|
|
|
|
ئەل ئابىدە خەيىر-ساخاۋەت ئەتىرىتى قاغىلىق تارماق ئەتىرتىنىڭ بىر يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى يىغىنى ئىچىلدى.
2014-يىلى 11- ئاينىڭ 16-كۈنى قاغىلىق ناھيىسىدە ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت ئىلىپ بىرىلدى، بۇ كۈنى قاغىلىق ناھيىسىدىكى ئەتىرەت ئەزالىرى ، قوشنا ناھيىلەردىن ئەل ئابىدە خەيىر-ساخاۋەت ئەتىرىتى مارالبىشى ناھىيە تارماق ئەتىرتى، ئەل ئابىدە خەيىر-ساخاۋەت ئەتىرىتى پوسكام نىفىت بازىسى تارماق ئەتىرتىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ، مىھرىبان ئانىلار كوللىكىتىىپى قاغىلىق تارمىقىدىكى ئەزالار بولۇپ 100 گە يىقىن كىشى قاتناشتى. پائالىيەت ئاساسلىقى ئەل ئابىدە خەيىرى-ساخاۋەت ئەتىرتى قاغىلىق تارماق ئەتىرتى قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەت نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلاش، كىيىنكى بىر يىللىق پىلان ۋە تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرغا قويۇش، تەكلىپلىك ئەزىز مىھمانلارنىڭ ۋە ئەتىرەت ئەزالىرىنىڭ كەڭ دائىرلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاساسىي مەقسىتىدە ئىلىپ بىرىلدى.
پائالىيەت باشلىنىشى بىلەن ئەتىرەت مەسئۇلى خانقىز خانىم « دۇنىيا مىھرى مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر» دىگەن تېمىدا سۆز قىلدى، ئۇنىڭ مىھرى-مۇھەببەت. ساخاۋەت ھەققىدە قىلغان قايىل قىلارلىق سۆزلىرى مەيداندىكىلەرنىڭ قەلبىدە لەرزىگە سالدى.
ئۇنىڭدىن كىيىن ئەتىرەت قۇرغۇچىسى گۈزەلئاي ئەتىرەتنىڭ بىر يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتتى، ئىلىپ بارغان تېپىك بولغان، ئەھمىيتى چوڭ بولغان بىر قانچە قىتىملىق خەيرى-ساخاۋەت پائالىيىتىنىڭ تەپسىلاتىنى يىغىن ئەھلىگە يەتكۈزدى. بىر يىللىق خىزمەتلەر جەريانىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر، تەجرىبىلەر، ساقلانغان مەسىللەرنى ئوتتۇرغا قويدى.
ئەتىرەت مالىيە خادىمى ئايگۇل ئەتىرەتنىڭ بىر يىللىق مالىيە دوكىلاتىنى تەپسىلىي ئوتتۇرغا قويدى.
ئاخىردا خانقىز خانىم ئەتىرەتنىڭ كىيىنكى بىر يىللىق خىزمەت پىلانلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.
مېھرىبان ئانىلار ۋەكىلى تەبىرىك سۆزى قىلدى. ئەل ئابىدە خەيرى ساخاۋەت ئەتىرتى قاغىلىق تارماق ئەتىرتى 2013-يىلى 11- ئاينىڭ 13-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپتە بەش كىشىدىن تەركىپ تاپقان بولسا، بىر يىلدىن بۇيان ئەتىرەت ئەزاسى يۈزدىن ئاشتى، ئەتىرەتتىكى ئەزالار ھەم ماددى جەھەتتىن ياردەم قىلىشنى ھەم مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىشنى تەڭ تۇتتى، ساخاۋەت ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇشتا پەقەت ماددى جەھەتتىن پۇل ياكى ماددى بۇيۇم ئارقىلىق ياردەم قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىش، پۇلى بارلار پۇل چىقىرىش، ھەر كىم ئۆز ئارتۇقچىلىقىغا ئاساسەن ياردەم ئوبىكىتلىرىنى بىكىتىش ۋە ياردەم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىككى نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ياردەم قىلىشنى زىممىسىگە ئالدى، ئون نەچچە قىتىملىق يىتىم-يىسىر، ئىغىر كېسەل، ئوقۇشسىز ئۆسمۈرلەرگە ماددى جەھەتتىن ئىللىقلىق يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە رەھمىتىگە نائىل بولدى. بولۇپمۇ باش ئەتىرەت مەسئۇلى مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ يىقىندىن كۈچ چىقىرىشى، قوشنا ۋىلايەت ۋە ناھىيە تارماق ئەتىرەتلىرىنىڭ مالىيە جەھەتتىن قوللىشى، قاغىلىق تارماق ئەتىرتى ئەزالىرىنىڭ تىرىششى، ناھىيە، يېزا ۋە كەنىتنىڭ سىياسەت، ئادەم كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللىشى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان قاغىلىق ناھىيە كۆكيار يېزا زۇڭبۇلا كەنتىدىكى ئۇزۇنلۇقى 86 مىتىر، كەڭلىكى ئىككى مىتىر بولغان 120 مىڭ يۈەن مەبلەغ سىلىنغان ئەل ئابىدە بەخىت كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى پۈتۈن ناھىيدىلا ئەمەس ھەتتا ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدىمۇ كۈچلۈك ماختاشقا مۇيەسسەر بولدى.
ئەل ئابىدە خەيىر-ساخاۋەت ئەتىرىتى قاغىلىق تارماق ئەتىرتى بۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملىق تۈردە باش ئەتىرەتنىڭ يىقىندىن يىتەكلىشى، تارماق ئەتىرەت مەسئۇللىرىنىڭ تىرىشىپ كۈچ چىقىرىشى، ئەتىرەت ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن جەمىئەتتە تىخىمۇ كۆپ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ، تىخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىق بار قىېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئۇلارغا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ مېھرى مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇرغۇسى.
يىغىننىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەر:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pixwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-18 12:34 AM
|
|
|
|
|
|