ياش ئەرلىك كېۋەزچى ئايال
ھېكايە
ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى يېزىمىزدىكى بىردىنبىر بانكا بولغان ئامانەت قەرىز كوپېراتىپى بانكىسى پۇل ئالغىلى ۋە سالغىلى كىرگەن ھەر خىل كىشىلەر بىلەن ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ. شۇنداق خېرىدارلارنىڭ بىرى بولۇپ مەنمۇ پات-پات كىرىپ قالىمەن.
بۈگۈنمۇ ئادىتىم بويىچە ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان ئوغلۇمغا پۇل سېلىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ بانكىغا كىرگەن ئېدىم.ئادەملەر كۆپ بولغاچقا تەرتىپ نومۇرى ئېلىپ قويۇپ زالدىكى ئورۇندۇقتا نۆۋەت ساقلاپ ئولتۇردۇم.پۇكەيگە يېقىن تۇرغان خېرىدارلار ئارىسدا قارىماققا 50-60 ياشلاردىكى دېھقان ئاياللىرىدەك كىيىنىۋالغان بىرئايال مەن تەرەپكە ئارقىسىنى قىلىپ مۇلازىمەتچىگە يۈزلىنىپ تۇراتتى.مۇلازىمەتچى باشقا خېرىدار بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى.پۇكەيگە يېقىن تۇرغىنىدىن قارىغاندا نۆۋىتىمۇ يېقىنلىشىپ قالغاندەك تۇراتتى.
-تالۇن تولدۇرۇشنى بىلمىدىم،بىرەرسىڭلار ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن!!-ئايال شۇنداق دەپ ئەتراپىدىكىلەرگە قارىدى،لېكىن كىشىلەر ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي ھەممىسى ئۆز ئىشى بىلەن بولىۋەردى.
-سىزگە مەن ياردەم بېرەي،-مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم. باردىم يۇ ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ ھەيران قالدىم،ئۇ ئايالنىڭ چىرايىدىن قارىغاندا بايا ھىس قىلغىنىمدەك 50-60 ياشلاردىكى موماي بولماستىن 30-40 ياشلاردىكى ياش چوكان ئىكەن.قېرىغا مايىل كونا كىيىملەرنىكىيۋالغىنى بىلەن چىرايىغا قورۇق چۈشمىگەن،يۈزى ھېلىھەم پارقىراپ تۇرغان،ياشلا بىرچوكان ئېدى.بىرلا يېرى ئەپتىدىن بىر خىل ئېغىر ھارغىنچلىق، چىرايىدىن مىسكىنچلىك چىقىپ تۇراتتى.ئۇ مېنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلماقچى بولۇۋاتقىنىمنى بىلىپ تەبەسسۈم قىلدى.مەن تالۇن تولدۇرغاچ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم.
-پۇل قويامسىز ياكى ئالامسىز؟
-پۇل ئەۋەتىمەن.
-كىمگە؟
-ئىككى قىزىمغا.
-ئىككىسى بىر يەردىمۇ؟
-ياق،ئىككى يەردە.بىرسى قەشقەردە،يەنە بىرسى ئۈرۈمچىدە.
-ئۇلار نىمە ئىش قىلىدۇ؟
-ئىككىلىسى ئوقۇيدۇ،كىچىكى قەشقەردە نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە،يەنە بىرى ئۈرۈمچىدە داشۆدە ئوقۇيدۇ.
-سىز بەختلىك ئانا ئىكەنسىز.ئەمىسە پۇلنى ئۇلارغا ئايرىم ئايرىم ئەۋەتەمدۇق؟
-شۇنداق قىلىمىز.سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ئۇكام.
-ھە ھېچقىسى يوق،بىكار تۇرغاندىن سىزگە ياردەم قىلغاچ تۇرسام ياخشى ئەمەسمۇ، قىزلىرىڭىزنىڭ ئىسمى ۋە كارتا نومۇرى بارمۇ؟!
-بار،مانا بۇ قەغەزدە يېزىقلىق.
مەن ئۇ ئۇزاتقان كونا قاتتىق قەغەزدىكى يېزىقلىق نومۇرلارغا قارىدىم.چوڭ قىزىنىڭ 16خانىلىق سان بولۇپ ئامانەت قەرىز بانكىسىنىڭ ھېساپ نومۇرى،كىچىك قىزىنىڭ 19 خانىلىق سان بولۇپ يېزا ئېگىلىك بانكىسىنىڭ ھېساپ نومۇرى ئېدى.ئايال ئۈرۈمچىدىكى چوڭ قىزىغا 200يۇئەن، قەشقەردىكى كىچىكىگە 300يۇئەن ئەۋەتمەكچى بولدى.مەن ھەيران بولۇپ سورىدىم:
-نىمىشقا ئىككىسىگە تەڭ ئەۋەتمەيسىز؟
-كىچىكىنىڭ قىشلىق ئايىقى يوق،شۇڭا يۈز كوي جىق ئەۋەتىمەن.
ھە مۇنداق دەڭ.-مەن ئەھۋالنى چۈشىنىپ بولۇپ ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە تالۇن تولدۇرۇپ بەردىم.ئاڭغىچە ئايالنىڭ نۆۋىتىمۇ كېلىپ قالدى.بانكا مۇلازىمەتچىسى تالۇنلارنى ئېلىپ بولۇپ بىرىنى قايتۇرۇپ بەردى:
-بۇ بىرى بىزنىڭ بانكىنىڭ كارتىسى ئەمەسكەن ئەۋەتكىلى بولمايدۇ.
ئايال تەمتىرەپ تۇرۇپلا قالدى ۋە دېدى:
-ئۇنداقتا ئەۋەتەلمىگۈدەكمەن.
مۇلازىمەتچى بۇ گەپنى ئاڭلاپ توڭلۇق بىلەن مۇنداق دېدى:
-ئەۋەتەلمىسىڭىز چەتكە ئۆتۈپ تۇرۇڭ،ئەمىسە ئورنىڭىزغا باشقا خېرىدار كەلسۇن،-مەن ئايالغا ئەقىل ئۆگىتىپ دېدىم:
-ئاران كەلگەن نۆۋەتتە ئاۋۇ ئۈرۈمچىدىكى قىزىڭىزغا بولسىمۇ ئەۋەتىپ تۇرمامسىز؟
ياق،-دېدى ئايال ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ،- بىرىنى ئەۋەتىپ يەنە بىرىگە ئەۋەتەلمەي قالسام بولمايدۇ.چوقۇم ھەر ئىككىلىسىگە ئەۋەتىشىم كېرەك.
-بۇ يېزىدا يېزا ئىگىلىك بانكىسى يوق،ھەرئىككىلىسىگە ئەۋەتىمەن دېسىڭىز ناھىيە بازىرىغا بارسىڭىز بولىدۇ.-دېدىم مەن.
-ئۇنداق قىلاي دېسەم ۋاقتىم يار بەرمەيدۇ،مۇشۇ يەردىلا ئامال قىلالىسام بولاتتى.
-ئۇنداقتا ھەممە پۇلنى ئۈرۈمچىدىكى چوڭىغا ئەۋەتىپ بېرىڭ.-دېم مەن يەنە ئەقىل كۆرسىتىپ –ئۈرۈمچىدە ھەرقانداق بانكا بار،ئۇ ئۆزىگە تېگىشلىك پۇلنى ئېلىۋېلىپ قالغان 300 كوي پۇلنى سىڭلىسىغا ئەۋەتىپ بەرسۇن.
-بۇ بولىدىغان چارە ئىكەن،ئەمىسە كىچىكىگە تېلىفۇن بېرىپ مەسلىھەت سوراپ باقاي،-ئايال شۇ پېلانى بويىچە كىچىك قىزىغا تېلىفۇن بېرىۋىدى كىچىكى دەسلەپ‹‹ئاچام ھەممە پۇلنى ئېلىۋېلىپ ماڭا تېگىشلىكنى ئەۋەتىپ بەرمەيدۇ››دەپ ئۇنىمدى،كېيىن ئايال قايتا قايتا تېلىفۇن قىلىپ ئاچا سىڭىل ئىككىسىنى كېلىشتۈرگەندىن كېيىن پۇلنى چوڭىغا ئەۋەتىپ بەرمەكچى بولدى.مەن 500يۇئەن پۇلنى قىزنىڭ چوڭىغا ئەۋەتمەكچى بولۇپ قايتا تالۇن تولدۇماقچى بولدۇم.ئەۋەتكۈچىنىڭ كىملىك نومۇرى چۈشىدىغان يېرىگە سان يېزىۋېتىپ دىققەت قىلسام بۇ ئايال 1970-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ ياشتا مەندىن كىچىك ئىكەن.دېمەك ئۇ بايامقىدەك مېنى‹‹ئۇكام›› دېيىشكە ئەمەس بەلكى ‹‹ئاكا››دېيىشكە تېگىشلىك ئىكەن.ئەمما چىرايىدىن قىرىق ياشلارغا كىرگەندەكمۇ قىلمايتتى.مەن تالۇن تولدۇرۇۋېتىپ ئۇنى گەپكە سالدىم.
-مەن بۇ يېزىدىكى ھەممەيلەننى تونۇيمەن،ئەمماسىز ناتونۇش ئىكەنسىز،باشقا يېزىلىق ئوخشىمامسىز؟
-شۇنداق مەن ياقا يۇرتلۇق،بۇ يەرگە ئېرىم بىلەن كېپەزتەرگىلى كەلگەن.
-شەخسى يېرىڭلار يوقمۇ؟
-يېرىمىز بار،لېكىن بۇ يەردىكىلەرنىڭكىدەك كۆپ ئەمەس،بىز ھەر يىلى بۇيەرگە كېلىپ كېۋەز تېرىپ پۇل تاپىمىز.
-كېلوسىغا قانچلىك ھەق بېرىدۇ؟
-ئىككى يۇئەندىن ھەق بېرىدۇ.
-بىر كۈندە قانچىلىك كېۋەز تېرەلەيسىز،ئېرىڭىزچۇ؟
-مەن 80-90 كىلو تېرەلەيمەن،ئېرىم 30-40كىلو تېرەلەيدۇ.شۇنداق بولغاندا بىر كۈندە 250كويدىن300كويغىچە پۇل تاپالايمىز.
-تاپاۋېتىڭلار ياخشىكەن،لېكىن ئېرىڭىز سىزنىڭ يېرىمىڭىزچىلىكمۇ تېرەلمەيدىكەن، ئۇ بەك قېرىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ،كېسەلچانمۇ يە؟!
-ئۇنداق ئەمەس، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە.
-ئەكسىچە؟!
-شۇنداق،مېنىڭ ئېرىم بەكمۇ ياش،ئۇ مەندىن 18 ياش كىچىك.
-توۋا دەڭە،نەدە شۇنداق ئىش باركەن؟
-ئىشەنمەيۋاتامىسز،مەن سىزگە ئۇنى كۆرسىتىپ قوياي.-ئايال قولى بىلەن سىرتنى كۆرسەتتى،بانكىنىڭ قوش قاناتلىق ئىشىكى داغدام ئوچۇق بولغاچقا 30 مېتىرچە يىراقتىكى چوڭ يول ۋە ئۇنىڭدىكى ئادملەر بىمالال كۆرۈنۈپ تۇراتتى.ئايالنىڭ كۆرسەتكىنى ھەقىقەتەن 25-26ياشلار ئەتراپىدىكى خېلى قاملاشقان بىر ياش يىگىت ئېدى.ئۇ ھاللىق ياشلارغا خاس خېلىلا مودا كيىنگەن بولۇپ يالاڭباش ھالەتتە تاماكا چېكىپ بىز تەرەپكە قاراپ تۇراتتى.مەن تېخىمۇ ھەيران بولۇپ سورىدىم:
-ئۇ نېمىدەپ بۇ يەرگە كىرمىدى؟ تالۇننى ئەسلى ئۇ ئۆزى تولدۇرۇپ بەرسە بولاتىكەنتۇققۇ؟
-ئەسلى شۇنداق بولسا بولاتتى،لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلالمايدۇ.
-نىمىشقا؟
-چۈنكى ئۇ ساۋاتسىز،باشلانغۇچتا 6يىل ئوقۇپمۇساۋاتسىز قاپتىكەن.شۇڭا ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ ئوقۇمايلا جەمىيەتكە چىقىۋالغان ئىكەن.
-سىلەر بىر يۇرتلۇقمۇ؟
-ياق،بىر يۇرتلۇق ئەمەس.
-ئەمىسە قانداق تونۇشقانتىڭلار؟
-مەن ئېرىمدىن تۇل قالغاندىن كېيىن قىزلىرىمنى ئوقۇتۇشتا پۇلدىن قىسىلىپ ھەر يىلى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ،كېۋەز تېرىپ پۇل تاپتىم.بۇ بالا بىلەن بۇلتۇر كېۋەزلىكتە بىللە كېۋەز تېرىش جەريانىدا تونۇشۇپ قالغان.ئۇمۇ قىيىنچىلىق ۋە مۇساپىرچىلىقتا كېۋەز تەرگىلى چىقىپتىكەن. شۇندىن بېرى بىز تونۇشۇپ،كۆڭۈل قويۇشۇپ،چىقىشىپ قالغاندىن بېرىتوي قىلدۇق.مانا شۇندىن بېرى ئەر خوتۇن بولۇپ بىرگە ئۆتۈۋاتىمىز.
-ئۇ سىز بىلەن بىرگە جاپا تارتىپ كېۋەز تېرىشكە،قىزلىرىڭىزنىڭ ئوقۇش چىقىمىنى تەڭ تارتىشقا رازى بولدىمۇ؟
-ھەئە،ئۇ ھەممىنى بىلىپ،ھەم قىيىنچىىقىمنى يەڭگىللىتىشنى نىيەت قىلىپ مەن بىلەن توي قىلغان.
-بۇ ئىشىڭىزغا قىزلىرىڭىز قارشى تۇرمىدىمۇ؟!
-بىز توي قىلغاندا ئۇلار ئوقۇشتا ئېدى.مەن باشتا ئۇلارغا ئوچۇق دېيەلمىدىم.كېيىن مېنىڭ توي قىلماقچى بولغىنىمنى ئۇقۇپ لام جىم دېيىشمىدى،
-ئۇلار راستىنلا قارشى چىقمىدى؟!
-نېمە دېيەلەيتتى؟ ھېچنىمە دېمىدى،ئۇلار ئۆزلىرىگە ھامىي بولىدىغان يەنە بىرىنىڭ تېپىلغىنىغا خوش.
-ئاۋۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى قارشىلىق قىلمىدىمۇ؟!
-ئۇلار باشتا قارشىلىق قىلىپ باقتى،لېكىن ئوغلى‹‹مۇشۇ خوتۇن بىلەن ئۆي تۇتقىنىم تۇتقان،ئەگەر باشقا بىرىنى ئېپ بېرىمەن دېسەڭلار مەن يۇرتتىمۇ تۇرمايمەنباشقا يۇرتلارغا چىقىپ كېتىپ قايتىپ كەلمەيمەن.يۈزۈڭلارغىمۇ قارىمايمەن››دەپ ئۇلارنى قورقۇتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىزگە يول قويدى.
-قارىغاندا مۇھەببىتىڭلار خېلى چوڭقۇر ئىكەن-دە؟!
-ئەلۋەتتە، بىز بىر بىر بىرىمىزگە بەكلا ئامراق.-ئايال شۇنداق دەپ پىسىڭڭىدە بىر كۈلۈۋىدى خۇددى 18ياشلىق ياش كېلىنلەردەك نازلىق بىلىندى.مەن تالۇننى ئۇنىڭغا بېرىپ ‹‹ توۋا›› دېگىنىچە ئورنۇمغا بېرىپ ئولتۇردۇم.
مەنبەسى :قەلىمىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-15 03:46 PM