مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2653|ئىنكاس: 14

قەيسەر مىجىت : ئۈندىدار خاتىرىلىرىمدىن ئۈزۈندىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93072
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1743
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 10:41:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


(1)


‏ھەقىقى پۈتۈنلۈك....


‏(فوتوگراپ ئىنىمىز جۇماخۇنغا بىغىشلايمەن)


‏********************


‏شۇنداق ئادەملەر بار،

‏ئاغزى سۆزلەيدۇ،

‏قەلبىدە سۆزلىيەلمەيدۇ.

‏ئىككى قۇلىغى ساق،

‏ھاياتنىڭ گۈدۈكىنى ئاڭلىيالمايدۇ.

‏جۇماخۇن،

‏‏قەدىمى يۇرت -بارچۇقتا تۇغۇلغان ئىنىم،

‏سۆز قىلالمىغاندەك تۇرغىنىڭ بىلەن،

‏ئىگىلمەس روھىڭدا سۆز قىلىپ كەلدىڭ.

‏ئاڭلىيالمىغىنىڭ بىلەن،

‏يۈرەك تىۋىشلىرىڭنى ئاڭلىتىپ كەلدىڭ.

‏چۈنكى سەن ھاياتنىڭ پىچىرلىشىنى،

‏سەزگۈر قەلبىڭدە ئىنىق ئاڭلىدىڭ.

‏قارامتۇل توق يىشىل جىلىتكە كىيىپ،

‏بوينىڭغا ئاپارات بار سومكىنى ئىسىپ،

ۋايىغا يەتكۈزۈپ سۆيگەن كەسپىڭنى،

‏يىقىملىق كۈلكەڭدە تارتىپ دوستلارنى،

‏«ۋاي بىزنىڭ جۇماخۇن» بولۇپ ئاتالدىڭ.‏

‏سۆيۈملۈك خانىمىڭ مىھرىگۈل بىلەن،

‏ياشلىق ھاياتىڭغا يىڭى تۈس بەردىڭ.

‏كىسەللىك مۈشكۈلات تۇغقان بولسىمۇ،

‏ئۈمىتۋار روھ بىلەن ئۇلارنى يەڭدىڭ.

‏جۇماخۇن،

‏سەن ئۈلگە ساق تۇرۇپ كەمتۈك بولغانغا،

‏ھاياتتىن بىزار بوپ ۋايسايدىغانغا،

‏ۋە ياكى ھەممىنى تەقدىردىن كۆرۈپ،

‏باشقىنى ئۆچ كۆرۈپ قاۋايدىغانغا.

‏نەشىنى ئۆلگۈدەك تارتىپ مەس بولۇپ،

‏ئۆزىنى ساق -باتۇر سانايدىغانغا.

‏جۇماخۇن،

‏ھەقىقى ئىنسانلىق سىنىڭدە پەۋەس،

‏قولۇڭدا ئاپارات، يۈزۈڭدە كۈلكە،

‏قەلبىڭدە مۇھەببەت، دوستلارغا چىنلىق،

‏‏تۇرمۇشنى، ھاياتنى سۆيۈپ ياشايسەن.

‏ھەقىقى پۈتۈنلۈك بار سەندە شۇنداق،

‏ئەل دۇئا ئوقۇيدۇ:«روناق تاپقايسەن!»


(2)


ياشلىقتىكى روھى غالبىيەتچىلىك...


‏************

‏چۈشلىرىڭدە، خىياللىرىڭدا،

‏ئۇچۇپ يۈرسەم گويا شۇڭقار بوپ.

‏ئىيتقىنا چىدايسەن قانداق؟،

‏ئاسمىنىڭدىن مۆلدۈر ياغدۇرۇپ!


(3)


‏‏‏خانتېرەك


‏********

‏پامىر تاغلىرىنىڭ ئىتىگىدە،

‏ئاسمانغا ئەڭ يىقىن يەردە.

‏خانتېرەك دەپ بىر يۇرت بار،

‏كىندىك قىنىم تۆكۈلگەن شۇ يەرگە.

‏تاغلىرى ھەيۋەتلىك، ئاسمىنى كەڭ،

‏ئىقىپ كىلىدۇ چوققىدىن سۇلار.

‏دۇنيانىڭ پاكلىغى ئۇ يەردە،

‏پەرۋاز ئەيلەيدۇ شۇڭقارلار.

‏ياپچانغا تۇتاشقان يوللىرى بار،

‏ئاقتۇغا يول ئالاتتى پىيادە،

‏ئىگىز بويلۇق غوجا مامۇتكام.

‏غەيرەت دىگەن بالىنىڭ دادىسى،

‏توم قاشلىق ئاۋۇت داۋۇتكام.

‏ئىشان دەپ ماگىزىنچى بار ئىدى،

‏دۇكىنىغا يوغۇن تۆمۈر قۇلۇپ سالاتتى.

‏ئىسىمدە بىر ئىغىز ئۆيىمىزدە،

‏قۇيماق قۇيماقچى بولغىنى ئانامنىڭ.

‏ياغنىڭ بۇسىدا باش قىيىپ،

‏بوسۇغۇدا بىر مەھەل ئولتۇرغىنىم

‏كۆك خالات بار ئىدى ئۇچامدا،

‏ئىسىمدە يەنە ئۇنىڭغا قۇسقۇنۇم.

‏شۇ چاغدا كۆزۈمگە چۈشكىنى،

سازايى قىلىنىپ ماڭغانلار.

بىشىدا بەك ئۇزۇن قالپاق بار،

‏ۋە يەنە پۈكۈلگەن قامەتلەر.

‏كەينىدە توۋلايدۇ ۋاقىراپ،

‏ئادىمى سۈرئەتلىك ھايۋانلار.

مەن بەلكىم بۇلاردىن يىرگەندىم،

‏بولمىسا خالاتقا قۇسامدىم؟

‏بەختىمنى ئىزدىگەن ياش دادام،

‏مۇشۇنداق بىر تىلەك قىپتىكەن:

‏«بۇ بالام، چوڭ بالام بىر كۈنى،

‏شۇڭقار بوپ يىراققا ئۇچسىكەن»

‏خانتېرەك،

‏مەن سەندە «ئىڭڭەلەپ» كۆز ئاچتىم.

‏مىھرىم بار قوينۇڭغا ئاتقۇم بار،

‏قىپ قالغان بوۋاقلىق ھىدىمنى،

‏پۇراشچۈن توپاڭدا ياتقۇم بار.

‏سۆيۈملۈك يۇرتلارنىڭ ئىچىدە،

‏باش قىلىپ ئالدىغا قاتقۇم بار  ...

(4)

‏دانىيال ئاكا...

‏***********

‏‏      ئۇيغۇرلاردا كىچىكلەر ئۆزىدىن چوڭ ئەرلەرنى ئاكا دەپ چاقىرىشىدۇ.
‏   ئاتۇشنىڭ لەڭگەردە چوڭ بولغان زەينۇللا ئۈرۈمچىدە ئېنگلىزچە ئۈگۈنۈپ يۈرگەن دەسلەپكى كۈنلەردە بىر ياشقا چوڭ ئامىرىكىلىققا ئۇچراپ قاپتۇغۇ.
‏  بۇ ئامىرىكىلىق ئېنگلىز تىلىدا ئەمدىلاتىن تىلى چىقىشقا باشلىغان زەينۇللاغا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپتۇ.
‏-I am Daniel (مەن دانىيال بولىمەن)
‏-ماي نەيىم ئىز زەينۇللا دەپتۇ ئۇ، ۋە بۇ ئامىرىكىلىقنى قانداق ئاتاشنى بىلەلمەي تىڭىرقاپتۇ، چۈنكى بۇ ئامىرىكىلىق ئۇنىڭ  ئاكىسىدىنمۇ ياشقا چوڭكەندە.
‏-بۇنداق ئادەملەرنى قانداق ئاتايدىغان بولغىيتى؟ ئىسمى دانىيال ئىكەن، بىر تەرىپى ئۇيغۇر بولىشى مۈمكىن، قوشنىمىزنىڭ دانىيار دەپ بالىسى بارغۇ.  ئۇدۇللا ئىسمىنى ئاتىسام، ئۇيغۇرچە بىلىپ قالسا ھۆرمەتسىزلىك بولمىسۇن، ئەڭ ياخشىسى ئۇيغۇرچە ھۆرمەت قىلىپ ئاتاۋىرەي، دەپ ئويلاپتۇ ئۇ ۋە سۆز باشلاپتۇ.
‏-خەلو دانىيال ئاكا....


‏.(5)


‏‏ئا.جالالىدىننىڭ "ئاق چېچىم" ناملىق شىئېرىغا تەقمىس...


‏***********

‏ئاقارغۇدەك چىچىم قالمىدى،

‏خىلى بۈدۈر چاڭگا باش ئىدىم.

‏بەلكى مىڭ قىز كۆيگەن بولغىيتى،

‏ئەمدى بىرگە «ھەشقاللا» دىدىم.

‏قارا تۇرۇپ شالاڭلىدى چاچ،

‏ئەمما ھامان ئاق تۇردى قەلبىم!:)



   ئەسكەرتىش : ئەسەر ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن مەزكۇر مۇنبەرگە يوللاندى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BATUR72 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 10:42 AM  


سەندىن دۇنيادا يەنە بىرسى بارمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105297
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2014-3-25
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 01:00:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس بوپتۇ،  

ئابباس

ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىسى يالغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1039
يازما سانى: 1263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13916
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 733 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 01:33:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقتۇردۇم.......ھارمىغايسىز...................

يىيىش ئۈچۈن ياشىماي،ياشاش ئۈچۈن يەڭ====چۇنكى ھايۋانلار يىيىش ئۈچۈن ياشايدۇ----

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1056
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 01:40:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى يېزىپسىز،نۇرغۇن كىشىللىرىمىزنىڭ تېنى ساق ،بەش ئەزاسى تولۇق تۇرۇپمۇ ،شۇلارغا يىتەلمەيدۇ،ئۇلارنىڭ تېنى ساق بولغان بىلەن،روھىتى مېيىپ بولىدۇ.ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107189
يازما سانى: 597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2040
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 02:00:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بوپتۇ ،ئاپىرىن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 675
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 02:03:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ، ھارمىغايسز. رەھمەت سزگە .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 03:06:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردە ئۇندەللال ئېچىلماس بولدې .

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95019
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 652
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2013-4-18
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 04:14:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2060
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 04:17:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17224
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8264
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 931 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 05:15:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھې ھې مېنىڭ نۇمۇرۇمنى بۈگۈن ئېچىپ بەردى ، تۇنجى  ئىنكاسنى سىزگە يېزىۋاتىمەن، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

كۆيچى كۇلۇبى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ````
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش