ھەمكارلىق «مۆتىۋەر»گە كۈچ قوشتى
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى ئاينۇرمۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ: تېخى بۇ يىل سېنتەبىردە ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ «ئۆركەش» يۇڭ-تىۋىت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە توقۇمىچىلىق فابرىكىسى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي كارخانىچىلارغا ئۈلگە بولغان شىنجاڭ «مۆتىۋەر» خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 14-نويابىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «پارلاق» مېھمانسارىيىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ فابرىكىنىڭ ئىشقا كىرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى ھەمدە «ئېھسان» كىيىملىرى بازارغا سېلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
پائالىيەتتە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى «ئېھسان» كىيىملىرىنىڭ ۋاكالەتچىلىرى ئارىسىدىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان قەشقەر شەھىرىدىكى «ئېھسان» كىيىملىرىنىڭ ۋاكالەتچىسى غېنىجان قاتارلىق ئالتەيلەننى ئۈچ دەرىجە بويىچە كاتتا مۇكاپاتلىدى. بۇ قېتىم 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن غېنىجان 50 مىڭ يۈەن بىلەن، ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن ئىككى ۋاكالەتچى ئايرىم-ئايرىم 20 مىڭ يۈەن بىلەن، ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن ئۈچ ۋاكالەتچى بىردىن ئېسىل يانفون بىلەن مۇكاپاتلاندى.
ئىگىلنشىچە، شىنجاڭ «مۆتىۋەر» شىركىتى قۇرۇلغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، «مۆتىۋەر»، «ئېھسان»، «ئەلزوق» ماركىلىرىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ، مىللىي كىيىم كېچەك مەدەنىيىتىمىزگە ھەسسە قوشقان، شۇنداقلا كۆپ قېتىم ۋاكالەتچىلىرىنى مۇشۇنداق كاتتا مۇكاپاتلاپ، ئۇلارغا ئىلھام بەرگەن. بۇ شىركەت يەنە بىر نەچچە يىلدىن بۇيان «مۆتىۋەر» پەن-مەدەنىيەت مۇكاپاتى، «مۆتىۋەر» مەدەنىيەت سەپىرى مۇكاپاتى قاتارلىق مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا زور تەسىر قوزغىغان. يەنە بۇ شىركەت تەشكىللىگەن «مۆتىۋەر» پۇتبول كوماندىسى بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 3-لىككە ئېرىشكەن.
شىنجاڭ «ئۆركەش» شىركىتىنىڭ خۇجايىنى تاھىر ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، بۇ فابرىكىغا ناھايىتى ئىلغار ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن بولۇپ، ئۈسكىنىلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقىلا 14 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان. بۇ فابرىكىدا مەخسۇس تۆگە تىۋىتىدىن توقۇلغان ئىشتان، پايپاق، پىتەك، بەللىك، يوتقان-كۆرپە قاتارلىقلار ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن."مۆتىۋەر"نىڭ بۇ شىركەت بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىشى ئۇنىڭ ئىشلەپچقىرىش دائىرسىنى تېخمۇكېڭەيتىپلا قالماي، يەنە رايونىمىزنىڭ ئەۋزەل خام ئەشىيا مەنبەلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى ۋە ئۆزىگە يېڭىدىن كۈچ قوشقانلىقنى بىلدۇرىدۇ.
.
پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم رەسىملەر
مۆتىۋەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
شىركەت باش لېدىرى : تاشمۇھەممەد
ئۇلۇغچات ئۆركەش يۇڭ-تىۋىت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
شىركەت باش دېرىكتورى: تاھىر ئەپەندى
داڭلىق ئادۋوكات ئىقتساد تەتقىقاتچىسى پىشقان
كارخانىچى مىجىت لېتىپ ئەپەندى
مۆتىۋەر دىنني ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا
ئېھسان كىيىملىرى ئوبراز ۋەكىلى ئاتاقلىق كومپوزوتور ئابلەت ئابلىكىم
داڭلىق يازغۇچى شائىر ھاجى مۇختەر بۇغرا
داڭلىق رەسسام جەمئىيەت ئەربابى تەۋەرۈك ئۇستاز
غازى ئەھمەد ئەپەندى
ئېھسان كىيىملىرىنىڭ ۋاكالەتچىسى
ئابلىمىت زەبىبۇللاھ ئەپەندى
مەدەنىيەت ۋە تارىخ تەتقىقاتچىسى يۈسۈپجان ياسىن ئەپەندى