مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1346|ئىنكاس: 24

نىكاھ قاچىغا،مۇھاببەت تاماققا ئوخشايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 12:35:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  ئايال ئەر بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، ھەر قېتىم باشقىلارنىڭ ھەشەمەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرغىنىنى، ئېسىل ماشىنىلارنى ھەيدىگىنىنى كۆرسە، ئۆزىنىڭ بەخىتسىزلىكىدىن زارلىناتتى. بىر قېتىملىق ئارام كۈنى ئايال ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتتى ۋە ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئاۋۋالقىدەكلا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئەمەس ئىكەنلىكىدىن قاقشاپ بەردى. ئانا كۈلۈپ قويۇپ باشقا گەپ قىلمىدى.
   تاماق ۋاقتى، ئانا ئىشكاپتىن بىر قانچە قاچىنى ئالدى، بۇ قاچىلارنىڭ ئىچىدە داتلاشماس پولاتتىن ياسالغانلىرى، نەپىس ساپالدىن ياسالغانلىرى ۋە قوپال ساپالدىن ياسالغانلىرى بار ئىدى. ئانا:

- قىزىم تاماق ئۇسقىن,- دېدى.
بۈگۈن ئۆيدە تۆت ئادەم تاماق يەيدىغان بولۇپ، ئايال ئەڭ چىرايلىق تۆت قاچىنى تاللاپ تاماق ئۇستى. ئايال تاماقنى قولىغا ئالغاندا، ئانا:

- قىزىم، سەن بايقىدىڭمىكىن، سەن قولۇڭغا ئالغان تۆت قاچا بۇ قاچىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چىرايلىقى، لېكىن ئاۋۇ قوپال ساپالدىن ياسالغان قاچىلاردىمۇ تاماق يېگىلى بولىدۇ. لېكىن سەن ئۇ قاچىلارغا قاراپمۇ قويمىدىڭ قىزىم. ھەممە ئادەم شۇ چىرايلىق قاچىدا تاماق يېگۈسى كېلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ نورمال ئەھۋال.
    ئايال بۈگۈن ئانىسىنى <<نىمانداق تولا گەپ قىلىدىغاندۇ ?>>دەپ ئويلىدىيۇ يەنە ئەستايىدىللىق بىلەن ئانىسىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالدى. ئانا توختىۋىلىپ، يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى:

- بۇمۇ ھەم سېنىڭ ھەمىشە بەختسىزلىكىڭدىن ئاغرىنىشڭنىڭ سەۋەبى. بىز تاماق يېگەندە، بىزگە لازىمى تاماقنىڭ ئۆزى، قاچىنىڭ چىرايلىقلىقى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئەمەلىيەتتە، نىكاھنىڭ سىرتى بىز تاماق يەۋاتقان قاچىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ چىرايلىق ياكى بولماسلىقى ئۇ بىر شەكىللا خالاس. مۇھەببەت قاچىنىڭ ئىچىدىكى تاماقتۇر. تاماقنىڭ تەملىك ياكى ئەمەسلىكى قاچا بىلەن مۇناسىۋەتسىز. شۇڭلاشقا، مەيلى سەن سەت قاچىدا تاماق يە، ئەگەر ئۇ مۇھەببەت بىلەن تولغان بولسا، سەن پەقەت قاچىغا ئۇنچىۋالا قاراپ كەتمىسەڭ، سەن يەنىلا ئوخشاشلا بەختنى ھىس قىلالايسەن.
   ئايال ئاڭلىغاندىن كېيىن ئانىنىڭ گېپىنى تولۇق چۈشىنەلمىدى. بىر كۈنلەردە ئايال قاتتىق ئاغرىپ يېتىپ قالدى، ئەر دوختۇرخانىدا كېچە-كۈندۈز ئايالدىن ئايرىلماي ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئايالنىڭ كېسىلى ئۈچۈن ئەر ئۆينى سېتىۋەتتى، ئايال بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەندى.
   ئايالنىڭ كېسىلى ئاخىرى ساقايدى. ھەر كۈنى ئەتىگەن كەچتە كىشىلەر ھەمىشە ئەرنىڭ ئايالنى قولتۇقلاپ سەيلە قىلىۋاتقىنىنى كۆرەتتى. گەرچە ئۇلارنىڭ ئۆيى يوق باشقىلارنىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئايال كۈندە ياۋا گۈللەرنى، يېشىل ئوت-چۆپلەرنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خوشال بولۇپ كېتەتتى. چۈنكى ئايال ئەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلاردا ئۆزىنى شۇنچىلىك بەختلىك ھىس قىلاتتى.
   بىر كۈنى، ئانا كۈلۈپ تۇرۇپ قىزىدىن سورىدى:

-قىزىم، سەن يەنىمۇ ئۆزەڭنىڭ بەخىتسىزلىكىدىن زارلىنامسەن؟
ئايال سالماقلىق بىلەن:

-ئانا، ئۇ يېنىمدا بولسىلا، مەن ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھېس قىلىمەن، مەن ئەمدى چۈشەندىم، نىكاھ راسىتتىنلا بىر قاچىغا ئوخشايدىكەن، مۇھەببەت ئۇنىڭدىكى تاماقكەن، بۇ مۇھىم ئەمەسكەن، مۇھىمى بۇ قاچىدا تاماق بار-يوقلىقى ئىكەن!
     بۇ قېتىملىق ئېغىر كېسەلدىن كېيىن ، ئايال قاچا ۋە تاماق توغرىسىدىكى بۇ ھېكمەتنى چۈشەنگەن ئىدى. قاچا، مەيلى قانچىلىك چىرايلىق بولۇپ كەتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭدا تاماق بولمىسا، ئۇ بىباھا گۆھەر بولۇپ كەتسۇن، ئۇ يەنىلا قۇرۇق. ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا، ئەگەر مۇھەببەت بولمىسا، ئۇلار قانچىلىك باي بولۇپ كەتسۇن، ئۇلار يەنە قايغۇنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ. چۈنكى پەقەت مۇھەببەت بولغاندىلا، تاماققا ئوخشاش، بىزنىڭ نىكاھتىكى "ئاشقازىنىمىزنى"تويغۇزالايدۇ ۋە بىزگە تۇرمۇشنىڭ ئاددىي ۋە بەختلىكلىكىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.





مەنبە :‹‹نۇر تورى››دىن مېھراي


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayguzal1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 12:37 AM  


‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90859
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-1-30
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 01:25:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەشەت پەيزى  يىزىلىپتۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 965
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 256 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 01:47:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياخشى چىقىپتۇ،تۇرمۇش بەزىدە بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق مۇكەممەل بولۇشى ناتايىن،بىز كۆز ئالدىمىزدىكىلەرنى قەدىرلەپ، مۇھەببەتنى ھىس قىلالايدىغان يۈرەك بولسىلا تۇرمۇش ئاندىن مۇكەممەل بولىدۇ

ئىت قاۋاۋىرىدۇ، كارۋان يولىغا كىتىۋىرىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107189
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1885
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 01:55:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجىرىڭىزگە ئاپىرىن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109323
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2014-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 01:59:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ،بىزدە بەخىتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ بەخىتنى ئىزدەيدىغانلار ،ئېرىشكىنىنىڭ قەدرى يۇق ،ئىرىشەلمىگەننىڭ دەردىدە پۇچلىنىپ زارلىنىپ ئۈتۈپ كىتىدىغانلار نۇرغۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1868
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 935 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 02:08:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم جاپالىق شارائىتتىمۇ  ئۆزىگە خوشاللىق تېپىشنى ئۇگۇنىۋېلىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن  ئۆزىنىڭ ھەر بىر كىچىك نەتىجىسىدىنمۇ  ھۆزۇر  ھىس قىلالايدىغان بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 627
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 02:11:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەكمۇ ئېسىل بىر تىما بۇپتۇ ، ئانا دىگەن بۇ ئۇلۇغ ئىنسان بىز ئۈچۈن مەيلى تاشقى قىياپىتىمىز ياكى كىشىلىك تۇرمۇشىمىز دا بۇلسۇن ھەقىقەتەن ياخشى بىر يول باشلىغۇچى .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90413
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-1-21
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 02:42:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئاۋۇ ئانا  ھەققى بىر ئانا بۇلشقا لايقكەن .بەخىت بىر مەۋھۇم نەرسە .بەخىتنى قانداق ھىس قىلشىمىز ئۈزمىزىگە باغلىق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110820
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2014-11-11
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 02:57:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەخىت دېگەن بىر خىل تۇيغۇ. ئۇنى ھېس قىلىدىغان قەلىپ بولىشى كېرەك.
بۇئايال بۇرۇن ماددىي بايلىقىنى قوغلىشىپ ئۆزىنى بەختسىز دەپ قارىغان .كېيىن ئېرىنىڭ مۇھاببىتىدىن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي  بەخىتلىك ئايال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4411
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 03:54:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۈكۈر -قانائەت ......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش