مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7251|ئىنكاس: 47

كېۋەزلىكتىكى مۇھاببەت ھېكايىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1416
يازما سانى: 698
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16127
تۆھپە نۇمۇرى: 955
توردا: 8508 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 11:00:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كېۋەزلىكتىكى مۇھاببەت ھېكايىسى



كېرەم نۇردۇن (نۇر65)


  دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىدارىمىزدىن يەتتە كۈنلۈك دەم ئېىلىشقا قويۇپ بەردى، بۇندىن ئۈچ يىل بۇرۇن، ئىنىم بىلەن بىرلىشىپ، شەھەردىن 40 كلومېتر يىراقتىكى بىر يەردىن يۈز مو يەر ئاچقان ئىدۇق، يەر ئېچىش، دېھقانچىلىق قىلىشنىڭ بۇنچىلىك تەس ئىكەنلىكىنى مەن ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. بىرىنچى يىلى يەرگە چاچقان پۇلمۇ چىقمىدى. ئىككىنچى يىلى يەرنىڭ بېشىغا بىر يۈرۈش ئۆي سالدۇق بۇنىڭ بىلەن يەردە مۇقىم تۇرۇپ پەرۋىش قىلىشقا قولايلىق بولدى. شۇ يىلى  تېرىش، پەرۋىش قىلىش ئىشىنى پىشقەدەم دېھقانغا كۆتۈرەگە بەردۇق. دېھقانچىلىقنىڭمۇ تېخنىكىسىنى بىلىدىغانلارنىڭ قولىدا يەرمۇ يەر بولۇپ قالدى. بۇ يىل ئۆزىمىز پەرۋىش قىلغان ئىدۇق. بۇ يەتتە كۈن مېنىڭدەك يېرىم دېھقانلار ئۈچۈن، پاختىنى يىغىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى كەلگىنى. ئەلۋەتتە مەنمۇ مۇشۇ ۋاقىتنى كۈتۈپ تۇرغاچقا، دەم ئېلىش كۈنىنىڭ بىرىنچى كۈنى خېلى ھەرەج تارتىپ، ئاران 12 ئادەم تېپىپ، ئېتىزغا يۈرۈپ كەتتۇق.

كەچ كىرگىچە ئۇلار مەن ئويلىغاندىن كۆپ پاختا تىرىپتۇ. بۇ ئىش مېنى تولىمۇ خوشال قىلدى. كەچلىك تاماقتىن كېيىن، پاختىكارلار  كىرىپ كەتتى. مەن ياتاققا كىرگەندە ئۇ يىگىت كارۋاتتا ئولتۇرۇپ، يانفونىدا بىرسىگە ئۈچۈر يېزىۋاتقان بولسا كېرەك، پۈتۈن دىققىتى بىلەن يانفوندا مەشخۇلات قىلىۋىېتىپتۇ. يىگىتتىن باشقا ياشتا چوڭراق ئۈچ ئادەم قارتا ئويناۋېتىپتۇ.

- ئۇكام نېمىش قىلىۋاتىسىز؟

مەن ئۇ يىگىتنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ گەپ باشلىدىم. يىگىت يانغونىنى يىغىشتۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ:

-ھە!؟... ھېچنىمە... ھېچنىمە قىلمىدىم خەۋەر كۆرۈپ...

يىگىتنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتكى قىياپىتى،  بىرەر يامان ئىش قىلىپ قويغان ئوقۇغىچىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىغا ئوخشاپ قالدى.

- شۇنداقمۇ؟.... ھېرىپ كەتكەنسىز؟

- ياق... مەن دېھقان بالىسىمەن. بۇنداق ئىشلارغا كۈنۈك...

- سىز دېھقان بالىسىما؟...

- دېھقان بالىسىغا ئوخشىمامدىكەنمەن، ئاكا؟... ھەيران قېلىۋاتامسىز؟...

- ئۇكام!... سىز بىلەن ئايرىم سۆزلىشەي دېگەن. قانداق بولامدۇ؟..

- بولىدۇ...

باشقىلار ئۆز ئويىنى بىلەن ياتاقتا قالدى. مەن يىگىتنى مەن تۇرۇشلۇق ئۆيگە باشلاپ كىرىپ، ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىۋېتىپ، ئىككى پوتۇلكا مىۋە شەربىرى ئېلىپ بىرنى ئۇ يىگىتكە بىرىۋېتىپ:

- ئۇكام!... نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟... ئىسمىڭىز نېمە؟

- 22 ياشقا  كىردىم ئىسمىم يۈسۇپجان...

- يۈسۈپجان...سىز بۇ يەرلىك ئەمەس، سىز ئوقۇغۇچى؟... شۇنداقمۇ؟

- شۇنداق... مەن بۇ يەرلىك ئەمەس، مەن ئوقۇغۇچى... ئاكا... سىز قانداق بىلىۋالدىڭىز؟...

- بۈگۈن چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، قارىسام سىز بىرى بىلەن ئۇزاق سۆزلەشتىڭىز. تەلەپپۇزىڭىز بۇ يەرلىككە ئوخشىمايدىكەن، گېپىڭىزنىڭ مەزمۇنىدىن سىزنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ... سىز بۇ يەرگە كېلىپ پۇل تېپىشىڭىزغا بىرەر مۇھتاجلىق سەۋەپ بولدىمۇ؟

- شۇنداق دېسەممۇ بولىدۇ...

-مەسىلەن قانداق سەۋەپ؟!...

- نېمە دىسەم بولا ئاكا...-  تۇرقىدىن خىجىل بولىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

مەن يۈسۈپجاننى خىجىلچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن:

- مەنمۇ سىزنىڭ يېشىڭىزدا ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن. ئوقۇغۇچىلىق ۋاقىتتا قىيىنچىلىق دېگەن بولۇپ تۇرىدۇ. بىراق، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە سىز چۈشتە بىرىگە تېلفون قىلىپ يالغان گەپ قىلدىڭىز. شۇ ۋاقىتتا قىلغان گېپىڭىز مېنى سىزگە قىزىقتۇرۇپ قويدى. شۇڭا مەن ئەگەر مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغان ياردەم بولسا ئايىماي دەيمەن...

- ئاكا !... مەن تېلفون قىلغاندا يېنىمدا ھېچكىم يوق ئىدى، سىز قانداق ئاڭلاپ قالدىڭىز؟...

- خىجىل بولماڭ... مەنمۇ  ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغىنىم يوق، مەن ياتاق ئۆيدە ئارام ئېلىپ  ياتسام سىز دەل مەن ياتقان ئوينىڭ دېرىزىسى يېنىدا تېلفوندا سۆزلەشتىڭىز...

- ئاپلا!... ھې ھې ھې ... ما ئىشنى ....سىزدىن يۇشۇرۇپ قالغۇلى بولمىغۇدەك. ھە راس ئاكا! سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىڭىزنى دېدىڭىز. لېكىن سىز دېھقانچىلىق قىلىدىكەنسىز. بۇ قانداق ئىش؟ خىزمەتكە ئورۇنلاشمىغانما؟- يۈسۈپجان گەپنى ئەتەي باشقا تېمىغا يۆتكىمەكچى بولۇپ، گەپنىڭ ئاساسى تېمىسىنى ماڭا بۇرىدى.

- خىزمەت قىلىمەن. قانۇن سېستىمىسدا... بۇ يەرنى شۇ ئىنىمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە سېتىۋالغان...

- سىز ساقچىما؟! ... – بېشىمدىن ئايىغىمغا بىر قارىۋەتكاندىن كېيىن – سىز قانۇن ئىجرا قىلغۇچىغا ئوخشىمايدىكەنسىز؟

- قانداق ئوخشىمايدىكەنمەن؟

- قانۇن ئىجرا قىلىدىغانلارنىڭ قىياپىتى سۈرلۈك، گەپ سۆزلىرى قوپال، مەيلى چوڭ مەيلى كىچك بولسۇن ھەممىسىنى ئوخشاشلا «سەن» لەپ گەپ قىلىدۇ. بىراق سىز خۇشخۇي... قىسقىسى سىز ...

- ھا ھا ھا ... قىزىق گەپ بولدىدە...

- راست دەۋاتىمەن... لېكىن سىزنىڭ كۆزىڭىز ئۆتكۈر ئىكەن، بۇ تەرىپىڭىز ساقچىلارغا خاس ئىكەن...

- مەن ساقچى ئەمەس سوت مەھكىمىسىدە...

- ھەممىسى ئوخشاش... سوتچىلار تېخىمۇ قوپال. بەزىلەر قوپاللىقنى كەسپىي ئادەت دەۋالدىكەن... ھە راست.. بۇ يەرنى سىز قانداق ئىگىلىۋالدىڭىز؟ سىز باشلىقمۇ يە؟!

- ياق مەن باشلىق ئەمەس. ھەق تەلەپ گوللىگىيىسىدە سوتچى.  ھەي ئۇكام بۇ يەرنى سىز زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغانما دىمەكچى ھە!... بۇ يەرنى قانۇنلۇق ئالغان يەر ...

- ياقەي ... شۇ ... ئەمدى...

- بولدى ئۆزىڭىزنى ئاقلىماڭ... بايامنى گەپنىڭ ئاخىرىنى داۋام قىلىڭا... مەن دەل شۇ تېلفوندىكى گەپنىڭ تېگىگە قىزىقىپ قالدىم. شۇڭا سىز بىلەن بىردەم پاراڭلىشاي دەپ...

- ئەستا!!!... ئاكا مەن جاۋاپكار ئەمەس جۇما...

- يوقسۇ يوقسۇ... بۇ يەر سوت زالىمۇ ئەمەس...

- بولىدۇ دەپ بېرەي... چۈشتە مەن راست يالغان گەپ قىلدىم، تېلفوننى بىر ساۋاقدىشىمغا ئۇرغان. ئۇ مېنى يۇرتقا كەتتى دەپ بىلىدۇ، شۇڭا، چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئامالسىز شۇنداق يالغان گەپ قىلىشقا  مەجبۇر بولغان. ئەسلىدە مەن بۇ يەرگە كىلىشتىن بۇرۇن، مۇشۇ يەرلىك بىر تورداشنىڭ «ئىش تېپىپ بېرىمەن» دېگەن گېپىگە ئىشىنىپ، بايرامغا قويۇپ بىرىشتىن  بىر كۈن بۇرۇن «يۇرتقا بارىدىغان ئىشىم چىقىپ قالغان» يالغان گەپ بىلەن رۇخسەت ئېلىپ  كەلگەن ئىدىم. ئەپسۇس! ئۇ تورداش بالاڭزىنى تاپالمىدىم. كەلگەن ئىكەنمەن، قۇرۇق قول قايتسام، بىرمۇنچە پۇل زىيان بولىدىكەن. شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن سوراپ، ئىشلەمچىلەر ئىش كۈتۈپ تۇرىدىغان يەرنى تېپىپ تۇرسام، سىز كېلىپ قالدىڭىز...

- ئائىلىڭىزدە قىيىنچىلىق بارما؟

- ئۇنداقمۇ ئەمەس، ھازىرقى دەۋىردە قىيىنچىلىق بار ئائىلە ئاز... ئائىلىمىزمۇ نورمال،ئېشىپ تېشىپ تۇرىدىغان پۇلىمىزمۇ يوق، لېكىن باشقىلارغا مۇھتاج بولۇپمۇ كەتمەيمىز...

- ئۇنداقتا سىز نېمە ئۈچۈن يۇرتقا بېرىپ، ئاتا-ئانىڭىز بىلەن كۆرۈشمەي، ئۇ توردىشىڭىزغا ئىش تېپىپ بىرىشنى ئۆتۈندىڭىز؟...

- ھەي... سوتچى دېگەن شۇ تىلسىزنىمۇ زۇۋانغا كىرگۈزۈۋېتىدۇ – دە....

ئىككىمىز تەڭلا كۇلۇپ كەتتۇق.

- سىزدىن يۇشۇرۇپ قالغۇلىمۇ بولمىغۇدەك... – مىۋە شەربىتى ئىچىۋېلىپ گېپىنى داۋام قىلدى – گەپنى بېشىدىن دەپ بېرەي. .. مەن بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن ئالىي مەكتەپكە ئۇقۇشقا كىردىم... ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي گەپنىڭ نەق ئۆزىنىلا قىلاي. مەن ئۈرۈمچىلىك بىر قىز بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ قالدىم. ھازىرغىچە بىر يەردە ئولتۇرىمىز. ئۇ قىز تىرىشچان، ئەدەپ ئەخلاق جەھەتتە نۇقسانسىز بولۇپلا قالماي، چىراي جەھەتتىمۇ نۇقسانسىز. شۇنداق بولغاچقا بىرىنچى يىلىلا سىنىپىمىزدىكى خېلى كۆپ ئوغۇل ساۋاقداشلار ئۇ قىزغا ئاشق بولۇپ قالدى. شۇلار ئىچىدە بىر باينىڭ بايۋەتچىسىمۇ بار ئىدى... بۇ بايۋەتچىنىڭ دادىسى خۇسۇسىي شىركەت ئاچقان، يۇرتىدا باي سانىلىدىغان ئادەم بولغاچقا، ھەر ئايدا نەچچە مىڭ كوي پۇل ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. بايۋەتچىمۇ چوڭچى، پۇلنى خالىغانچە خەجلەيدىغان، بولغاچقا بىز ئۇنى بايۋەتچى دەپ ئاتىۋالغان ئىدۇق. ئۇ بايۋەتچىگە سەل شاتىراق قىزلار تولا سۈركىلىپ يۇرىشىدۇ...

- شۇلار ئىچىدە مەنمۇ بار دەڭ...

- ھې ھې ھې ... دەسلەپتە مەن يوق ئىدىم. راستلا مەن ئۆگىنىش بىلەن بولۇپ كەتتىم. يەنە بىر جەھەتتىن مەن يىراق سەھرادا چوڭ بولغان، دېھقاننىڭ بالىسى بولغاچقا، ئۇ قىزغا مەن ھەرگىزمۇ لايىق كەلمەيمەن دەپ ئويلەيتتىم. لېكىن، بىر پارتىدا ئولتۇرغاچقا، ئۆگۇنىش، ۋە باشقا جەھەتلەردە باشقىلارغا قارىغاندە مەن كۆپرەك ئالاقە قىلالايتىىم. 2-يىلى ئالتىنچى ئاينىڭ بىر شەنبە كۈنى مەكتەپتىن بىزنى شەھەر سىرتىغا سەيلىگە ئېلىپ چىقتى. مەن ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ئولتۇرۇشىمغا ئۇ قىزمۇ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى. ئارقىدىنلا، ھېلىقى بايۋەتچە، بىز ئولتۇرغان ئورۇنغا كېلىپ ماڭا قاراپ: «ئاداش!!!.. تۇرە ئورنىڭدىن، سەن ئاۋۇ يەردە ئولتۇرغىن، مەن بۇ يەردە ئولتۇرىمەن» دەپ ماڭا بۇيرۇق قىلدى. ئۇ بايۋەتچىنىڭ مىجەزى ئوسال چوڭچى بولغاچقا، مەن ئارتۇق گەپ قىلماي، ئەمدى . ئورنۇمدىن تۇراي دەپ تۇرسام يېنىمدىكى قىز «نەگە بارماقچى... ئولتۇرۇڭ مۇشۇ يەردە» دەپ ماڭا كەسكىن بۇرۇق قىلدى... مەنمۇ ئەسلىدىلا غۇرۇرۇمنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ بىراق، ئۇ بايۋەتچى بىلەن زاكۇنلشىپ يۈرۈشنى خالىماي باشقا يەرگە يۆتكەلمەكچى بولغاندا، قىزنىڭ بۇ گېپى مېنى بەكمۇ ئوسال قىلىۋەتتى.  شۇڭا مەن يۆتكەلمىدىم. شۇ ۋاقىتتا بايۋەتچى زەردە قىلىپ «قالتىسقۇ!!!... » دەپ قويۇپ ئارقا تەرەپكە كەتتى. ئاپتۇبۇس قوزغالغۇچە مەنمۇ، ئۇ قىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق. ئاپتۇبۇس شەھەردىن چىقىپ بولغاندا ئۇ قىز «يىگىتتەك بولۇڭ...  قاملاشمىغان خۇيىڭىز بارىكىنە سىزنىڭ. بىرى تۇر دېسە تۇرۇپ، ئولتۇر دېسە ئولتۇرىدىغان سىز كىچىك بالىما؟»... بۇ گەپ مېنى بەكمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۇشۇرۇپ قويدى، ئۇ قىز تاكى مەنزىلگە كەلگۈچە بىر ئېغىر گەپمۇ قىلمىدى. دېمىسىمۇ، مەن بىر يىگىت تۇرۇپ، بايۋەتچى ئالدىدا لالما ئىتتەك بولۇپ قالغان ئىدىم.  ئەمەلىيەتتە ئىككىنچى ئوقۇش يىلىدىن باشلاپ مەنمۇ قەلبىمنىڭ بىر يېرىدە ئۇ قىزغا نىسبەتەن ... نېمە دېسەم بولا ئاكا،،،، ھې ھې ھې ...

- ئاشىق بىقارار بولدۇم دەۋېرىڭا... ھا ھا ھا ...

- شۇنداق!... لېكىن، مەن يەنىلا ئۆز ئىچىمدە بىلىپ يۈرگەن ئىدىم...ئاباي دېگەندەك مېنىڭ شارائىتىم، ئۇ قىزغا ماس كەلمەيدىغانلىقىن ئويلايتتىم. ئەمەلىيەتتە، شۇ كۈنلۈك سەياھەت مېنىڭ ھاياتىمدا بىر قىتىملىق زور ئۆزگۈرىش پەيدا بولغان ئەھمىيەتلىك ساياھەت بولۇپ قالدى... بىز مەزنرىلگە بارغاندىن كېيىن، ئىختىيارى پائالىيەتكە ئورۇنلاشتۇردى...

يۈسۈپجان نېمىشقىدۇر گېپىدىن توختاپ، تۈگەي دەپ قالغان مىۋە شەربىتىنى بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىپ بولدى. مەن مىۋە شەربىتىدىن يەنە بىرنى ئېلىپ بىرىپ:

- توختاپ قالدىڭىزغۇ؟... كېيىن قانداق بولدى؟

- ساۋاقداشلار يېقىنلىرى ئۈچتىن تۆتتىن بەزىلىرى لايىقى بىلەن تاغقا چىقسا، بەزىلىرى بىر يەرگە يىغىلىپ، گىتتار چېلىپ ناخشا ئېيىتىشىش بىلەن بولۇپ كەتتى. ئۇ قىز سىنىپىزمىدىكى يېقىن ئۆتىدىغان يەنە بىرنەچچە قىز ساۋاقداشلار بىلەن تاغ تەرەپكە كەتتى. ئۇلارنىڭ ئارقىدىن بايۋەتچىمۇ ئىككى ئوغۇل ساۋاقداش بىلەن ئەگەشتى. مېنىڭ كاللامدا بايامقى خىجىلچىلىقنىڭ سايىسى تېخى يوقالمىغاچقا باشقىلاردىن يىراق تۇرۇشنى توغرا قارىدىم. مەن ئادەتتە كاللامغا بىرەر ئىش بەكرەك تەسىر قىلسىلا شېئىر يېزىپ قوياتتىم... بۈگۈنكى بۇ ئىش ماڭا باشقىچىلا تەسىر پەيدا قىلغاچقا، شېئىر يازماقچى بولۇپ، تاغ قاپتىلىدىكى چوڭ بىر قارىغاي تۆۋىگە كېلىپ شېئىر يېزىشنى باشلىدىم... «نېمىش قىلىۋاتىسىز؟!...» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ بېشىمنى كۆتۈرسەم، ئۇ قىز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ. شېئر يېزىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۇ قىزنىڭ قاچان يېنىمغا كېلىپ قالغىنىنىمۇ سەزمەپتىمەن. «ھە ... قوشاق يېزىپ شۇ...» بۇرۇندىن تارتىنماي گەپ قىلالايتتىم، شۇ ۋاقىتتا تىلىم كالۋالىشىپ، گېپىممۇ راۋان بولماي قالغىلى تۇردى. «ئەكىلىڭا كۆرۈپ باقاي» دېدى. مەن «بولدى كۆرمەڭ، كۆرگۈچىلىكى يوق، سىزمۇ بىلىسىزغۇ مەن بىر ھەۋەسكار» مەن خاتېرىنى يېغىشتۇرۇپ بولغۇچە، قىز قولۇمدىكى خاتېرىنى تارتىپ دېگەندەك قولىغا ئېلىپ، بايامتىن يازغان شېئىرلىرىمنى ئوقۇشقا باشلىدى.

- شۇ ۋاقىتتا يازغان شېئىرىڭىز ھازىرمۇ ئېسىڭىزدە باردۇ؟ ئېسىڭىزدە بولسا ماڭا ئوقۇپ بېرەمسىز؟...

- شۇنداق... ئېسىمدا بار. بىراق قاملاشمىغان شېئىرتى ئۇ.. ھې ھې ھې... شۇنداقتىمۇ ئوقۇپ بېرەي، يۈسۈپجان بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن شېئىرنى دېكىلىماتسىيە قىلدى.

           يۈرۈگۈم ئوتۇڭدا كۆيسىمۇ، بىراق

           ساقلىدىم قەلبىمدا تىۋىشسىز پىنھان.

           تەقدىرىم قىسمىتى كاج بولغاچ ماڭا،

           مەن بەلكىم چېكىمەن بىر ئۆمۈر ھېجران.

- پاھ!!!... قالتىس ئوتلۇق يېزىلىپتىغۇ... مۇشۇلىما؟...

- نەدىكىنى.... يەنە بار ئىدى.. بىراق... بولدى قىلاي ئاكا - يۈسۈپجان بېشىنى قاشلاشلىرىدىن، تولىمۇ ئوڭايسىزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇردۇم.

- راسلا ياخشى يېزىلىپتۇ.،، كېيىن قانداق بولدى؟...

- ئاكا... سىز ئادەمنىڭ ئېچىلماس سېىرىنىمۇ بىلىۋالغۇدەكسىز جۇما!... سوتچىدە سىز... ھې ھې ھې ... قىز شېئىرنى ئوقۇپ بولۇپ «كىمگە ئاتاپ يازغان شېئىر بۇ» دەپ سوراپ قالدى. گەرچە بۇ ماڭا بىرىلگەن بىر قېتىملىق پۇرسەت بولسىمۇ، بىراق مەن يۈرۈكلىك ھالدا كۆڭلۈمدىكىن دىيىشكە يەنىلا ئاجىزلىق قىلىپ، «كىم جاۋاپ يازالىسا شۇنىڭغا» .. دېسەم، ئۇ قىز «مەن يېزىپ باقاي» دەپ، شۇنداق تېزلىكتە بىر كوبلېت شېئىر ئوقۇپ چىقتى. ئاشۇ بىر كوبلېت شېئىر مېنىڭ بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىدەك ھۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىپ. بەدىنىم تىترەپ، تىلىمغا گەپمۇ كەلمەي قالدى.

- ئۇ شېئىرمۇ ئېىسىىزدە باردۇ؟...

- بار... قىسقىسى .... چۈشەنگەنسىز ئاكا...

- چۈشەندىم...

- ئاكا ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ. ئەتە داۋام قىلايمۇ؟

- مىڭ بىر كېچە ئاڭلامدىم ئەمدى... ھاھ  ھا ھا... مەن قولۇمدىكى سائەتكە قاراپ- سائەت ئەمدى سەككىزدىن ئېشىپتىغۇ... داۋامىنى تۈگۈتىۋېتىڭە ئەمدى...

- ئاكا... نېمانچە قىزىقىپ قالغانسىز؟...

- چۈشتىكى گېپىڭىز سەۋپچى بولدى شۇ...

- ئەستا مەنمۇ دىققەت قىلماپتىمەن ئەمەسمۇ... بوپتۇ قىسقا قىلىپ، دەپ بېرەي... ساياھەتتىن قايتىپ كېلىپ، ئەتىسى مەۋسۇملۈك ئىمتىھان باشلاندى. بىر ھەپتە ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق، ئىمتھان تۈگىگەن كۈنى كەچتە مەن يۈرەكلىك بولۇپ، قىزنى تاماققا تەكلىپ قىلدىم. بۇ كۈنى تاماقتىن كېيىن بىز پاراڭلىشىپ قىزنىڭ كۆڭلىدىكىنى ھەقىقىي بىلىپ يەتتىم. بۇنداق كۆڭۈللۈك كۈندە ۋاقىتنىڭ قانداق تېز ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلمەي قاپتۇق. سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا قىز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. مەن ياتاققا كەتتىم. ئەتىسى كەچتە مەن يۇرتقا قايتماقچى بولغاچقا ئۇ قىز بىلەن ئۇزاق پاراڭلاشتۇق. يۇرتقا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ھەر كۈنى ئۇنىڭغا تېلفون قىلىپ تۇردۇم. ئەھۋال مانا مۇشۇنچىلىكلا... بەكلا ئاددىي ئىدى، سىز قىزىقىپ قالغۇدەك ئالاھىيدە ئەھۋالمۇ يۇق...

- يۈسۈپجان سىز گەپنىڭ نەق ئۆزىنى تېخى دېمىدىڭىز. مەن قىزىقىۋاتقان ئەھۋال بۇ ئەمەس. سىز چۈشتە تېلفوندا قارشى تەرەپكە قىلغان گەپنىڭ مەزمۇنىدا خېلى كۆپ يالغان گەپ بار. قارىغاندا سىز بۇ يەرگە كېلىپ پۇل تاپماقچى بولغانلىقىڭىز چوقۇم بىر مۇھىم ئىش ئۈچۈنلىكىنى ھېس قىلدىم شۇڭا مەن سىزگە زۆرۈر بولسا ياردەم قىلىشىم مۇمكىن...

- ئاكا!... مەن ئەسلى يالغان گەپ قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى. مەنمۇ يالغان گەپ قىلىشنى ئادەت قىلمىغان. چۈشتە قىلغان گەپنىمۇ خېلى كۆپ ۋاقىت ئويلىنىپ، كاللامغا تىزىۋالغاندىن كېيىن، شۇنداق قىلدىم.مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ پۇل تېپىشىمدا مۇنداق بىر سەۋەپ بار: ئۇ قىز 26-ئۆتەبر تۇغۇلغان ئىكەن. بۇ ئىشنى يەنىلا ھېلىقى بايۋەتچە ئوبدان بىلىدىكەن. ئۇ بايۋەتچە بايرامدىن نەچچە كۈن بۇرۇن بىزنىڭ ياتاققا كىرىپ، ماڭا ئۆزىنىڭ قالتىسلىقىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولغاندەك 26-ئۆكتەبر ئۇ قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى، ئۆتكەن يىل تۇغۇلغان كۈنىدە بىر تال ئالتۇن ئۈزۈك سوۋغات قىلغانلىقىنى، بۇ يىل بىر تال ئالماس ئۈزۈك سوۋغات قىلىدىغانلىقىنى، مېنىڭ ياتاقدىشىمغا دېدى. بايۋەتچە چىقىپ كېتىدىغاندا ماڭا «بۇرەدەر.. سەن ئاڭ ياخشىسى ھالىڭغا بېقىپ ئىش قىلغىنىڭ ياخشى...» دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ گېپى مېنىڭ غورۇرۇمغا  يەنە بىر قېتىم زەربە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق، مەن ئۇنىڭ بىلەن زاكۇنلىشىشنى خالىمىدىم. پوققا چالما ئاتساڭ يۈزۈڭگە چاچىرايدۇ دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ. ئۇنىڭ سېىنىپىزدا ئۇرۇشمىغان ئادىمىمۇ يوق. ئۇنىڭ ئۆكتەملىكىنى مەكتەپتە ھەممە ئادەم بىلىپ كەتكەن. خېلى چوڭ ئىش چىقارغاندا مەكتەپمۇ نەچچە قېتىم ئاگاھلاندۇرغان. بىراق، دادىسىنىڭ كۈچى بولسا كېرەك ئۇنى مەكتەپتىن ھەيدىۋېتەلمىدى. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇ قىز ئوقۇشقا كىرگەن يىلىلا قولىدا بىر تال ئۈزۈك بار ئىدى. ھازىرمۇ شۇنداق. بۇ ئىشنىڭ راست يالغانلىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، ئەتىسى مەن مۇۋاپىق پۇرسەت تېپىپ، ئۇ قىزدىن تۇغۇلغان كۈنىنى سورىسام ھەقىقەتەن 26-ئۆكتەبر ئىكەن. ئۇ قىز قۇشۇمچە قىلىپ«مەن تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈشنى ياقتۇرمايمەن» دېدى. بايۋەتچىنىڭ سوۋغا قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى سوراش يەنىلا ئارتۇقچە بولغاچقا بۇ گەپنى سورىمىدىم...

- دېمەك سىز شۇ قىزغا سوۋغات  ئېلىش ئۈچۈن بۇ يەردە ئىش قىلىۋاتىسىز شۇنداقمۇ؟

- شۇنداق...

- يۇرتىڭىزغا بېرىپ، ئۆيگە ياردەملەشسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ؟! ھازىرقى بۇ ۋاقىت دېھقانلارنىڭ تازا ئالدىراش ۋاقتى.

- بىزنىڭ يېرىمىز سىزنىڭكىدەك كۆپ ئەمەس. كېۋەزمۇ 5-6 مو كېلىدۇ. بۇنچىلىك يەرگە ئۆيدىكىلەر يېتىشىپ كېتىدۇ. مەن يۇرتقا بارساممۇ دادام مېنى ئېتىز ئىشلىرىغا سالمايدىغان بولۇۋالدى. بېرىش كېلىش كىرا پۇلىمۇ ئۆيدىن چىقىدۇ. بۇنداق قىلسام ئۆيگە بېسىم بولىدۇدە.

- ئۇنداقتا سىز ئۇ قىزغا نېمە ئۈچۈن «مەن ئۆيدە ئۆيدىكىلەرگە ياردەملىشىۋاتىمەن» دەيسىز؟ بۇ ئېنىقلا يالغان گەپقۇ؟! سىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە مۇشۇنداق سەمىمىيەتسىزلىك قىلسىڭىز بولامۇ؟

- ئۇففففف!!.. ئاكا... مېنىڭچە بۇ گېپىم، سەمىمىيەتتىن چىققان يالغانچىلىق. ئەگەر ئۇ قىز، مېنىڭ بۇ يەردە ئىشلەپ پۇل تېپىۋاتقانلىقىمنى بىلسە، ئېنىقلا خاپا بولىشى مۇمكىن. ئۇ قىزنىڭ نەزىرىدە مۇھەببەت ھەرگىزمۇ يۈز ئابروي، پۇل مالدا ئەمەس. ئاباي دېدىمغۇ، بايۋەتچە مېنىڭ ئالدىمدا شۇنداق قىلىۋاتسا، ئەلۋەتتە مېنىڭ يىگىتلىك غورۇرۇمغا زەربە بولىدۇ-دە. كىچىكىنە بىر سوۋغات ماددىي جەھەتتە ئاددىي ئىش. ئەمما، مەنىۋىيجەھەتتە ئەھمىيەتلىك ئىش. يەنە كېلىپ، مەن ئۆيدىن ئالغان پۇلغا ئېلىپ بەرسەممۇ بولاتتى. بىراق، مەن ئۆزۈم ئەجىر قىلماي كەلگەن نەرسە، خۇددى تېپىۋالغان نەتسىنى سوۋغات قىلغاندەكلا ئىش بولۇپ قالىدىكەن. شۇڭا يەنىلا ئەھمىيەتسىز بولىدۇ. مەن ئۆزۈم تەر ئاققۇزۇپ تاپقان نەرسە مەيلى ئئەرزان بولسۇن ياكى قىممەت بولسۇن، مانا بۇ ھەقىقىي ئەھمىيىتى بار...

- سىز نېمە سوۋغات قىلماقچى؟

- ئەگەر جىقراق پۇل تاپالىسام، شۇ پۇلنىڭ ھەممىسىگە قانچىلىك ئالتۇن ئۇزۇك كەلسە شۇنى سوۋغات قىلىمەن... ھې ھې ھې .. بۈگۈن 105 كويغا ئىشلەپتىمەن. ئەتە يەنە شۇنچىلىك تاپسام... ئىشقىلىپ مەكتەپكە قايتقىچە چوقۇم مەن ئۆزۈم رازى بولغۇدەك پۇل تاپالايمەن...

-ئاباي دېدىڭىز، ئۇ قىز تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈشنى ياقتۇرمايدىكەن. شۇڭا،  ئەگەر ئۇ قىز سوۋغاتنى ئالمىسا قانداق قىلىسىز؟

- مېنىڭچە ئالىدۇ. چۈنكى ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ. مېنىڭ سوۋغات بېرىشىم، نۇقۇل تۇغۇلغان كۈن ئۈچۈنلا ئەمەس. بۇ بىزنىڭ مۇھاببەت كەچۈرمىشىمىزنىڭ خاتېرىسى.

- ياخشى... يارايسىز!!!... ئۇكام!.. بۈگۈنكى كۈندە مۇھەببەتكە سادىق، قارشى تەرەپكە ۋاپادارلىق قىلىدىغانلار بەك ئازلاپ كەتتى. مەن ھەر كۈنى بىرنەچچە دېلونى قوبۇل قىلىمەن. تولىسى نىكاھتىن ئاجىرىشىش. نىكاھتىن ئاجىرىشىشقا سەۋەپ بولىۋاقتن مەسىلەنىڭ كۆپىنچىسى پۇل مال... بىراق، سىلەرگە بەخت يار بۈلسۇن.

- رەھمەت ئاكا... گەپنىڭ ھەممىسىنى دەپ بولدۇم. چۈشتە قىلغان گەپنىڭ سىرى مانا مۇشۇنچىلىك...

- بىلدىم... سىزنىمۇ چارچىتىۋەتتىم. ئارام ئالايلى.


2014-يىل 11-ئاي (كورلا)



ئەسكەرتىش: ياقتۇرغانلار، ئاپتور ئىسمى ۋە مىسرانىم تور بېكەت ئادرىسىنى ئۆزگەرتمەي، ھەرقانداق سالۇن، تور بېكەتكە يۆتكەشكە بولىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-13 11:11 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87585
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 361 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 11:57:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر بوتۇلكا ئىچىملىك بىلەن ئۇ بالىنى سايرىتىۋىتىپسىز.شۇنداق قىلىپ قايتىدىغاندا قانچە پۇلغا ئىشلىدى ئۇ بايقۇش؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 750
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5050
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3080 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 12:11:40 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى ئىسسىق ئۆتۈشۈپ كەتكەن بولسا قىزنى دوختۇرغا ئاپاغىلى پۇل لازىم بولدى دېمىگىدى دەپ ئەنسىرەپ تۇرغان ئاخىرى ياخشى چىقتى !
ئا يىگىت نېمىدىگەن يوۋاش ، ئاشۇنداق ياخشى كۆرىدىغان قىز بولسا تاراس تاراس ئىككى مۇشنى ئېتىۋەتكۈلۈك ئانىڭدەك لۈكچەك بايۋەچچىلەرگە ! نەدە ئاشۇنداق لودا ئاتالغانلار ئەمەلىيەتتە قورقۇنچاق كېلىدۇ ، ئۇ قەلبىدىكى قورقۇنچنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن شۇنداق قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى پىروگراممىلاپلا قورقۇتىۋالىدۇ ، ھېچكىم بىلەن ئۇرۇشمىسىمۇ ئېغىزدىن ئېغىزغا لاۋدا دەپ يۆتكىلىپ لاۋدا بوپقالىدۇ ! ئۇدۇل مۇشتىن قورقىدۇ ، تەھدىت سۆزىگە ماھىر !

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87585
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 361 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 12:16:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izdinish يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 12:11 PM
مەن تېخى ئىسسىق ئۆتۈشۈپ كەتكەن بولسا قىزنى دوختۇرغا ئا ...

پورتىمال ئورۇقكەن ئەمەسمۇ؟
ھازىرئۇرغان نوچى ئەمەس..تاراق يىگەن  نوچى .
ئىككىنى سالغاننىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك قىزىل قەغەز چىقسا بولا يانچۇقتىن؟
پۇلى بار ئادەم ۋالاق ۋۇلۇق ئۇرۇپ قويغان بىلەن پۇل تۆلەپ ئىشلارنى جىمىقتۇرىدۇ.
شۇڭا نوچىلىقنى ئەھۋالغا قاراپ قىلغان ياخشى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81718
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4162
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 383 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 12:41:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەخىت كىلىدۇ نەدىن ،
پىشانەڭىدىكى تەردىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1866
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 934 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 12:55:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ياخشى چىقىپتۇ،ئەمىلىي تۇرمۇش كاتنىسىنى تەسۋىرلەپسىز....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 01:15:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مۇھەببەتسىز كىشىگە يازمۇ قىشتەك تۇيۇلار ،
  مۇھەببەتلىك كىشىگە قىشمۇ يازدەك تۇيۇلار . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yagaqqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-13 01:15 PM  


بۇ ئۆمۈرنىڭ خوشلىقى،چىن يۈرەكن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1243
يازما سانى: 693
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10276
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 914 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 01:44:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەكتەپتىكى مۇھەببەت ...................
.......
.......
.......

ئۆلۈمگە بىغەممەن،
كىسەلگە ھۇشيار.
قايغۇدىن بىزارمەن،
شادلىققا خۇشتار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 999
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3757
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 01:50:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



        ماۋزۇنى ئۆزگەرتىپ، تىنىش بەلگىلەرنى توغرىلاپ ۋە بىر قېتىم پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقسىڭىز خېلى تەسىرلىك ئەىسەر بولۇپ، قەغەز مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغىلى بولىدىكەن. تىنىش بەلگىدە مەسىلە كۆپ... مەسىلەن: ئاپتور سۆزى بىلەن پىرسوناژ، يەنى سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزلىرى ئومۇمەن ئايرىلمىغان. سىزگە ئامەت يار بوغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6214
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 02:44:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى تەسىرلىك مۇھاببەت ھېكايسى بوپتۇ

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش