مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1190|ئىنكاس: 16

يېڭى بىر دۇنيا (11) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 09:56:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر خەلقى بولغان بىز ، ھەقىقەتەنمۇ مېھماندوست ،ھەقىقەتەنمۇ ئاقكۆڭۈل . شۇ سەۋەب ھەرخىل يات مىللەت خەلقىگە دائىما ئوخشاش بولمىغان تەسىرلەرنى بېرىمىز.

شۇ ھەركىمگە بەرگەن ئوخشىمىغان تەسىرىمىز ۋە ئوخشىمىغان تەسىرىمىز تۈپەيلى مۇنداق بىر سوئالنى دائىم قايتا - قايتىلاپ ئويلاپ قالىمەن  : بىز زادى قانداق خەق ؟

بۇ سوئالنى ئۆزۈمدىن قايتا - قايتا سوراۋاتقىلى مانا نەق تۆت يىل ئالتە ئاي يىگىرمە سەككىز كۈن بوپتۇ.لېكىن شۇنچە ئىزدىنىپ يۈرۈپ ، تا ھازىرغىچە بۇ سوئالىمغا ئۆلچەملىك جاۋاب تاپالمىدىم.لېكىن بۇ سوئالدىن ئاتلاپ ئۆتۈپمۇ كېتەلمىدىم . نېمىشقىكىن ،ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ،ھەر دائىم ماقالە - ئوبزورلارنى يازغىنىمدا ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا مۇشۇ سوئالنى رىتورىك خىتاب قىلىپ يېزىشقا چۈشۈپلا كېتىمەن :

« ئۆزىمىز قىلمايمىز ،خەق قىلسا ياراتمايمىز. ئاشۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ھالىمىز چوڭ ،سۆزىمىز توڭ ; قولىمىزدىن كېلىدىغىنى تايىنلىق ،ھازىرغىچە بىرەر ئىشنى بېلىنى چىڭ باغلاپ بىر باشقا ئەپ چىقالىغانلارمۇ ئوخشاشلا تايىنلىق ، شۇنداق تۇرۇپ ئاقكۆڭۈل ،مېھماندوستلىقىمىز تۈپەيلى شۇنداق بىر ئىشقا بەل باغلاپ ،قىزغىن ئىشتىياق بىلەن شۇ ئشنى قىلىۋاتقانلارنى <قوللاپ > قىلمىغانلىرىمىز قالمايدۇ ; ئىشى پۈتمەي قالسا تىلىمىز تەييار ، پۈتۈپ قالسا جېنىمىز.
ئاغزىمىزدىن گۇناھ چۈشمەيدۇ. ئىمان چۈشمەيدۇ . شۇنداق تۇرۇقلۇق ھەممە گۇناھنىڭ گۇناھلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا قىلىۋېرىمىز. <خەق كۆرمىگەندىكىن > دېگەن ئۇلۇغ شوئارنى ئۆزىمىزنىڭ كۈندىلىك ئەھدىنامىسى قىپ قويۇپ ، قىلىمىز ،ئېتىمىز. خەق قىلغىنىنى بىلىپلا قالساق خەلقى - ئالەمگە شەرمىزار قىلىشتىن يانمايمىزيۇ ، ئۆزىمىزنىڭ سورىقىغا كەلگەندە تۈگىمەس باھانە - سەۋەبلىرىمىز بىلەن گۇناھ دۆڭگەيدىغان يەر ئىزلەيمىز...

ئېيتقىنا ،قېنى سەندىكى مھماندوستلۇق ؟ قېنى سەندىكى ئاقكۆڭۈللۈك ؟»

كۆڭلۈمگە ئايان ،شۇتاپتا بۇلارنى كۆرۈۋېتىپ كۈلۈپلا ئۆتۈپ كەتكەنلەر نۇرغۇن. «مەن شۇنداق قىلىمەنمۇ ؟»دەپ ۋىجدانىدىن دەڭسەپ باقىدىغانلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك.

چۈنكى ھازىر ، بىزدىكى ئاتالمىش ۋىجدان دەيدىغان شۇ نەرسە كوچا - كوچىلاردا كىلولاپ ساتىدىغان شىمشىكىنىڭ نەرقىدە.

شۇنداققۇ ؟

توغرا دېدىڭىز. سىزنىڭ شۇتاپ ماڭا بېرىۋاتقان تەنبىھلىرىڭىز شۇنچىلىك ئورۇنلۇق . بايىقى گەپلىرىمنى ،يەكۈنلىرىمنى بىردەمدىلا ئىنكار قىلىۋېتەلەيسىز.

ئۇنداقتا ياخشى ، ئەمدى سۆزۈمنىڭ داۋامىنى ئاڭلاڭ ،  سىز خەقنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى ئۇقا - ئۇقمايلا تەنبىھ بەرسىڭىز بولىدىكەنۇ ، ئەشۇ خەق سىزنىڭ بەرگەن تەنبىھىڭىزگە ئۆز كۆز - قارىشىنى رەددىيە سۈپىتىدە قايتۇرسا گۇناھ ھېسابلىنامدىكەن ؟

بولدى باشقىسىنى قويۇپ قوياي ، ماڭا پەقەت «گۇناھ »نىڭ نېمىلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز ؟

ئەمدى ماڭا ئۆزىڭىزنىڭ نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭىزنى دەپ بېرەلەمسىز ؟

چۈشىنىمەن ،شۇتاپتا « ما بالىنىڭ كاللىسىدىن چاتاق چىقتىمۇ قانداق ؟ » دەپ ئويلاۋاتىسىز.لېكىن مەنچە ئۇنداق ئەمەس. مېنىڭ باياتىن بېرى چالۋاقىپ كېتىشلىرىم ھەرگىزمۇ كەيپىياتىمنىڭ ناچارلىقىدىن ئەمەس. بەلكى بۈگۈن كەچ ياتاقتا بولۇنغان ئىشلار ۋە مۇندىن بۇرۇن ئۆزۈم شاھىت بولغان ئىشلار سەۋەبلك.

قانداق ئىش ؟ كاۋاپخانىدا ئىش چىقتىما ؟

ياق ياق. دەل ئەكسىچە...

ئەمىسە نېمە ئىش دەۋاتامسىز ؟

ھەي... ئەمىسە ئىدىيەرىڭىزدە ياخشى تەييارلىق قىپ قويۇپ نۆۋەتتىكى ھېكايەمنىڭ داۋامىنى ئوقۇڭ...


مانا ،كاۋاپچىلار ھەمدە «ھەمراھىم »بىلەن كۈلكە - چاقچاق قىلىشىپ ،بىر ئوبدان پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ،كاۋاپنىمۇ شۇنداق مەززە قىلىپ يېيىشىپ قورساق توقلىدۇق.

كاۋاپچىلار ئۇنى ھېچنەرسە قىلمىدى.ئۇمۇ ئۇلاردىن باشتا قورقۇپ ،ئەيمىنىپ تۇرغان بىلەن ،ئۇلارنىڭ ئىككى ئېغىز چاقچىقى ،قىزغىن مۇئامىلىسى ئۇنى بىردىندىلا ئېچىلدۇرۇپ ،ئەيمىنىشنى نەلەرگىدۇر چۆرۈپلاۋەتتى.

ئىشقىلىپ ،مۇشۇ يوسۇندا  قورساقنى ئەستەلىگەندىن كېيىن ،ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ مەكتەپكە ،تېخىمۇ توغرا قىلىپ ئېيتسام ياتاق بىنارىمىزغا قاراپ قايتىش يولىمىزغا چۈشتۇق.

يول بويى بولۇنغان پاراڭلار شۇنچىلىك كۆپ ، شۇنچىلىك قىززىقارلىق. لېكىن ،ئۇ بولۇنغان گەپ - سۆزلەرنى  بىر - بىرلەپ يېزىپ چىقىشنى توغرا تاپمىدىم.چۈنكى بۇ قىسىمدا يازماقچى بولغان ئاساسلىق مەزمۇن «ھەمراھىم »بىلەن بولۇنغان گەپ - سۆزلەر ئەمەس ،بەلكى شىنجاڭلىق «قېرىندىشىم »بىلەن بولۇنغان گەپلەر.

سىرتتىن.شۇنچىلىك خوشال كەيپىياتىم بىلەن ياتاققا قايتقانىدىم. ئەمما ياتاققا كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي بىردەمدىلا ئوغام قاينىدى.
نېمە بولدى دېمەمسىلەر ، ما ياتاقدىشىم بولغان يولداشلار تۇرۇپلا مەندىن خۇددى بۆرىدىن ئۈركىگەن قويدەك قېچىشىپ يۈرمەمدۇ..

- ھەي، نېمە بولدى ساڭا ؟
-ھى...ھى...ھېچنىمە
-مايەرگە بىر كەلگىنە.
-مەن...
-ۋاي نېمە بولدى ساڭا ؟ سېنى يەيدىغاندەكلا نېمە قېچىپ يۈرۈيسەن ؟
-مەن شۇ..مەن...
- ۋاي زادى نېمە بولدى ؟!
-ئىم...نەبىجان...سېنىڭ....سېنىڭ ھېلىقى كارتاڭ ھازىرمۇ بارمۇ ؟
- كارتا ؟ نېمە كارتا ؟
- ھېلىقى...سىلەر شىنجاڭلىقلارنىڭ...ھېلىقى ئادەم ئۆلتۈرۈشكە بولىدىغان كارتاڭلا...


توۋا قىلدىم خۇدايىم ، ماۋۇ نېمە دەپ جۆيلۈپ يۈرۈيدۇ ئەمدى ؟

- نېمە دەۋاتىسەن ؟ نەدە ئۇنداق بىرنەرسە باركەن ؟
-شۇ...سىلەردە...شىنجاڭلىقلاردا...
- بولدى بولدى بولدى ،ئۇقتۇم .ساڭا بۇ گەپنى @@ دېگەن ئوخشىمامدۇ ؟
-ھەئە.
-ماڭا قارا. ئۇنداق نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. @@سېنى ئالداپ قويۇپتۇ.
-ئۇ...
- ما گۇي نېمانداق قىلىدىغاندۇ ئەمدى... ماڭە ، ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئەپۇ سورىغۇزاي.

- ياق ياق ياق ، ئىشەندىم ،ئىشەندىم...

ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن ئىشەنمىگەنلىكى «مانا مەن »دەپلا چىقىپ تۇرسىمۇ ، ئۇنىڭ بۇ قورقۇنچىدىن ھەقىچان @@نىڭ گېپى تەسىرىدە «مېنى ئەپ چىقىپ ھېلىقى كارتىسىدا ئېتىۋېتىدۇ »دەپ ئويلاۋاتقىنىنى قىياس قىپ چىقتىم.

- بوپتۇ. ئۇنىڭ قىشىغا ئۆزۈم چىقاي.
- ھەي بولدى...
- نېمە بولدى ؟ يوقنى بار دەپ ،يالغان سۆزلەپ ،بىزنىڭ يۈزىمىزنى ،نومۇسىمىزنى كەلتۈرۈپ يۈرسە ساڭا بولغان بىلەن مېنىڭ ۋىجدانىمغا بولمايدۇ !
-ياق..ئۇ...مەن...
- نېمە ؟
-بۇ گەپنى بايا ئۇنىڭ ياتىقىدىكىلەر دېگەنىدى...

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ،باياتىنقى خۇشلۇقۇمدىن ئەسەر قالمىدى. ئەكىسچە ئىچىمدىن بىرخىل ئوت يالقۇنجىشقا چۈشتى.

نېمىشقىكىن ، مۇنۇ قورقۇپ بىرنېمە بوپ كەتكەن  ياتاقداشلىرىمنىڭ توسۇشىغا قارىماي ،ياتاقتىن زەردە بىلەن چىقىپ ،ئاستىنقى قەۋەتتىكى @@ نىڭ ياتىقىغا چۈشتۈم.

-@@ !  

ئىشىكتىن كىرە - كىرمەي دېگەن تۇنجى گېپىم مۇشۇ بولدى.لېكىن جاۋابسىز قالدىم.
چۈنكى ياتاقتا ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم كۆرۈنمەيتتى. ئۇ بولسا ئاغزىدا تاماكىسىنى مايماق چىشلىگىنىچە پۇرقىرىتىپ ئىس تارتقاچ ،قۇلىقغا تىڭشىغۇچىنى تاقاپ ،كومپىوتېر ئالدىدا قاتتىق ئويۇن ئوينىماقتا ئىدى.

-@@ !

ئۇنىڭ ئىسمىنى قايتىدىن چاقىرىپ ،ئۇنى سىلكىشلىدىم.

- ھېي نى ما.... ۋاي ئاداش سەنمىتتىڭ ؟  ۋاي ۋاي ۋاي ،ما گۇينى بىر ياسىمىسام...ئاداش بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرە ھە ،مالانى بىر  ياسىۋېتەي.

گەرچە شۇتاپ ئىچ - ئىچىمدىن  ئاچچىق قايناۋاتقان بولسىمۇ ،يەنىلا ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ ،بالىكونغا چىقىپ چوڭقۇر چوڭقۇر تىنىپ ئىچىمنى بىرئاز بوشاتتىم.

ئالاھەزەل ئون بەش مىنۇتچە ئۆتكەندىن  ، ئۇنىڭ ئاۋازى قايتىدىن قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىدى :

- ئوخخو ئاداش ،ياڭزاڭ با جۇما ...
-...
-ئەمما لېكىنزە بايا ئالانى سەت ياسىۋەتتىمغۇ.
- ياتاقتىكى باشقىلا قېنى ؟

- ھە ؟ ما بىر نېمىلەما ؟ دېسەم كۈلۈپ تېلىقىپ قالمىسام مانا مەن قارا ... ھاھاھا...
ئۇنىڭغا قاپىقىمنى تۈرۈپ تۇرۇپ قايتىدىن سورىدىم .
-قېنى ماۋۇلار ؟
- قانداق بولدى دەيسە بايام قارا ،  ما ساراڭ بىرنىمىدىن بىرسى مەندىن «شىنجاڭدا قانداق پەيزى نەرسىلەر بار »دەپ سورىغانتى دېگىنە ،  شۇنىڭ بىلەن بىر ياساپ قوياي مالانى دەپ « شىنجاڭدا ئۇندا ياخشى نەرسە يوق . شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرى قۇملۇق ،بىز پەقەت كىچىككىنە سايدا تۇرىمىز ، يول - يوللادا تۆگە ،ئات - ئېشەك مىنىپ يۈرۈشىمىز »دېسەم ئىشىەندى قارا ...ۋەت...
-يەنىچۇ ؟
- يەنە قانداق بولدى دەيسە ،بايىقى ئا گەپكە ئىشەنگەندىكىن ، مانا ئەمىسە دەپ راسا قوقاتتىم .
- قانداق قورقاتتىڭ ؟
-مۇندا دېدىم قارا ، بىزنىڭ ئا يەردىكى مەكتەپلەدە بىزگە باشلانغۇچتا ئوقيا ،پىچاق ئىشلىتىشنى ،كېيىن قورال - ياراق ئىشلىتىشنى ئۆتىدۇ ، شۇڭا ئادەتتە سىنىپتا ھەممىمىز يېنىمىزدا تاپانچا ئېسىپ يۈرىمىز ; ھېلىقىدەك چاغىنىڭلار كەلگەن چاغدا مايەدىكىدەك پوجاڭزا ئېتىپ يۈرمەي گىرانات ،بومبا تاشلاپ يۈرۈيمىز ، دېسەم  ، تىترشىپ ئولتادى دېگىنەشۇنىڭ بىلەن  يەنە دېدىمچۇ ، بىزنىڭ تېخى ئۆي - ئۆيلەردە تاپانچا ،بومبا دەيدىغان نەرسىلەر بار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ھەممىمىزدە بىردىن بىرخىل ئالاھىدە كارتا بار. بىر كارتىدا ئۈچ قېتىمدىن ئادەم ئۆلتۈرۈش پۇرسىتىمىز بار . شۇڭا بىرەرسى بىلەن ئۆچەكىشىپ قالساق بېرىپ ئۇنداق گەپ قىلىپ تالىشىپ ئولتاماي ،ئۇدۇللا ئېتىۋېتىمىز ، دېسەم ساپلام تىتىرىشىپ كەتتى قالا ،شۇنىڭ بىلەن ، مەن ئىككى ئادەم ئۆلتۈرۈپ بولدۇم ،يەنە بىر قېتىملىق ئادەم ئۆلتۈرۈش پۇرسىتىم با. شۇڭا بىرەسىڭلانىڭ بىرەسىدە ئۆچۈڭلار بولسا ،ماڭا ئونمىڭ كوي بەرسەڭلار ئۆزۈم بىر قوللۇق ياساپ قويىمەن ، دېدىم دېگىنە
بىر ئېغىز غىڭ قىلىشاممىدى شۇندىن كېيىن...ھا ھا ھا...قىززىق بوپتۇما.
- ھەئە ! بەك قىززىق بوپتۇ ! - دېدىم مەن بۇ چاغدا ۋارقىراپ.

- ھېي نىم بولدۇڭ سەن ؟
- نېمە بولاتتىم ؟ ئويلاپ باقە ھەي ، خەق شۇنچىلىك قىزىقىپ ،قىززىقاقلىقى بىلەن سورىسا ، سەن مۇنداق جاۋاب بەرسەڭ قانداق بولىدۇ ؟
- ھې قىززىقمۇ ماۋۇ ،نېمە كارىم ئۇ بىرنىمىلە بىلەن ؟ ئىشىنى قىسسۇنە.
- ناۋادا شۇلانىڭ ئورنىدا سەن بولساڭ قانداق قىلاتتىڭ ؟
- نېمە قانداق قىلىتتىم ؟ نېمە كارىم دېدىمغۇ ؟
- ئۆزۈڭنىڭ يۇرتىنى خەققە شۇنداق چۈشەندۈرەمسە ؟
- ساراڭمۇ ماۋۇ ؟ قانداق چۈشەنسەم ئۆزەمنىڭ ئىشى

-ھەي ئا.....

مۇشۇنداق قىلىپ بىر ھازاغىچە ئۇرۇشۇشقا چۈشۈپ كەتتۇق.

ئىشقىلىپ قانداقلا بولمىسۇن ،ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە مېنىڭ ساراڭلىققا چىققىنىم بولدى.

شۈكرى... بەلكىم ئۇنىڭ دېگەنلىرى توغرىدۇ...بەلكىم راست ساراڭ بولغان چېغىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 12:34:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي شىنجاڭ

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 12:40:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇلارنى قورقاتقان بالىنى ئەيىپلەيمۇ ياكى ماۋۇلارنىڭ دۆتلىكىنىمۇ؟
بەك ياخشى يېزىۋاتىسىز،كۆپ جاپا چەكتىڭىز...

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 12:55:38 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mastana888 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 12:34 AM
ھەي شىنجاڭ

ھەي قېرىندىشىم

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 12:56:39 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ayguzal1 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 12:40 AM
ماۋۇلارنى قورقاتقان بالىنى ئەيىپلەيمۇ ياكى ماۋۇلارنى ...

مەسىلىنىڭ كىمدىلىكى دەل مېنىڭ ساراڭ ئاتىلىش سەۋەبىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xamal1124 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 12:57 AM  


تۇغۇلۇش،ئۆلۇمگە قويۇلغان تۇنجى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1171
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42842
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 03:06:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىدە قانۇن يوقتەكلا گەپ قىپتىغۇ. تاراتقۇلاردا تەكىتلىنىۋاتقان ‹ پىتنە ئىغىۋا تارقاتماسلىق، پىتنە ئىغىۋاغا ئىشەنمەسلىك › دىگەن گەپلەر نەلەردە قالدى؟

كىمنىڭ ھاياتىدا ئۇگۇت بەرگۇچى ئۇستازى بولمىسا ــــ دىمەك،ئۇنىڭ ئۇستازى شەيتاندۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 10:08:47 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
UMEDVAR يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 03:06 AM
جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىدە قانۇن يوقتەكلا گەپ قىپتىغۇ.  ...

نېمە دېگۈلۈك...

ئۆزىمىزنىڭ ئىززىتىنى ئۆزىمىز قىلمىغاندىكىن ،خەق ئانداق مانداق دېسە جېنىمىزنى تىكىشنىلا بىلىمىز شۇ

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1243 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 11:50:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلىرىغا ئوخشىمايدىكەن ما تېما......ئىشقىلىپ بىرخىللا.......ئويلىنىشقا تېگىشىلىك....قېنى ئىنىم...سوئاللىرىڭىز بولسا تاشلاۋېرىڭ....يۈرەككە بېرىپ تېگىۋاتىدۇ......

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1833 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 12:15:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئاللا  ما  بالا   ئادەمنىڭ  يۈزىنى تۆكۈپلا بوپتىغۇ .. ئاشۇنداق دەۋەرسە     كىم ياتاق بىرىدۇ .. كىم ماشىنىسغا  چىقىرىدۇ سىرىتقا چىقسا  بۇ  بالىنى ..... ئەستا.........

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 01:32:36 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 11:50 AM
باشقىلىرىغا ئوخشىمايدىكەن ما تېما......ئىشقىلىپ بىرخىلل ...

بىر بابقا بىردىن مۇشۇنداق تۈگۈن قىستۇرۇپ قويدۇم مۇشۇنداق

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش