سالام قېرىنداشلار، مەن بۇرۇن بىزنىڭ مەكتەپتە بىر ئىنگلىزچە سىنىپ ئېچىش توغرىلىق يازما يوللىغان ئىدىم. مەكتەپ ئىچىدە ئىنگلىزچە سىنىپ ئېچىش توغرىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىلتىماس قىلساق، ئۇلار ئىنگلىزچە سىنىپ ئېچىش تەكلىپىمىزنى قوللىمىدى. بۇنداق بۇلىشى چەت ئەلدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كېلىپ بولغاندىن كېيىن مەكتەپكە كەلمەسلىك قاتارلىق كۆپ مەسىلىلەرنى تۇغدۇرىدىكەن. شۇڭا بىزنىڭ مەكتەپتە سىنىپ ئېچىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى.
يېنىمدا ئولتۇرغىنى مەكتەپ مۇدىرى
مەن بۇ يىل ۋەتەنگە بارغان ۋاقتىمدا، كۆپلىگەن تونۇشلار مەن تۇرۇۋاتقان يەردە بىر ئىنگلىزچە سىنىپنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. مەن لوس ئانجېلېستىكى ھوللېۋۇد قا يېقىن يەردىكى “Harbor Career College” مەكتىپى بىلەن بۇ توغرىلىق پاراڭلاشقان ئىدىم. 3 ئايدەك پاراڭلىشىش نەتىجىسىدە بۇ مەكتەپكە ۋەتەندىن ئىنگلىزچە ئۆگەنمەكچى بولغانلار قوبۇل قىلىدىغان ۋە پۇلىمۇ مۇۋاپىق بولغان سىنىپقا ئېرىشتىم.
بۈگۈن ئۇلار بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پاراڭلىشىپ بۇ سىنىپنىڭ ئوقۇتۇش جەدۋىلىنى، ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى، ۋە كېتىدىغان ئوقۇش پۇلى قاتارلىقلارنى ئالدىم.
بۇ مەكتەپكە بىر ئوقۇغۇچى بىر ئايدا 740 ئامېرىكا دوللار تۆلەيدۇ. بىر يىلدا يەنە 12 ئاي ئوقۇماقچى بولسىڭىز 8880 ئامېرىكا دوللىرى تۆلەيسىز. ۋەتەندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار كەم دېگەندە 6 ئاي ئوقۇشىڭىز كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى بۇ يەرگە چاپلاي دېسەم چاپلىغىلى بولمىدى.
ۋەتەندىن بۇ مەكتەپكە ئۆقۇشقا كېلىدىغانلار چوقۇم مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭ. ماڭا ئېلخەت ياكى ئۈندىداردا سۆز قالدۇرسىڭىز، مەن ئىلتىماسقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئەۋەتىپ بېرىمەن.
مېنىڭ ئېلخەت ئادرېسىم:
tashpulat@yahoo.com
ئۇندىدار ئادرېسىم: qarighay[/td][/tr]