ئەر بولساڭ
رۇستەم قاراسۇ
ئەركەك بولساڭ ئالدىدا دە سۆزۈڭنى،
ئارقىسىدىن غەيۋەت قىلما ئەر بولساڭ.
تەڭشەپ تۇرغىن ئادىمىيلىك تۇزۇڭنى،
ئارقىسىدىن غەيۋەت قىلما ئەر بولساڭ.
قېسىپ يۈرمە ھېلە بىلەن كۆزۈڭنى،
ئۆزگىلەر شىر ئەر چاغلىساڭ ئۆزۈڭنى،
تۆكمەي دىسەڭ ئەل ئالدىدا يۈزۈڭنى،
ئارقىسىدىن غەيۋەت قىلما ئەر بولساڭ.
ئتنىڭ خۇيى ئارقىسىدىن كاپ ئىتىش،
نامەرت ئىشى بىر نان تاپسا داپ ئىتىش،
ئېسىل ئەخلاق يات ئەيپىنى ياپ دىيىش،
ئارقىسىدىن غەيۋەت قىلما ئەر بولساڭ.
ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ئۆزىگە،
لىكىن سالما ئەل بار يەردە يۈزىگە،
قولدىن كەلسە باشلا يولنىڭ تۈزىگە،
ئارقىسىدىن غەيۋەت قىلما ئەر بولساڭ.
گاھى ئازار ھەقىقەتكە يەتكىچە،
قۇسۇر ئىزدەپ يۈرمە تاڭدىن-كەچكىچە،
بۇ دۇنيادىن ئاخىرەتكە كەتكىچە،
ئارقىسىدىن غەيۋەت قىلما ئەر بولساڭ.
رۇستەم قاراسۇ 2014.يىل11.ئاي ئاتۇش