|
|
|
|
شىنجاڭ «شانئال» ئىگىلىك تىكلەش كەسپى تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئايتۇرسۇن خانىمنىڭ زور تېرىشچانلىقى بىلەن بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە مۇنبىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى .. بىز مىسرانىم تور بېكىتىگە ۋاكالىتەن ئايتۇرسۇن خانىمنىڭ تېرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىمىز.
تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تېمىسىدىكى مۇھاكىمە مۇنبىرى باشلاندى.
ئىسمائىل ئەھمەد تەبرىك سۆزى قىلدى
ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مۇلازىمەت مەركىزى، شىنجاڭ «شانئال» ئىگىلىك تىكلەش كەسپى تەربىيەلەش مەكتىپى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تېمىسىدىكى مۇھاكىمە مۇنبىرى 15-نوبابىر شىنجاڭ «كوئېنلۇن» مېھمانسارىيىدا باشلاندى.
يىغىنغا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 800 دىن ئارتۇق كارخانىنىڭ لىدىرى، باش دىرېكتورى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى قاتناشتى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەد مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى.
ئۇقۇشىمىزچە، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ مۇنبەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقسىنى كۈچەيتىشنى، ئىقتىسادنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى كارخانىلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تونۇشتۇرۇش ۋە يۈزلەندۈرۈشنى، شىنجاڭنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» دىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغانىكەن.
ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، دۇنياغا داڭلىق ئىقتىسادشۇناسلار قامۇسىدىن ئورۇن ئالغان مەشھۇر ئىقتىسادشۇناس، شياڭگاڭ-جۇڭگو مەدەنىيىتى ئۇنىۋېرىستىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ باش مەسلىھەتچىسى لاڭ شيەنپىڭ ئەپەندى «ھازىرقى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۆنىلىشى» دېگەن تېمىدا، داڭلىق ئىقتىسادشۇناس، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىپىرلىق ئىقتىساد ۋە تېخنىكا ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى جيەنگو «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ سودا ئەندىزىسى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
مۇنبەردە يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېتىبار سىياسەتلىرى، ئوتتۇرا،كىچىك كارخانىلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كارخانىچىلار ۋە ئىقتىسادشۇناسلار سۆھبەت يىغىنى، ئۇچۇر ئېلان قىلىش يىغىنى، ئىختىساس ئىگىلىرى بىلەن كارخانىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچرىشىشى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مۇشۇ قېتىملىق مۇھاكىمە مۇنبىرى توغرىسىدىكى فىلىم، ۋە تەپسىلىي خەۋەرلەر داۋاملىق مىسرانىم مۇنبىرىدە بېرىلىدۇ..
بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر
مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تور بېكىتى
2014- يىلى 11- ئاينىڭ 17 - كۈنى
|
|
|
|
|
|