«تارتىش كۈچى»نىڭ مەۋجۈتلىكىنى ئىنكار قىلىدىغان پاكىتلار
قاسىم سىدىق
”تارتىش كۈچى“ ــــ 300يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق،ئاستىرونۇمىيە قاتارلىق ئىلىم-پەن ساھەلىرىدە بىر ھۆكۈمران ئىدىيە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىپ كەلدى.ئېينىشتېيىن نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنىڭ ئورنىغا ئۇزىنىڭ ماخ قاتارلىقلاردىن ئىمپورىت قىلغان ماكان ئەگرىلىگى ئىدىيىسىنى دەسسەتكەن بولسىمۇ ئالاقىدار قىيىنچىلىقلار ھازىرغىچە ھەل بولغىنى يوق.ھازىر ئىلىم ساھەسىدە تارتىش كۈچى مەۋجۈت ئەمەس دىگەن ئىدىيىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارمۇ كۇنسىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.مەن بۇ تېمىدا تارتىش كۈچىنىڭ مەۋجۈتلىكىنى ئىنكار قىلىدىغان بەزى پاكىتلارنىڭ قىسقىچە تېزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقتىم.قالغانلىرىنى ئىنكاس قەۋەتلىرىدە داۋاملىق تولۇقلايمەن.كىمىكى،يۇقۇرقى پاكىتلارنى تارتىش كۈچى مەۋقەسىدە تۇرۇپ زىدىيەتسىز چۈشەندۆرۆپ بىرەلىسە شۇ كىشى تارتىش كۈچى نەزەريىسىنى قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ.چۈشەندۆرۆپ بىرەلمىسە تارتىش كۈچى مەۋجۈت ئەمەس دەپ ئىتراپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ھازىرچە بايقىغان پاكىتلىرىمنىڭ تىزىملىكى مانا:
1.ئالەمنىڭ كېڭىيىشى.
2.ئاي شارىنىڭ يەر شارىدىن بارغانسىرى يىراقلىشىشى.
3.پىلانىتلارنىڭ قوياشقا دەۋرى ھالدا يىراقلىشىپ-يېقىنلىشىشى.
4.تارتىش كۈچى(ئېغىرلىق كۈچى)نىڭ كىلاسسىك چۈشەندۆرۈشلىرى(يەنى،تۆز سىزىقلىق ئۇز ئارا تەسىر) بىلەن ئەمىلى ئەھۋالنىڭ بىردەك ئەمەسلىكى ۋە بۇنداق مۇناسىۋەتنىڭ قۇرۇلماسلىغى.
5.پىلوتۇننىڭ قوياش سېستىمىسىدىكى پىلانىتلار تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلىنىشى.
6.سەرگەردان يۇلتۇزلار.
7.ئەركىن تاشلانغان پۇرژىننىڭ ئاستىنقى قىسمىنىڭ بىر پەس مۇئەللەق تۇرىشى.
8.”ئاۋانگارىت“ قاتارلىق ئالەم ئۇچقۇلىرىنىڭ ئوربىتىدىن چەتلىشى.
9. 29-تىئورمىچە ئېغىش.
يۇقۇرقى پاكىتلارنىڭ ئىچىدىن بىر ياكى ئىككىسىنى بولسىمۇ تارتىش كۈچى مەۋجۈت دىگەن مەۋقەدە تۇرۇپ چۈشەندۆرۆپ بەرگىلى بولمىسا،بۇ ھالدا تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىغى ئاشكارە بولىدۇ.
قېنى،قايسى تورداش يۇقۇرقى پاكىتلارنى تارتىش كۈچى بار دىگەن مەۋقەدە تۇرۇپ چۈشەندۇرۆپ بېرەلەيدۇ؟.
2014.11.18
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-18 01:15 PM