يىقىلساڭ تۇرمىقىڭ يوقمۇ
مەلىكە مۇھەممەت ھىلال
يىگىت دەيسەن نە ھالىڭغا يىگىتتەك بولمىقىڭ يوقمۇ،
ھاياتىڭنى قىلىپ پايخان يىقىلساڭ تۇرمىقىڭ يوقمۇ.
نى كۈنلەر كەلمىگەي باشقا ئامانەت قايتمىغان جانغا،
ئەجىر-مېھنەتلىرىڭدىن گۈل ئېلىڭگە سۇنمىقىڭ يوقمۇ.
نېچۈن ئەسلىڭنى ئۇنتۇيسەن،ئاداققى كۈز كەبى مۇزسەن،
ھارارەت تەپتىدىن قايتا يېنىشلاپ كۆيمىكىڭ يوقمۇ.
قۇياش،يۇلتۇز قاراڭغۇڭنى يورۇتماققا قەرزدارمۇ،
ئىرادەڭنى قىلىپ تۇلپار،جاپاغا كۆنمىكىڭ يوقمۇ.
بىراۋلاركەزسە ئالەمنى چۈشۈمنى بۇزمىسۇن دەمسەن،
قىلىپ بوستان باھارىڭنى ئۆزۈڭنى سۆيمىكىڭ يوقمۇ.
يىقىلساڭ تۇرمىقىڭ يوقمۇ،بېلىڭدا بەلۋىغىڭ يوقمۇ،
تىرىكتاپ بولمىغىن ھەيھات نومۇستىن ئۆلمىكىڭ يوقمۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا malika706 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-17 01:05 PM