بولغانىكەن بۇرۇن بىر رەسسام،،
ھەم بار ئىكەن داچا رەسىمى.
رەسسام ئاشق بولۇپ بىر قىزغا،
بايان قىلماق بوپتۇ قەلبىنى.
سېتىۋېتىپ سىزغان رەسىمنى،
ھەم سېتىپتۇ كىچىك داچىنى.
سېتىۋاپتۇ سانسىز ئەتىرگۈل،
بېغىشلاپتۇ قىزغا بارىنى.
مىليون،مىليون،مىليون ئەتىرگۈل،
تولۇپتۇ،تولۇپتۇ،تاكچىغا شۇدەم.
ئاشقلىق،ئاشقلىق،ئاشقلىق،مەجنۇنلۇق،
سەن ئۈچۈن پىدادۇر بۇ جېنىممۇ ھەم.
تاڭ سەھەردە ئاچساڭ گەر دەرىزەڭنى،
تەئەججۈپ ئىلكىدە قالىسەن ھەيران.
ناھاتكى چۈشلەردىن چىقالماي قالدىڭ،
سوغۇقتا ئەتىرگۈل بولماقتا ۋەيران.
قىلار كىممۇ بۇنداق سەۋدالىق،
سوغۇق جۇتقا قىلماستىن پەرۋا.
تەنھا قالدى بىچارە رەسسام،
قىزنى ساقلاپ دەرىزە ئاستىدا.
قايتارما:
مىليون،مىليون،مىليون ئەتىرگۈل،
تولۇپتۇ،تولۇپتۇ،تاكچىغا شۇدەم.
ئاشقلىق،ئاشقلىق،ئاشقلىق،مەجنۇنلۇق،
سەن ئۈچۈن پىدادۇر بۇ جېنىممۇ ھەم.
سۆزى : ئان.ۋۇزىنسېنىسكى
مۇزىكىسى:لىمون.پارۋۇسى
ئەسكەرتىش:ئاخشام ناخشا ئىزدەۋېتىپ،بۇ ناخشىنى ئۇچرىتىپ قالدىم،تېكىستىنى ناخشىنى ئاڭلاۋېتىپ يېزىۋالغان،مۇنبەرداشلارنى تەڭ بەھرلەنسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-13 10:27 PM