تونۇپ يەتتىم
ھەسەنجان ئۆمەر
يېنىمدا سېردىشىم يوقتۇر،ئۆزۈم يالغۇز پىچىرلايمەن،
ئاشالمايمەن غېرىچ يەردىن،قۇرۇتتەكلا قېمىرلايمەن.
قاشاڭلاشتى ئەقىل-ھۇشۇم،چىلاشتى سۇغا مەخسەتمۇ،
جۇدۇندا قاڭقىغان ياپراق كەبى ھەر ياق تېپىرلايمەن.
توپا ئۆرلەيدۇ چېھرىمدىن،كۆزۈمنىڭ نۇرى ھەم ئۆچتى،
شالاقلاپ كەتتى جىسمىممۇ،بۇزۇق شىكتەك غېچىرلايمەن.
سەۋەپ شۇلكى،ۋۇجۇدۇمدا يېتىلدۈردۈم نىجىس مىكرۇپ-
غاجاپ چاشقان كەبى ھەركىم كەينىدىن كىتىرلايمەن.
ماڭا ئۇ ئاز،تونۇپ يەتتىم!ئېتىپ مىكرۇپقا لەنەت ئوق،
تېپىپ سېرداش ۋەتەن-ئەل دەپ، كېچە -كۈندۈز مىدىرلايمەن.
مەنبە؛ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قورغان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-12 04:59 PM