ئەجەپ ئەمەس
مەلىكەمۇھەممەت ھىلال
ئۈزۈلگەن شۇ رىشتىلەرنى ئۇلاپ باقايمۇ،
ئەجەپ ئەمەس بىر ئۇلىنىپ قالسا رىشتىمىز.
ئوت باغرىڭغا سوۋۇپ قالغان باغرىم ياقايمۇ،
ئەجەپ ئەمەس قايتا يېنىپ قالسا ئوتىمىز.
ھىجرانىڭنىڭ سۈيىدە مەن يالغۇز ئاقايمۇ،
ئەجەپ ئەمەس يەنە ياشناپ قالسا سۆيگۈمىز.
زىدە بولغان يۈرەكىمنى بەزلەپ باقايمۇ،
ئەجەپ ئەمەس ئالدانسا دىل چۈشەر ئىشقىمىز.
مەن ئاشىق دەپ دەشتى چۆلدە تەنھا ماڭايمۇ،
ئەجەپ ئەمەس ھاياجاندا چۈشسە مېھرىمىز.
ساڭا كۆيگەن بۇ يۈرەككە مۇزلار ياقايمۇ،
ئەجەپ ئەمەس ئۇنتۇلسا شۇ تاتلىق كۈلكىمىز.
سېنىڭسىز يار يۈرەكىمگە قۇلۇپ تاقايمۇ،
ئەجەپ ئەمەس ئاشۇ پېتى قالسا سىرىمىز.
سۆيگۈ ۋە ئارمان
رەڭ ئالدىم مېھرىڭنىڭ ئىللىق نۇرىدىن،
قۇياشتەك پارلىنىپ ئىشقىڭ چۆلىدە.
سىرغىدىم مىسرانىڭ غەمسىز قۇرىدىن،
كۆرۈندى مەنزىلىم بەخت تۆرىدە.
دەردىڭگە چىلىنىپ تىترىگەن ياپراق،
تۆكۈلەر قەلبىمنىڭ چاڭقاقلىقىغا.
يۈرىكىم يېقىندۇ ئۆزۈم بەك يىراق،
سۆيگۈنىڭ ۋىسالى قۇچقان بېغىغا.
كېچىنىڭ باغرىنى ئەزدى تەشنالىق،
سېغىنىش ئاققاندا مەڭزىڭنى بويلاپ.
كىملەردىن قالدىكىن ساڭاسەۋدالىق،
نۇر چاچقان سەھەردە چېھرىمنى ئويلاپ.
سەن پەقەت مەن ئۈچۈن يارالدىڭ بەلكىم،
شاتلىقىم قوغلايدۇ غەم-دەرتلىرىڭنى.
سەن تامان ئاغمىسا ئۇخلىغان قەلبىم،
سەۋرىڭگە باغلىغىن ھەسرەتلىرىڭنى.
ئۆتمۈشكەئايلانغان چۈش
چۈشۈمدە ئۇچرىتىپ كۆيگەنتىم ساڭا،
خۇددى سەن كۆيگەندەك ماڭا ئاشۇ دەم.
نەچچە يىل چۈشۈمنى بۇزماي ياشىدىم،
شۇ چۈشۈم بولغاچقا يوقتى ھېچ بىر غەم.
چۈش دېگەن بەرىبىر چۈش ئىكەن ئەسلى،
ئويغانغۇم يوق ئىدى ئويغاتتىڭ كېتىپ.
سەنسىز ئۇ كېچىلەر سۈزۈلمىدى تاڭ،
چۈشۈم ھەم بۇزۇلغاچ سەن قايتىپ چىقىپ.
گادىرماچ ياشلىقىم قايناملىرىدا،
مەن شۇنداق خوشلاشتىم غۇۋا چۈشۈمدىن.
نىشانسىز كەچمىشىم ئۇچتى يىراققا،
خوشلاشتىم نەچچە يىل بۇرۇنقى سەندىن.
ئۆتمۈشكە ئايلانغان چۈشۈم سەن مەڭگۈ،
كەلمىگىن سۆيگۈڭگە قىيماي تارتىشىپ.
قەدرىمنى بىلگەن ھەم قەدىرلىكلىرىم،
يېڭى چۈش باشلاشقا كۈتەر زارىقىپ.
كەلپىن ژۇرنىلى 2014-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا malika706 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-13 10:36 PM