بىلىم ئىشقى
نۇردۇن تۇرغۇن
بىلىمنىڭ زەخمىكى چەككەندە دىلنى،
سايرىدى تىلىممۇ زوق بىلەن جانلىق.
نە ئامال مەن بولدۇم بىلىمگە خۇمار،
چاڭقىغان دىلىمغا بىلىم مۇشتاغلىق.
تويمايمەن بىلمىدىم شۇدەم بىلىمگە،
بىلىمدىم كىم سالدى ماڭا ئىشتىياق.
ئاتامنىڭ سۆزلىرى قۇلاق تۈۋۈمدە،
چۈشتىمۇ تاڭدىن يا ئۆگۈنۈش يارلىق.
ئەي دۇنيا ئۆگۈنەي يولۇمنى توسما،
ئاي دىگەن يىراقتا سالايمەن ئاسما.
چىقمىسام ئايغا گەر يەرشارىدىمەن،
خەلقىمگە تىتىملىق بولىمەن ھالۋا.
توغراقنىڭ قۇرىغان شاخلىرى مىسال،
دىھقاننىڭ چايلىرى قاينار ئوچاقتا.
بولساممۇ مەيلىتى شۇ توغراقچىلىك،
قورقىمەن بوپقالسام سەرگەردان لالما.
بىلىمنىڭ قاينىمى قانچىلىك چوڭقۇر،
مەن غەۋۋاس بولايكىم شۇڭغاي تېگىگە.
گەر بىلىم دولقۇنى يۇتسىا مىنى بەس،
شۇدۇرمەن چاڭقىغان بىلىمگە پالما.1
1-پالما ___ پالما دەرىخى.
مەنبە____ بىلىمگە چاڭقىغان دىلىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا NURDEN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-16 06:17 PM