كونا ۋەدە
چاپاقتاشتىن نەزەر سالدىم زەرەپشاننىڭ ھۆسنىگە،
سۈپسۈزۈك سۇ، ئۆركەش ئېقىن، ئويناقشىدى باغرىدا.
ئۈنچە - مارجان چېچىلغاندەك شوخچۇپ چىقتى ئۆركىشى
قەلبىم دېدى ،ۋەدەڭ قېنى، ئانا دەريا ئالدىڭدا!
،
ئەسكە ئالدىم زەرەپشانغا ئېيىتقان ۋەدەم ،سۆزۈمنى،
سۆزلىرىمگە گۇۋاھ ئىدى تولۇن ئايلىق ئاق كېچە.
دېگەن ئىدىم، سۇلىرىڭدەك سۈزۈك ياشاپ ئۆتەيمەن
ھەمرا قىلىپ غورۇرۇمنى ئەزىز جېنىم كەتكۈچە.
،
قېنى ۋەدەڭ، دېدى ئېقىن زەربە بېلەن تولغېنىپ،
قېنى ۋەدەڭ، دېدى تاغلار زەرەپشانغا تاشلېنىپ.
كەلكۈن كەلگەن ئېقىن سۇدەك قەلبىڭ تولدى لايسۇغا
قېنى ۋەدەڭ، دېدى ۋىجدان يۈرىگىمنى تىترىتىپ.
،
زەرەپشاندىن كەلدى سادا ،شۇنچە خۇشخۇي يېقىملىق،
ئازمايدىغان ئادەم بولماس، ھاياتلىقتۇر ئۇزۇن يول.
كەل باغرىمغا سۈزۈك سۈيۈم يۇيسۇن سېنى پاكلىسۇن
تۇر ئورنۇڭدىن، تاپ ئۆزۈڭنى، ئەلگە يارام ئوغۇل بول.
،
ئۆچمەس
2014-09-27
چاپاقتاش ـــــ يىزامنىڭ دەريا بويىدىكى بىر تاغنىڭ ئىسمى.