|
|
|
|
تەكشۈرگۈچى ماشىنا تارىختا بىرىنچى قېتىم كومېتاغا قوندى
تاشپولات روزى
لوس ئانجېلېس شەھىرى ئۈستىدىكى كومېتا
بۈگۈن يەنە 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ياۋروپا ئالەم كېمە ئورگىنى، 10 يىلنىڭ ئالدىدا قويۇپ بەرگەن روسەتا دەپ ئاتىلىدىغان ئالەم كېمىسىدىن ئېتىلغان كىچىك تەكشۈرۈش ماشىنىنىڭ، كومېتا (قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز) نىڭ ئۈستىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك چۈشكەنلىكىنى جاكارلىدى. روسەتا ئالەم كېمىسى بۇ كومېتاغا 3 كىلومېتىرغىچە يېقىنلىشىپ ئاندىن ئۆزى ئېلىپ كەلگەن كىچىك تەكشۈرگۈچى ماشىنىنى كومېتاغا قويۇپ بەرگەن. بۇ كىچىك ماشىنا كومېتانىڭ ئۈستىگە قونغاندا ئىككى قېتىم قاڭقىپ كەتكەن بۇنداق بۆلىشى بۇ كومېتانىڭ تارتىش كۈچى ناھايىتى ئاجىز ئىكەن. بىراق ئۇ ئېتىراپىغا ئۆزىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان قوزۇقلارنى قېقىپ ھازىر مۇقىم ھالەتكە كەلگەن.بۇ تەكشۈرگۈچى كىچىك ماشىنىنىڭ كومېتاغا قونۇشى تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
كومېتا دېگىنىمىز ئاساسەن مۇزدىن تەركىب تاپقان قۇياش سىستېمىسىدىكى كىچىك جىسىم بولۇپ، ئۇ قۇياشنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن ۋاقتىدا ئىسسىپ مۇز پارغا ئايلىنىپ، كومېتانىڭ ئاتموسفېراسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ ئاتموسفېرادىن ئېتىلىپ قېچىپ چىققان پار، كىچىك تاش ۋە پاسكىنا نەرسىلەر كومېتادا قۇيرۇق ھاسىل قىلىدىكەن. بۇ قېتىم تەكشۈرۈش ماشىنىسى قونغان كومېتانىڭ ئىسمى <<67P/C–G>> دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنى رۇسىيەلىك قازاقىستاندا بايقىغان ئىكەن. ئۇنۇڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 4 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بۇ كومېتانىڭ مەركىزى قۇم ۋە كىچىك تاشلاردىن تەركىب تاپقان مۇز جىسىم ئىكەن. بۇ كومېتادا قۇياش سىستېمىسى ھاسىل بولغان 4.6 مىليارد يىل بۇرۇنقى ماددىلار بۆلىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا. بۇنداق بولسا ئىنسانلارنىڭ قۇياش سىستېمىسىنىڭ تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە بولغان جەريانلىرىنى، يەر شارىدىكى سۇنىڭ ۋە ھاياتلىقنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەلىرىنى بىلىشىگە كوپ ياردەمدە بولىدىكەن.
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز.
http://www.nbcnews.com/science/space/historic-europes-philae-probe-lands-comet-317-million-miles-away-n246671
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-13 10:50 AM
|
|
|
|
|
|