بىزنىڭ ۋاقتىمىز
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
باش كۈن*ئىشنىڭ بېشىدا،تويدا ئۆتەر ۋاقتىمىز،
بوش كۈن*«سۇننەت مەرىكە» ئۇندا كېتەر ۋاقتىمىز،
سوڭ كۈن*«قاتار چېيىم»دەپ پەيزى سۈرەر ۋاقتىمىز،
كىچاتناكۈن*«گۈل چاي»دا ئەركىن ئۈزەر ۋاقتىمىز،
ئاتنا كۈندە*«نەزىر»دەپ ئۆي-ئۆي كېزەر ۋاقتىمىز،
تاتلىق كۈندۈر ئاتناراس*سورۇن تۈزەر ۋاقتىمىز.
**
بازار كۈندە* چوڭ تويدىن ۋىچىركىغا ئۇلۇشۇپ،
تۈننى ئۇلاپ كۈندۈزگە تىنىم تاپماي ئوينۇشۇپ،
ئىش خۇشياقماي ئەتىسى خام كاۋىدەك سۇلۇشۇپ،
زەپەر قۇچسا ئۆزگىلەر كۆز قىزارتىپ بويلۇشۇپ،
رېستۇرانمۇ-رېستۇران ئاتلاپ كېزەر ۋاقتىمىز،
ئىختىراغا-ئەمگەككە قاچان يېتەر ۋاقتىمىز.
**
بۇ ھاياتنى بىز زادى چىن دىللاردىن سۆيەمدۇق،
ۋاقىت قىممەت بى باھا،قەدىرىنى بىلەمدۇق،
ئىككى كاپام پولاغا كۈنلەپ ساقلاپ يۈرەمدۇق،
نە پولا ئۇ كۆڭۈل دەپ پۇرسەتلەردىن كېچەمدۇق،
بىزگە قاراپ ئاھ! ئۇرۇپ ھەسرەت چېكەر ۋاقتىمىز،
بەتتاملاشتى بىز بىلەن شىرىن-شېكەر ۋاقتىمىز.
**
زايە كەتكەن بىر مىنۇت-قولدىن كەتكەن پايدادۇر،
ئامەت، ۋاقىت قەدرىنى بىلگەن زەردار-بايدادۇر،
پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتماي تىنغان پۇلدار قايدادۇر،
بىكار لەيلەپ يۈرگەننىڭ ئۈيى مەينەت جايدادۇر،
سۇس ئادەمنىڭ كۆتىگە قوشلاپ تېپەر ۋاقتىمىز،
قولدىن بەرسەك ئامال يوق شامدەك ئۆچەر ۋاقتىمىز.
**
بىر توپ بولۇپ قاقاھلاپ چايغا ماڭدۇق ئاتۇشقا،
مەجبۇرلىدۇق دوستلارنى چاي دەردىنى تارتىشقا،
ئويۇن خۇمار مېجەزنى سايلىۋەتتۇق«قالتىس»قا،
تىرىشمايمىز نە ئۈچۈن ئېلىم-پەندە ھالقىشقا،
بىز ئىزدىگەن بايلىق شۇ كەتكەن ھەر-ھەر ۋاقتىمىز،
ئىسراپ بولدى ۋاي ئىسىت! بىزنىڭ گۆھەر ۋاقتىمىز.
***
ئىزاھلار:
باش كۈن* –دۈشەنبە
بوش كۈن*-سەيشەنبە.
سوڭ كۈن*-چارشەنبە
كىچاتناكۈن*-پەيشەنبە
ئاتناكۈن*-جۈمە
ئاتناراس*-شەنبە
بازار كۈن*-يەكشەنبە بولۇپ،بۇلار ھەپتىدىكىيەتتە كۈننىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-13 01:52 PM