تەنھالىق
تەنھالىق گويا بۇ ئالەمگە مەن ئۈچۈنلا ئاپىرىدە قىلىنغاندەك ، مىنىڭ ئەزگۈ خىياللىرىمغا يۈگەن سالماقتا . كەڭرى كەتكەن بۇ مۇھەببەت چۆلىدە قاغجىراپ ھالىدىن كەتكەن ئەزگۈ خىياللىرىم، ئېغىرلاشقان قەدەملىرىنى ئاستا-ئاستا يۆتكەپ قانداقتۇر بىر بىپايان چەكسىزلىككە قاراپ تىنىمسىز ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.
بۇ كېچە مەن يەنە يالغۇز...
غېرىپ كۆلبەر روجەكلىرىدىن تاشقىنلار تولۇن ئاينى مۇڭلاندۇرۇپ، پۈتكۈل كېچە ھاياتلىقىنى سۈكۈت قوينىغا غەرىق ئەتكەن ئەشۇ قەلىبلەرنى لەرزىگە سالغۇچى مۇڭلۇق كۈي، بەلكى مىنىڭ تەنھالىق ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىم بولىشى مۇمكىن . مەن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ، قەلبىمدىكى بۇ مۇڭلۇق كۈينى قەغەز يۈزىگە بايان ئەتمەكچى بولدۇم . شۇنداقلا قەغەز يۈزىگە سىڭىۋاتقان بۇ ئىلھامنى«تەنھالىق» دەپ ئاتىدىم . شۇ كېچىدىن
باشلاپ، قەلبىم روجەكلىرىدىن ئوخچۇپ چىقىۋاتقان بۇ نىدانى كەڭ ئۇقۇرمەنلىرىمگە قالدۇردۇم.
سەن كېتىپ مەن قالدىم قاراڭغۇ ئالەم،
يۈرىكىم يىغلىدى ياش تۆكۈپ شۇئان .
تەسەللى بېرىپ، بەس - دېدى كۆڭلۈم،
چىن سۆيگۈم ،ئەقىدەم بولغاندا پايخان .
سەن كېتىپ مەن قالدىم قاراڭغۇ ئالەم ،
تىتىردى دۇنيامۇ ياش تۆكتى ئاسمان .
ۋەدىلەر بېرىشىپ ئايرىلمايمىز دەپ ،
ياشايمىز بىر ئۆمۈر مەڭگۈگە ھامان .
سەن كېتىپ مەن قالدىم قاراڭغۇ ئالەم ،
ماڭا بەك ناتونۇش ئۇشبۇ يەر-جاھان .
بىلمىدىم نەسەۋەپ ئايرىلدىڭ مەندىن ؟
قولۇمنى قويۋىتىپ ماڭدىڭسەن قايان .
سەن كېتىپ مەن قالدىم قاراڭغۇ ئالەم،
شۇ دەقىق مەن ئۈچۈن ھازىدار ئاسمان.
بەك شېرىن ئەسلىمە قالدى ئاھ! جېنىم
يۈرەكتە بەك ئاچچىق نىدا بار جانان.
قارا ، ئامرىقىم ، ھەر قېتىم كۆزلىرىڭگە تىكىلگەن ۋاقتىمدا پۇت - قوللۇرۇم كونتۇرۇللۇقىنى يوقۇتۇپ قوياتتى . كۆزلىرىمنى كۆزلىرىڭدىن ئېلىپ قېچىشقا تىرىشاتتىم ، چۈنكى مېنىڭ بۇ بىر جۈپ«ئاسى»كۆزلىرىم قەلىب سىرلىرىمنى ساڭا بىمالال ئاشكارىلاپ قوياتتى.
بىلەمسەن ھاياتىم؟ كۈندە تېلىفۇن نۇمۇرۇڭنى نەچچە رەت باسىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن ، ئەمما ئۇرالمايمەن ،«نىمىشقا » دەمسەن ؟ سەۋەبى شۇكى مىنىڭ ھودۇققان ، تەمتىرىگەن ئاۋازىم ساڭا ھەممىنى ئىسپاتلاپ قويىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
بىلەمسەن ھاياتىم ، سەندىن كەلگەن ھەر بىر ئۇچۇرنى شۇنچىلىك ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇيمەنكى ، ھەم شۇنىڭ بېلەن بىرگە ساڭا ناھايتى دىققەت بىلەن ئۇچۇر قايتۇرىمەن . چۈنكى ، ئازىراقلا بىخەستەلىك قىلسام خەتلىرىمدىكى مۇھەببەت تىۋىشلىرىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيتىڭ ! مەن ساڭا يوللىغان ئۇچۇردىكى ھەر-بىر پەش چىكىتمۇ سۆزلىيەلەيتى.
بېقىۋالدى كىملەرنى ھاياتنى،
قىينماقچى بولغاندەك بىزنى.
مۇز بوپ قالار ئىدى بۇ دۇنيا،
كۆيۈشمىگەن بولساق بىز ئەسلى.
بىز كىتىمىز بۇ ئالەمدىن،
كۈتۈشلەرگە بېرىپ خاتىمە.
بولدى دوسلار يىغلىماڭ ئەمدى،
بۇ يۈرەكنى قىلىپ مىڭ پارە.
ھەسرەتلىك يىللار بېشىمدا ئەگىپ يۈرەتتى . تولا يىغلاپ كۆز -ياشلارمۇ قۇرۇپ كەتكەن ئىدى.
بىر قىتىم رەنجىگەن كۆڭۈللەر قايتا -قايتا ئازار يىدى.
خۇددى بۇ دۇنياغا يىغلاش ، ئازابلىنىش ئۈچۈنلا يارالغاندەك..
زىيادە ئاقكۆڭۈللۈك ، ئۆزىگە ئىشنىپ كىتىش، مىنى تۈگىمەس ھەسرەت ۋە ئازاپلىق تۇرمۇش قاينىمىغا سۆرەپ كىردى.
ئازاپ ئىچىدىكى ئنتىلىش ، ئارزۇ - ئۈمۈتلەر بىلەن تولغان ھايات. ئاچچىق ياشلار بىلەن نەمدەلگەن ، تېخى قۇرۇشقىمۇ ئۈلگىرەلمىگەن قوي كۆزلەر .
زىدە بولۇپ كەتكەن يۈرەك.
بىر - بىرىگە ئۇلۇنۇپ كەتكەن قىسمەتلەر ، بىر -بىرى بىلەن باغلىنىپ كەتكەن كۈنلەر.
بۇ شۇنداق جاھان ئىكەن ، ئازاپلانغاندا ، غەمگە پاتقاندا ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا جانابى ئاللاھنى سىغىنىدىغان.
بۇ مەن دەپ شۇئار توۋلاپ كەلگىلى خىلى زامان بوپتۇ.
پاراكەندى بولغان كۆڭلۈم رىمىنۇت قىلىنماي تاشلاپ قويۇلغان كونا رادىئودەك يىگانە ، خىياللىرىم سان -ساناقسىز.
توۋا دەيمەن بۇ كۈنلەرگە نىمانچە تىز ئۆتۈپ كېتىدىغاندۇ . نىمە ئانچە قىلىدىغاندىمەن بۇ ھەسرەتلىك يىللارغا .
ئۆزۈمچە خالىغان تاللىغان ئىدىم،
ئۆتۈشنى باشتىلا يەككە يىگانە.
ئاقىۋەت قالدىممەن يەنىلا يالغۇز،
ئۆتەرمەن جاھاندىن بولۇپ يىگانە.
بىز ئايرىلدۇق قېلىپ قالدى ئەمما،
ئىككى پارچە سۈرىتىڭ مەندە.
قالدى بۇندا تەنلىرىم ئەمما،
كىتىپ قالدى يۈرىكىم سەندە.
قالدى پەقەت ماڭا ئەسلىمە،
شېرىن تۈنلەر يادىگار بولۇپ.
سۆيگۈ رىشتىمىز شۇنچىلىكمىدى؟
ۋۇجۇدۇمغا كەتتى دەرت تولۇپ.
تۇنجى مۇھەببەت ماڭا بەخىت بەرمىدى.
ۋۇجۇدۇمدا ئوت بۇلۇپ كۆيىۋاتقان، مەن بىلەن مەڭگۈ بىللە بۇلۇشقا ۋەدىلەشكەن، مەن ئۇچۇن دۇنيادا ئەڭ سۆيۈملۈك ئادەمنىڭ رەھىمسىز ئەزرائىلنىڭ مۇدھىش چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشقا ئىمكان بولماي، مەن بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان ، يۈرەك باغرىمنى لەختە قىلىپ ئازاپ دېڭىزىغا غەرىق قىلغان ئەسەبى مىنۇتلار ھېلىمۇ ئېسىمدە!.
بىز مەڭگۇ بىللە ياشاشقا ۋەدىلىشىپ، كۆڭۈل سىرلىرىمىزنى دىيىشەلمەي، ئارمانلىرىمىزغا يىتەلمەي بارلىق قەلىب سىرلىرىمىزنى ئۆزى بىلەن بىرگە قارا تۇپراققا كۆمگەن شۇ مۇھەببەت.
رېتىمسىز سۇقىۋاتقان مۇزدەك يۈرىكىمنىڭ كۈچلۈك ئوتنىڭ تەپتىدە ئېرىۋاتقان ئاجىز مۇزلۇقىنى ھېس قىلغىنىمدا ئۆزەمنى گويا كۆپكۆك دېڭىزدا ، كۇچلۇك بوراندا ھالاكەت گىردابىدىكى يىگانە قېيىقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك ھىس قىلماقتىمەن.
شۇنچە يىللار بولغان بولسىمۇ ئەسلىمىلىرىم ئىچىگە دەپنە قىلىنغان ئاتالمىش تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلىرى قەلىب قەسرىمدە سۆيگۈ ۋىسالى ئىزدەپ تىنماي سۇقىۋاتقان ئاجىز يۈرىكىمنىڭ قات قېتىغا سىڭىپ كەتكەن ئاچچىق ئەسلىمە مىنى ئازاپلىماقتا.
سېنى ئۆز قوينىغا ئالغان ئەشۇ تۇپراقتىن بىر ئوچۇم ئېلىپ كۆزلىرىمگە سۈرۈتسەم، بىز بىللە ئۆتكۇزگەن قىسقىغىنە خوشاللىق كۈنلىرىمىزنىڭ شىرىن ئەسلىمىلىرى نازۇك ۋۇجۇدۇمغا كۇچ قۇۋۋەت بەرسە، سەنسىز ياش تۆككەن مەنىسىز كۈنلىرىمنىڭ زەررىچە تەسەللىگە ئېرىشىپ مۇڭلانغان يۈرىكىم ھاياتلىققا تەلپۇنۇپ رىتىملىق سوقسا...
ئاھ.....ئاچچىق ئەسلىمىلىرىم ئىچىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز تۇنجى مۇھەببەت...
ئېيىتقىنا؟! سەندىن ئايرىلىپ تەنھالىقنىڭ ئازابىغا قانداق چىدىغاندىمەن!.
مەن سېنى قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا، سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەپلا قالىمەن.
سېغىنىش ھەرقاچان مەن ئۈچۈن شۇنچە ئازاپلىق بولسىمۇ قەلىب قەسىرىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئورۇن ئالغان سېنىڭدەك سۆيگۈمدىن ئىپتىخارلىق ئىلكىدە پەخىرلىنىمەن.
ئــــــــــۇيــــغــــــــۇرۇم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-13 01:59 PM