چېقىر ئۈجمە
(پوۋېست)
1
بۇ مەھەللىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇ يوغان كۆلنى شاخلىرى ھەر تەرەپكە كەڭرى يېيىلىپ يېپىپ تۇرغان چوڭ بىر تۇپ چېقىر ئۈجمە خۇددى كۈنلۈككە ئوخشايتى . قىشىمۇ ياز بۇ كۆلنىڭ سۈيى ئۆكسۈپ قالمايىتى.ياز كۈنلىرى كۆلنىڭ سۈيى بەكمۇ سوغۇق ئىدى.بۇ ئۈجمىنىڭ بۇ كۆل بويىغا كىم تەرىپىدىن قويۇلغانلىقىنى دەپ بىرەلەيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق . لېكىن ئۇزاقتىن بىرى بۇ ئۈجمىنىڭ بۇ كۆل بويىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلار ئانچا-مۇنچە چىقىپ قالىدۇ.بۇ ئۈجمىنىڭ باھار كەلگەندە كۆكىرىپ ، كەچكۈز كىرىشى بىلەن تەڭ سارغىيىپ يوپۇرماقلىرىنى تاشلايدىغانلىقىنى بىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس .بۇ چېقىر ئۈجمە ئاينىغان بۇ كۆلىنىڭ دايىرىسى بىر يېرىم مو ئەتراپىدا بولۇپ، مەھەللىدىكى ئەدەملەر بىلەن چارۋا ماللارنى سۇ بىلەن تەمىللىيتى. كۆلنىڭ بويىدىكى بىر تۇپ چېقىر ئۈجمىنىڭ غولىغا 4-5 ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمەيتى، شاخلىرى تەرەپ-تەرەپكە يېيىلغان بولۇپ ، ئىككى مو ئەتراپىدىكى يەرنى ئىگىلەيتى، قارىماققا بۇ چېقىر ئۈجمە بۇ كۆلنىڭ ئۈسىتىگە يېيىلغان غايەت غايەت زور كۈنلۈككە ئوخشايتى. ئۈجمىنىڭ بۇ يەرگە قويۇلغىنىغا قانچىلىك بولغانلىقىنى بىلىدىغانلار يوق ئىدى . بەلكىم 100 يىل بولغاندۇ ياكى 200 يىل بولغاندۇ ۋەياكى 300يىلدىن ئاشقاندۇ ، بىلىدىغانلار ئالىقاچان تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن. بەلكىم بۇ چېقىر ئۈجمە كېلەر يىلى قۇرۇپ كېتەر ۋەياكى يەنە 100يىل ياشار ، ھەتتا 200 يىل ياشار ھەتتاكى 300يىلدىن ئارتۇق ياشىشىمۇ مۇمكىن . بۇلار بىلەن ھىچكىمنىڭ چاتىقى يوق . لېكىن قارا تومۇزدا سايىسىدىن پايدىلىنىشنى بىلىدىغانلار بار. ئەمما ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدىغان ئاۋۇ توپا چىراي ئادەملەر ئۇنچە ئۇزاق ياشىيالمايدۇ ، ئەجەل ئۇلار بىلەن بىللە ، ئۆلۈم ئۇلارنىڭ قېشىدىلا. كۆلنىڭ يۈزىنى چېقىر ئۈجمىنىڭ ھەر تەرەپكە يېيىلغان شاخلىرى يېپىپ تۇرغاچقا سۈيى بەكمۇ سوغاق . ياز كۈنلىرى كۆل بويىنىڭ ھاۋاسى بۆلەكچىلا سالقىنتى ، جانغا ئارامچىلىق بېغىشلايتى. چوڭ-كېچىك ھەممە بۇ يەردە ئارام ئېلىپ ، ساگىدەشنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. كىشلەر بۇ كۆلنى قېيىمۇكامنىڭ كۆلى ، چېقىر ئۈجمىنى سەلىياخۇناكامنىڭ چېقىر ئۈجمىسى دەپ ئاتاتىشاتتى. نېمىشقا بۇنداق ئاتىلىپ قالغانلىقىنى بىلىدىغان بىرىمۇ ئادەم يوقتى. كۆلنىڭ ھەقىقى ئىگىسى كىمۇ ، چېقىر ئۈجمىنىڭچۇ؟ بۇ بىلىۋېلىش بۇ يەردىكىلەر ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى. بۇ يەردە گەپ يوتقاننىڭ ئىچىدىن باشلىنىپ ، دۇنيانىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلىرىغىچە داۋام قىلىپ ، يەنە يوتقاننىڭ ئىچىدىكى گەپلەر بىلەن ئاخىرلىشاتتى. پات-پات گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ تۇراتتى.يوقىلاڭ باھانە سەۋەبلەر بىلەن قىزىرىشىپ يۈز-كۆزلىرىنى كۆكەرتىپ ، ئېغىز-بۇرۇنلىرىنى قانىتىشىپ ، باشلىرىنى يېرىشىپ ، چىشلىرىنى تۆكۈشىۋېتىدىغان ئىشلارنىمۇ بولمايدۇ دېگىنى بولمايتى. بۇ يەردە نېمىشلار بولسا بولسۇن ، بېشىدىن نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغاقلارنى ، بوران-چاپقۇنلارنى ئۆتكۈزگەن ، خوشاللىق بىلەن قايغۇ ئارلىشىپ كەتكەن قىسمەتلەرگە شاھىد بۇ چېقىر ئۈجمىنىڭ ئۇلارغا قاراپ جىم تۇرغىنى تۇرغان .
بۇ چېقىر ئۈجمىنىڭ تۈۋىگە ھەممىدىن بۇرۇن كېلىۋېلىشىنى ئەڭ چوڭ خوشاللىق دەپ قارايدىغان ، ھىچكىم بىلەن چاتىقى يوق توختى يۇۋاش دېگەن ئادەم « ئىز » رومانىنىڭ مۇقەددىمىسىگە بېرىلگەن شېئىرنى تولۇق يادىلىيالايتى، ئۇ باشقىلارنىڭ گەپلىرىگە ئارلاشمايتى،گەپ سورىغانلارغا لايىقىدا جاۋاپ بېرەتتى-دە، يەنە كىتاب ئوقۇشنى داۋاملاشتۇراتتى. بۇ يۇرتتىكى ئۆزىنى زىيالى چاغلاپ گېدىيىپ يۈرىيدىغانلاردىن قانچىلىكى بۇ شېئىرنى يادىلىيالايدۇ ، قانچىلىكى بىرەر كىتابنى تۈگىتىپ ئوقىدى بۇنىسى قاراڭغۇ. بۇ مەھەللىدە بۇ چېقىر ئۈجمە سايىسىدا توختى يۇۋاشتىن ئۇزاق ئولتۇرىدىغان بىرمۇ كىشى تېپىلمايتى. ئۇ بۈگۈنمۇ ھەر كۈندىكى ئادىتى بويۇنچە بۇ يەرگە بالدۇرلا كېلىپ داۋاملىق ئولتۇرىدىغان كۆلنىو ئاۋۇ چېتىگە بېرىپ ، كىتاپ ئۇقۇشنى باشلىۋەتتى. كىتاپنىڭ تازا قىززىق يېرىگە كەلگەندە قاسىم قىڭراق بىلەن سايىم قېلىپ نېمىنىدۇر تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتتى، بۇ يەردە ئولتۇرغانلار ئوپۇر-توپۇر بولۇپ كېتىشتى. توختى ياۋاش قولىدىكى كىتاپنى بار ئۈنىنى قويۇۋېتىپ ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇ ھەر قېتىم بۇ يەردىكىلەر ئۆز-ئارا جىدەللىشىپ قالغاندا كىتاپنى ئاشۇنداق يۇقۇرى ئاۋازدا ئوقۇيتى.
« بۇرۇن بىر ئەما بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى كۆزى تۇغۇلۇشتىنلا كۆرمەيدىكەن. بىر كۈنى تۇيۇقسىز بىر مۆجىزە يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ نەرسىلەرنى كۆرەلەيدىغان بوپتۇ. ئۇ كۆزىنى ئاچقان ئاشۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا بىر ئېشەك بار بولۇپ، ئۇ پەقەت شۇ ئېشەكنىلا كۆرۈپ، كۆزىنى يەنە يۇمۇۋاپتۇ. بىر قېتىم بىر ئادەم ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:
ــ مەن ناھايىتى چىرايلىق بىر يۈرۈش ئۆي سالدىم.
ــ سېنىڭ سالغان ئۇ ئۆيۈڭ ئېشەكتەك چىرايلىقمۇ؟ ــ دەپ سوراپتۇ ئەما.
يەنە بىر قېتىم بىر ئادەم ئۇنىڭغا يەنە مۇنداق دەپتۇ.
ــ مەن دېڭىزدا ناھايىتى چوڭ بىر پاراخۇتنى كۆردۈم.
ــ سەن كۆرگەن ئۇ پاراخۇت ئېشەكتەك چوڭمۇ؟ ــ دەپ سوراپتۇ ئەما.
شۇنداق قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئەمادىن سوراپتۇ:
ــ سەن نېمە ئۈچۈن ھەممە نەرسىنى ئېشەك بىلەن سېلىشتۇرىسەن؟
ــ چۈنكى مەن پۈتۈن بىر ئۆمرۈمدە ئېشەكنىلا كۆرگەن، ــ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئەما. » توختى ياۋاش كىتاپنى ئوقۇشتىن توختاپ ئورنىدىن تۇردى-دە ، مەھەللىنىڭ يۇقۇرىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئوي مەھەلە تەرەپتىن يانمۇ-يان مېڭىپ پاراڭلاشقىنىچە ئىككى ئادەم توختى ياۋاش ئولتۇرغان ئورۇنغا كېلىپ يەنە يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ پاراڭلىرىنى داۋاملاشتۇردى. بۇلارنىڭ بىر ئوي مەھەللە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى قادىر ، يەنە بىرى ئارقا كوچا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سادىر ئىدى. ئۇلار بەكمۇ قىزغىن سۆزلىشىپ كەتتى.ھەر بىر ئېغىز سۆزىنىڭ خېلىلا ۋەزنى بارتى.
-مەن ،ئۆز قەلبىگە ، بىۋاستە تۇيغۇسىغا ماڭغۇچىلارنى غەلبىگە ئىرىشكۈچىلەر دەپ قارايمەن –دېدى قادىر مۇئەللىم گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ.
-توغرا ، ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىغا چۆكۈپ كېتەلىگەن ئادەم مەغلۇبىيىتىدىن ئاچچىق ساۋاق ئېلىپ ، ئالغا قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرلىيەلەيدۇ.-دېدى سادىر مۇئەللىممۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ياندىشىپ.
- ‹ مەيلى قەيەرگە باراي ياكى بارماي مەن ھامان يەنىلا مەن › دەپ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ ،ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئۆزىنى چۈشىنىپ ، ئۆزىگە ئىشىنىپ ياشىغۇچى نەدىلا بولمىسۇن باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ، ئىشەنچىسىگە ، ھۆرمىتىگە ئىرىشەلەيدۇ.
- بۇ سۆزلىرىڭنىڭ خېلىلا جېنى بار ، كاللىنى سەگەك ۋە جانلىق تۇتۇش ھاياتقا بولغان ئەڭ چۇڭقۇر سۆيگۈ مانا بۇ نوختىنى ئايدىڭلاشتۇرالىغۇچى ، ھەرقانداق جاي ، ھەرقانداق شارايىتتا ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىپ ياشىيالايدۇ.
-چۈنكى ئۇلار ، دېھقىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، بىر قېتىمدا بىر ئىشنى قىلسا ، خوشاللىنارلىق نەتىجىگە ئىرىشەلەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بولغان.
-ئۆزىگە ھەم خىزمىتىگە ئىشەنگەن ئادەم ھەر بىر قىلغان ئىشىدىن چەكسىز خوشاللىق تاپالايدۇ.
- ئادەم پىكرى قالايمىقانلاشقان چاغدا باشقىلارنىڭ گېپىگە ئىشەنسە ، باشقىلار قالتىس دەپ ماختىغان ھەمدە كەيپى سازلاشقان چاغلاردىمۇ باشقىلارنىڭ گېپىگە ئىشەنسە ئۆمۈر بويى ئورنىنى تولدۇرىۋالغىنى بولمايدىغان زىيان تارتىدۇ، پۇشايماندا قالىدۇ. دەرد ئىچىدە ھەسرەت-نادامەت بىلەن ئۆتىدۇ.
-ئىشىنىشكە توغرا كەلسە ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىگىلا ئىشىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئەقىل پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئەخلاقىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، باشقىلارنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشىدۇ. چۈنكى ھەركەتتە ئەستايىدىل بولۇش غەلبىنىڭ ئاچقۇچى.
-مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندا باشقىلاردىن ئاغرىنىپ يۈرۈش تولىمۇ ئەخمەقلىق ، چۈنكى ئادەمنى باشقا بىرسى ئەمەس بەللكى ئۆزى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ.
پىژغىرىم ئىسسىق ، جاھانغا ئوت كەندەك لاۋۇلداپ تۇرغان بىر چىڭقى چۈشلۈكى چېقىر ئۈجمە ھەممىلا يېرىگە سايە تاشلاپ تۇرغان كۆل بويىدا قادىر مۇئەللىم بىلەن سادىر مۇئەللىم كۆل بويىدىكى دىمىققا قارىماي ئۇزاقتىن –ئۇزاق پاراڭلاشتى. كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى دېشېۋېلىپ ، ئۆزلىرىنى خېلىخوپ يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلىشتى. « ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەرنىڭ پاراڭلىرىمۇ ئاجايىپ ھېكىمەتلىك بولىدىكەن –ھە؟.» ھەيران قالدى باياتىندىن بېرى ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىغا قۇلاق سېلىپ بىر چەتتە ئولتۇرغان قاسىم كاناي . ئۇ بىردىنلا قېقىلىپ-قېقىلىپ بىرھازاغىچە يۆتىلىپ كەتتى. ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭلۈنىڭ چۇڭقۇر يەرلىرىدىكى ھەسرەتلەر ئۇنىڭغا ئارام بەرمەي كېلىۋاتاتتى. يۈرىكى نېمىشقىكىن يېقىندىن بۇيان پات-پات ئاجايىپ بىر قىسما سڭقۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالغانتى. بۇنداق چاغدا ئۇنىڭغا ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسە تولىمۇ سۆيۈلۈك ، دۇنيا تولىمۇ گۈزەل تۇيۇلۇپ كېتەتتى. لېكىن ھاياجىنى ئۇزاققا بارمايلا كۆككە سورۇلاتتى. ئەتراپىدىكى ھەممىلا نەرسە ھومىيىپ قاراۋاتقاندەك، ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىۋاتقاندەك ، ئۇنى داۋاملىق پايلاپ يۈرىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ ئۇنى قاتتىق قىينايتى ، يۈرىكىنى مۇجىقلايتى. ئۆزىنى ئوشۇقچە ئادەم دەپ قاراپ قاتتىق بىئارام بولاتتى.
-بۇنداق قىينالغىچە داۋالانسىڭىز بولمىدىمۇ قاسىمىكا –دېدى قادىر مۇئەللىم ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ.
- داۋالانمايدىغان ئىش بولامدۇ بالام ، بۇ كېسەل ماڭا چاپلاشقىنى 90 يىلدىن ئاشتى ، داداممۇ مۇشۇ كېسەل بىلەن 89 يىل ئېلىشىپ بۇ ۋاپاسىز دۇنيادىن كەتكەن. مېنىڭمۇ ۋاقتىم ئۇزاق قالمىدى ، تالاشقان شەلەر قالىدۇ.
- تېتىك تۇرىسىزغۇ.
- ئۆزۈم بىلىمەن ، ئىچىم كاۋاكشىپ كەتكەن ئادەم مەن بالام.
-خۇدا ئۆمرۈڭىزنى ئۇزاق قىلار .
- ئامانىتىنى ۋاقتىدا ئالغىنى ياخشى ، لېكىن بالام بۇ كېسىلىمنىڭ نەۋرىللىرىمگە مىراس بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن. – بوۋاينىڭ كۆزلىرىدىكى قايغۇ-ھەسرەت ، نادامەتنى كۆرۈپ قادىر مۇئەللىم بىلەن سادىر مۇئەللىمنىڭ يۈرەكلىرى قوقاسقا كۆمۈلگەن قوناقتەك پۇچىلىنىپ كەتتى. بىردىنلا كۆلنىڭ ئاۋۇ چېتىدىن توختى ياۋاشنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ شېئىرلارنى بەكمۇ ھېسسىياتلىق ئوقۇيتى.
ئاستىمدا شارقىراپ دەريا ئاقىدۇ،
ئېشىپ بارماقتىمەن بىر تىك داۋاندىن.
ئالدىمدا بىر سۇنۇق قىلىچ ياتىدۇ،
بىلمەيمەن يادىكار قايسى زاماندىن.
قىلچنىڭ يېرىمى تۇپراق ئاستىدا،
يېرىمى ئالماستەك تۇرىدۇ چاقناپ.
بۇ قەدىم جەڭلەرنىڭ يالدامسىنى،
ھاياجان ئىلكىدە ئالدىم ئاۋايلاپ.
تىترىدى قوللىرىم، تونىدى يۈرەك،
ھىلال ئاي ئەگمىسدەك ئەگرى قىلىچنى.
زاتىمنىڭ ھىدلىرى كەلدى گۈپۈلدەپ،
بىلمىدىم قاي ھالدا نەپەس ئېلىشنى.
قىلچنىڭ بىسىدا قۇياش جىلۋىسى،
بالقىيدۇ ئىپتىخار، بالقىيدۇ زەر نۇر.
جاراڭلاپ سۇنغاچقا جەڭدە ئارمانسىز،
سۈزۈك سۇنۇقىدا كۈلىدۇ غورۇر.
تاۋلانغان بۇ قىلىچ ئېگلمەس بولۇپ،
جەسۇرلار ۋەتىنىنىڭ ئوچاقلىردا.
قەسەم سۈيى ئىچكەن چىقىپ ئوچاقتىن،
ئاھۇ كۆز مەدەتكار بۇلاقلىرىدا.
كەلتۈرگەن قىلچنى بۇ تىك داۋانغا،
ۋەتەننىڭ سۆيگۈسى جەڭلەرگە چىللاپ.
سۇنغان چېغىدىمۇ رىشتى ئۈزۈلمەي،
تەۋەررۈك تۇپراقنى ئاپتۇ قۇچاقلاپ.
ئويلىدىم شۇنداقمۇ قىلچلار بار ئىكەن،
بىر قېتىم قىنىدىن چىقالمايدىغان.
باسسا ياۋ ۋەتەنگە پاسكىنا ئاياغ،
قىساس قەھرى بىلەن چاقنىمايدىغان.
خىيالچان تىكىلدىم سۇنۇق قىلىچقا،
ئەينەكتەك تېندىن كۆرۈندى جەڭگاھ.
بۇ قىلىچ شىر سۈپەت بىر ئەر قولىدا،
دۈشمەنگە ۋەيلۇندىن بەرمەكتە ئاگاھ.
چىقىدۇ شىۋىرغان ئوق ئۈزسە ساداق،
ئۇمۇدنىڭ زەبىدە قالقان قالتىرار.
تەككەندە گەزلەشكەن ھەر بىر قىلىچقا،
بۇ قىلىچ بىسىدىن چاقناپ يالتىرار.
ئاھ قىسمەت، جەڭ ئارا سۇندى ئۇ قىلىچ،
جەڭگاھنى لەرزىگە سالدى شۇ سادا.
تاغلاردىن تاغلارغا ئۇرۇلدى ئەكسى،
ھەر تاغدا بىر قىلىچ سۇنغاندەك گويا.
قۇياشمۇ قارايدى سۇنغاندا قىلىچ،
زەپەرنىڭ يۈزگە تارتىلدى نىقاپ.
باتۇر ئات ئۈستىدىن غۇلىدى باشسىز،
كىشنىدى دۇلدۇلى زارلىق چىرقىراپ.
قېنى ئۇ باھادىر، قاردىم كۆككە،
قېنى ئۇ قىلىچقا مۇناسىپ ئەرلەر ؟
قۇياشتىن، نۇرلاردىن ئىزلىدىڭ ئۇنى،
ئۇنىڭدەك ئوغلاننى يۇتمايدۇ يەرلەر.
خەيرىھاھ، قىياھقا ئايلىنپتۇ ئۇ،
قىلىچنىڭ دەستىسى قاپتۇ ئىلكىدە.
تەنتەنە قىلىدۇ ئەرلىك تەسۋىرى،
مەرمەردەك يالتىراپ تۇرغان چېھرىدە.
شېھىتنىڭ بوينىدىن تەپچىگەن قانلار
دەرياغا ياقۇتتەك چۈشەر تامچىلاپ.
ئۇقچىدى يۈزۈمگە دەريانىڭ سۈيى،
بىلدىمكى ئۇ مېنى قويدى قامچىلاپ.
توختى ياۋاش قولىدىكى خەت يېزىلغان ۋاراقنى ئاۋايلاپ يانچۇقىغا سالدى . ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ چېقىر ئۈجمە تۈۋىدىن ئايرىلدى.
-ھازىر ئاتراپىمدا مەن ئىشەنگۈدەك بىرى قالمىدى.
-سېنىڭمۇ ئىشىنىدىغان يېرىڭ قالمىدى.
-سەن نېمە دېمەكچى؟.
-نېمە دېمەكچى بولغىمنى بىلەلمەي ، دېمەكچى بولغان سۆزلىرىمنى ئېغىزىمدىن چىقىرالماي ياشاپ كېلىۋاتقىنىمغا يېرىم ئەسىردىن ئاشتى. ئىچىمدە نۇرغۇن ھەسرەتلىرىم بار.
-ئىچىمدىكى دەردلىرىمنى ئېيتىپ بېرەي دېسەم غەرەزئاڭقىرىدىغان بىرەر ئادىمىم يوق.
-مۇشۇ كۈندە ئادەمنى توپا-توزاڭلىق ئوي-خىياللار تەتۈر قىيناپ ئارام بەرمەيدىغان بولىۋالدى.
-يېقىندىن بۇيان خىياللىرىم ئىشەك ئېغىنىغاندەك مالماتاڭ.
-ئۆزىنىڭ غورۇرىغا دەسسەپ ماڭىدىغان ئەركەكلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپۈيىپ كېتىۋاتىدۇ.
-يېمەكلىك ساپ ، تازا بولمىسا روھ پاكىز ، ئەقىدە ساغلام بولمايدۇ.
-مەينەتچىلىك قاپلىغان قەلىبتە شەرمەندىچىلىك چۇقان سالىدۇ.
-كۆڭلىنى قارىلىق قاپلاپ كەتكەنلەر يىرگىنىشلىك ھەم قورقۇنچلۇق بولىدۇ.
-ئۆزى تويسىمۇ كۆزى تويمايدىغانلارنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ.
- يالاقچىلىق قىلىپ جفن باققاندىن تىلەمچىلىك قىلىپ جان باققان مىڭ ياخشى.
-تىلەمچىلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەندىن ، تىلەمچىلەرگە نان بېرىپ ياشىغان مىڭ، مىڭ ئەۋزەل.
-قولۇمنىڭ دۇمبىسىدىكى بۇ يارىغا 60 يىلدىن ئاشتى ھىچ ساقىياي دېمەيدۇ. يا يوقالمىدى ، ياكى جېنىمنى ئالمىدى. مېنى بەك قىينىۋەتتى ، بەك قىينىۋەتتى.
-كۆزگە كۆرىنىدىغان ئۇنداق يارىلارنىڭ كارايىتى چاغلىق . ئەڭ يامىنى كۆڭۈلدىكى ، يۈرەكتىكى كۆرۈنمەيدىغان يارىلار. بۇنداق يارىلارنىڭ ئاغرىقى بەك ئۇزۇن ، بەك چوڭقۇر ، ئازابى بەك چەكسىز ، شۇنچە مۇڭلۇق ، شۇنچە ئېچىنىشلىق ، شۇنچە ئازابلىق ھەم ۋەھىمىلىك بولىدىكەن.
- بۇرۇندىن تارتىپ تونۇش بولغان كوچىلار ناتۇنۇش بولۇپ كېتىۋاتىدۇيا ئادەمگە يېقىندىن بۇيان ؟.
-كۆزۈڭدىن چاتاق چىققان ئوخشايدۇ.
-نېمىلەرنى دەيدىغانسەن خېلى-خېلى يىراقتىكى نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلەيمەن.
- ئېنىق كۆرەمسەن ، كۆرمەمسەن چاتىقىم يوق . ئەر –خوتۇن بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ قالسا تۈگىشىپ كېتىدىكەن.
مەكتەپتىن قايىتقان قادىر مۇئەللىم دەرۋازىسىدىن كىرگىچە كىملەرنىڭدۇر قاچان ، قەيەردە ، يۇقۇرقىدەك پاراڭلاشقىنىنى زادىلا ئەسلىيەلمىدى. لېكىن ئىككى ئادەمنىڭ بوران چىققان بىر كۈنى شۇنداق سۆزلەشكىنىچە چېقىر ئۈجمە تۈۋىدە ، كۆلنىڭ بويىدا ئولتۇرغانلىقى ھازىرقىدەك ئېسىدە. « باشقىلارنىڭ تۈنۈگۈنى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەتىسىنى بىزەش كويىدا بولغانلار ھاياتىنى قىممەت تاپقۇزالمايدۇ ، ئۇنداقلارنىڭ تۇيغۇسى دۇغ ، روھى مەينەت بولىدۇ. كۈنلىرىنى مەنىسىزلىك ئىچىدە ئۆتكۈزىۋېتىدۇ. » قادىر مۇئەللىم چاپىنى سېلىپ قۇزۇققا ئىلىۋېتىپ شۇنداق ئويلىدى.
( بۇ يازمامنىڭ داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقنى لايىق تاپتىم. دوستلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىمىسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-18 02:10 PM