|
|
|
|
قىز غۇرۇرى توز مەسەللىك بولالمىساڭمۇ،
مەيلى بولغىن شاخلاردا غۇنچە.
ئەدەب-ئەردەم ھەمرايىڭ بولسۇن،
ئۈزۈلمىسۇن رىشتىدىن ئۈنچە. شىجائەتتە ئىپارخاندەك بول،
نومۇسۇڭچۈن ئۆلسەڭمۇ ئۆلگىن.
قىزىم دۇنيا سېنىڭ قولۇڭدا،
ھايا بىلەن قايتا تىرىلگىن.
قىزىم، سەن بىر مىللەتنىڭ ئانىسى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تەربىيىچىسى، سەندىن ئۈمۈد قىلىدىغىنىم ئاددىيلا.
سېنىڭ ۋىجدان-غۇرۇرلۇق بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن، ئاللاھنىڭ ساڭا، ئىپپەت-ھايا، ئېتىقاد، بىلىم، ئەدەپ-ئەخلاق ئاتا قىلىشىنى ھەر ۋاقىت نامىزىمدا تىلەيمەن!
بىر مىللەتنىڭ قىزلىرى ئەخلاقسىز بولدى دېمەك، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەش جەھەتتە كەينىگە چېكىندى دېمەكتۇر. كىيىم كىيىشتە ۋە ياكى يۈرۈش-تۇرۇش ھەممە جەھەتلەردە بولسۇن، كىشىلەر ئەخلاق نۇقتىسىدىن ساڭا ھەۋەس قىلغۇدەك ياشا! شۇندىلا بۇ ھاياتتا ياشىغىنىڭنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تاپىسەن.
قىزىم، سېنى « يەتتە قىزلىرىم، ئىپارخان، نۇزۇگۇم» دەك جاسارەتلىك قىزلىرىمىزنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، ئىرادىلىك، جاسارەتلىك قىز بولۇپ يېتىشىپ چىقسا ئىكەن دەيمەن.
قىزىم، بۇ دۇنيا بىر ئۆتكۈنچى شامالدۇر، ھاياتنىڭ بىردەملىك قىزغىنلىقىغا، گۈزەللىكىگە بېرىلمە! ئىپپەت-ھايانى جېنىڭدىن ئەزىز بىلگىن. ئىپپەت-ھايانى يوقاتقان كىشىدە ئىمانمۇ، مېھرى-مۇھەببەتمۇ بولمايدۇ. بۇنداق ئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەرقى يوق. بىلگىنكى، سەن ئىپپەت-ھايا ئاچقۇچۇڭدىن ئايرىلغان كۈنۈڭ، سېنىڭ تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەن كۈنۈڭدۇر.
قىزىم، سېنىڭ پاك قەلب، گۈزەل روھقا ئىگە بىر قىز بولۇپ چىقىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن!
مەنبە:جۇلالىق
|
|
|
|
|
|