپلا   بىر   يىل   ئۆتمەستىن   كاپراتىپىنى   تاقىۋەتتى   .   ھەقىقى   چارۋا   باقمىچىلىرغا   بولسا   دۆلەتنىڭ   تولۇقلىمىسى    تەگمەيدۇ   ،   چۇنكى   ئۇلاردا   شۇ   تولۇقلىمىنى   ئالالىغۇدەك(جۇرەت)  يوق   ھەم   يولىنى   تاپالمايدۇ  .

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 12:23:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇقلىما ئىلىشنى مەقسەت قىلىپ كارخانا قۇرۇش تولىمۇ ئەخمىقانىلىكمۇ قانداق ....
ساقالدىكى ئاشقا قوساق تويمايدۇ ..

ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84885
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 395
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2012-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 12:28:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93529
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 833
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2013-3-18
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 12:58:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ ئەمما  ‹ سىز نىمە ئۆچۈن شىركەت قۇرىسىز؟› بۇ تىما ئۈچۈن ئاز كەپ  قالغاندەك ھەر تەرەپتىن  مۇلاھىزە قىلغاندا ساقلىنۋاتقان مەسىللەر  بۇنىڭدىنمۇ كۆپ  

ياخشى ئادەملەر ئۈچۈن ياخشى ئادەملەر ياخشى ئادەملەر ،
ياخشى ئادەملەر ئۈچۈن ئەسكى  ئادەملەر ئەسكى  ئادەملەر؛
ئەسكى  ئادەملەر ئۈچۈن ئەسكى  ئادەملەر ياخشى ئادەملەر،
ئەسكى  ئادەملەر ئۈچۈن ياخشى ئادەملەر ئەسكى  ئادەملەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2042
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 01:35:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئادەمنىڭ نىشانى ئوخشاش بولمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2845
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3680 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 02:32:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىركەت ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادىرىستىن ‹‹ شىركەتنىڭ كۈچى ››ناملىق ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىمنى كۈرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز:

http://www.uyhqt.com/uy/forum.php?mod=viewthread&tid=160

ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41283
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3240
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2011-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 10:59:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلى مەسىلە ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ. مۇمكىن بولسا ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى تونۇشتۇرۇلسا دېگەن ئۈمىدتە مەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103833
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 439
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2014-2-20
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-20 06:22:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ يېزىلامدىكىن دىگەن، ئاخىرىنىمۇ يېزىۋەتسىڭىز بوپتىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش