ئالەم بوشلىغىدا ئېغىرلىق ئۆلچەش
قاسىم سىدىق
قىسقىچە مەزمۇنى: ـ ئېغىرلىق ۋە ئېغىرلىق كۈچى جىسىم(”نىيۇتوننىڭ ئالمىسى") ”ئۇزىدىكى نەرسە“،ئۇلارنىڭ ئاتالمىش”تارتىش كۈچى“ بىلەن ئالاقىسى يوق.
مەن ”نىيۇتوننىڭ ئالمىسى“ئۈستىدە قايتا ئويلۇنۇش ماۋزۇلۇق يازمامدا ”تارتىش كۈچى“دىن ۋاز كېچىپ،ئورنىغا ”ئېغىرلىق كۈچى“نى دەسسىتىش تەشەببۇسىنى ۋە بۇنداق تەشەببۇسنىڭ ئاساسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم.بەزى تورداشلار بۇ تەشەببۇسقا ئالەم بوشلىغى ۋە لېفىتلاردىكى ئاتالمىش”ئېغىرلىق كېمىيىش“ قاتارلىق ”پاكىت“لارنى مىسال كەلتۆرۆپ قارشى چىققان ئىدى.مەن ئېغىرلىق جىسىم(ئالما) ئۆزىدىكى نەرسە،ئۇنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن سەۋەپ-نەتىجىلىك باغلىنىشى يوق دەپ قارىغان ۋە بۇ قاراشتا چىڭ تۇرغان ئىدىم.شۇ تېما ئاستىدا نۇرغۇن مۇھاكىمە -مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.مىنىڭ تەشەببۇسلىرىم نەزەريىۋى جەھەتتىن توغرا بولسىمۇ،لىكىن بىرەر تەجىربە ئاساسى يوق ئىدى.يېقىندا تور ئارىلاپ يۆرۆپ ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋاڭ ياپىڭنىڭ ئالەم بوشلىغىدا ئۇز ئېغىرلىغىنى ئۇلچىگەنلىگىگە ئالاقىدار فىلىمنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم.ئۇنىڭ ئالەم بوشلىغىدىكى ئېغىرلىغىمۇ يەر يۆزىدىكىگە ئوخشاشلا 74كىلوگىرام بولۇپ چىقتى.بۇ پاكىت مىنىڭ ”ئېغىرلىق جىسىم ئۇزىدىكى نەرسە ،ئېغىرلىقنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن ئالاقىسى يوق.بىزنىڭ ئېغىرلىقنى ئۆلچىيەسلىكىمىز پەقەت تېخنىكىلىق مەسىلە...“دىگەن قاراشلىرىمنىڭ توغرىلىغىنى ئىسپاتلىدى.ۋاڭ ياپىڭنىڭ ئالەم بوشلىغىدا ئېغىرلىغىنى ئۇلچىگەنلىگىگە ئالاقىدار فىلىمىنىڭ ئۇلىنىشى مانا:
王亚平在天空测体重
(فىلىم)
http://tv.people.com.cn/n/2013/0620/c364896-21909679.html
ۋاڭ ياپىڭنىڭ ئېغىرلىغىنى ئۇلچىگەن تارازىنىڭ چۈشەندۆرىشى:
太空没有重力怎么测体重? - 国内视野 - 商帮网 - 东南商报社主办
تولۇقى بۇ يەردە:
http://dnsb.cnnb.com.cn/portal.php?mod=view&aid=8348
ئېغىرلىقنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان،يەككە جىسىم ئۇزىگە خاس مىقدار ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى يالغۇزيۇقۇرقىسىلا ئەمەس.بوشلۇقتا بىر پەس مۇئەللەق تۇرغان پۇرژىنمۇ مىنىڭ تەشەببۇسۇمنى ئىسپاتلايدىغان يەنە بىر ئىسپات.ئالاقىدار فىلىم مانا:
http://v.youku.com/v_show/id_XNDQ1NjU5MDI0.html
پۇرژىن يىغىلىپ ئەسلى ھالىتىگە قايىتقىچە ئۇنىڭ ئاستى تەرىپى نىمە ئۈچۈن تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتمەي بىر پەس مۇئەللەق تۇردى؟.
پۇرژىننىڭ يۇقۇرقىچە ھەركەت،ھالەتلىرى ئەركىن چۈشكەن جىسىم،تارتىش كۈچى،ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشى،ئىلاستىك كۈچ قاتارلىق بىرمۇنچە فىزىكىلىق ئۇقۇملارغا بېرىپ چېتىلىدۇ.مىنىڭچە بۇ پۇرژىننىڭ يۇقۇرقىچە ھالەتلىرى تارتىش كۈچىنىڭ مەۋجۈتلىكىنى ئىنكار قىلدى...ئىلاستىك كۈچ پۇرژىننى ئەسلى ھالىتىگە كەلتۆرگىچە پورژىن ئاستىنىڭ بىر نۇقتىدامۇئەللەق جىم تۇرىشىنى چۈشەندۆرۆپ بىرەلەيدىغان بىرەر كىلاسسىك ئىدىيە ياكى نەزەريە يوق. پۇرژىننى بىر پەس مۇئەللەق تۇرغۇزىۋاتقىنى ئىلاستىك كۈچ.
پۇرژىن ئەسلىگە كەلگىچە بولغان جەرياننى ۋە ئۇنىڭ مۇئەللەق تۇرىشىنى تارتىش كۈچى ئارقىلىق چۈشەندۆرگىلى بولمايدۇ.سەۋەپ،تارتىش كۈچى ئىزچىل،ئۆزلۆكسىز كۈچ سۆپىتىدە تەسۋىرلىنىپ كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ بىر پەس پۇرژىننىڭ ئاستىقى قىسمىنىڭ جىم تۇرىشىغا”سۈكۈت“قىلىشىنى تەساۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.بىز ”تارتىش كۈچى“نىڭ چامىسىنىڭ ئارىلىقنىڭ كىۋادىراتىغا تەتۆر تاناسىپلىغىنى بىلىمىز.بۇنداق يېقىندىكسىنى تاشلاپ قويۇپ،يىراقتىكىسىگە تەسىر قىلىشنى ”ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنى“ ئۇزى قوللىمايدۇ.
تەشەببۇسۇمنى قوللايدىغان ئاساس ۋە پاكىتلارنى ئىنكاس قەۋەتلىرىدە داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇمەن.تورداشلارنىڭ مۇھاكىمىگە قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
2014.11.16
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-16 12:15 PM