چۇلۇقايدىكى سۇ تۈگمەنلەر ھەققىدە
( يازغۇچى :ئابدۇرىھىم تۇردى، كۆچۈرگۈچى : ئابدىغۇپۇر ئەبەيدۇللام .) 2014 - 11 - 12- كۈنى .
ئىلى غۇلجا ناھىيەسى چۇلۇقايدىكى سۇ تۈگمەن، سۇ كۈچى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان بولۇپ : - بۇعداي ، قوناق ، ئارپا قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى ئۇن قىلىپ تارتىش قۇرۇلمىسى بولۇپ ، قۇرۇلما جەھەتتىن چۈشۈرگە ، نو ،چاقپەلەك ، سۅگەن ،تاش، پاقىلىق ،يەمچۉك ،چىقىلدۇرۇق ، قۇلاق ،ئەلگەك ،حامپا قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدۇ . رايۇنىمىزدا سۇ تۉگۅرمەننىڭ ئىشلىتىش تارىخى ئۇزۇن. ئۇلۇع ئالىم مەخمۇد كاشىغەرىنىڭ ‹‹ تۉركى تىللار دىۋانى››-دا سۇ تۈگمىنىگە ئائىت بىر قىسىم سۆز-ئاتالعۇلار بولۇپ،شۇ سۆز-ئاتالغۇلار - ئاتا بۇۋىلارنىڭ بۇندىن 1000 يىللار بۇرۇن سۇ تۉگىمەندىن پاايدىلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۈ ؛ لىكىن 1970- يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، سەلەركىنى يېقىلغۇ قىلغان ماتۇرلۇق دىۋگاتىللارنىڭ ياردىمىدە ھەركەتلىنىدىعان تۇك تۈگىمەنلەرنىڭ بارلىققا كىلىشى نەتىجىسىدە سۇ تۉگىمەن بارا - بارا بىز بىلەن حوشلاشتى .شۇنداقتىمۇ سۇ تۉگىمەن كىشىلەرنىڭ يادىدىن چىققىنى يۇق . شۇڭلاشقىمۇ ساي سۉيىنى ئاساس قىلىپ ، ئىلگىرى ئوننەچچە سۇ تۈگىمەن ماڭدۇرۇلعان . شۇڭا چۇلۇقاي يىزىسىدىكى ‹‹ تۉگمەن بىشى ›› دىگەن يەرنامىمۇ شۇنىڭدىن قالعان .
چۇلۇقاي يىزىسىدا ياشاپ ئۉتكەن يىزا شائىرى :-ئارۇپ قاسىم 1930- يىللاردا يازعان ‹‹ چۇلۇقاي ›› ناملىق شىئىرىدا :-
‹‹ بۇ، چۇلۇقاي عولىنىڭ ئاعزى شاماللىق ياخشى جاي ،
چوڭ مەھەللە ، يەتتە مەسچىت حەلقى ئوبدان ياخشى باي .
ئۈستى بىنەم ، ئاستى ئۉلكە ، مىۋىلىك باع ئورتىدا ،
كۈنچىقىشتىن سۇ ئاقادۇر ، قىردا تۉگىمەن ، ئاستى ساي .››
چۇلۇقاي ساي سۈيىدە ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ 12 سۇ تۈگىمەن ماڭدۇرۇلعان .
بۇلارنى مەن قىسقارتىپ تۆۋەندە ئىسمىنىلا ئاتاپ بىرىمەن.
ئەسلى نۇسقىسىنى ‹‹غۇلجا ناھيىسى تارىخى ماتىرياللىرى -4 - قىسىمى ›› -دىن كۆرگەيسىلەر.
1- ئەسپەر باينىڭ تۈگمىنى -- ( 1930-يىللاردا ، كىيىن ھۈسەن دىگەن كىشى ماڭدۇرۇپ ، 1970-يىللارعىچە ماڭدۇرۇلعان ) .
2- مەخسۇم ‹‹ سوت ›› نىڭ تۈگمىنى :- ( ئىجارە كىمەيتىش ، ، يەر ئىسلاھاتى مەزگىلىدە باغ قوشۇلۇپ، كەمبەعەل ئەۋىلقان قازاققا تەقسىم قىلىنىپ ، 1956- يىللىرىعىچە ماڭدۇرۇلعان.
3- ئەھەت باقىنىڭ تۈگمىنى :- ( دادىسى
نورۇز باقى ياساتقان 1975 -يىلىعىچە ماڭدۇرۇلعان).
4- مۆمىن ئاخۇننىڭ تۈگمىنى :- ( 1930 -يىلىدىن 1958 - قۇرۋانجان نامى بىلەن مىڭىپ كامۇنىدا ۋەيرانە بولغان )
5- مەخپىرنىڭ تۈگمىنى - ( ھاكىمبەگ عوجۇنىڭ چوڭ پاشا عوجا مەخپىر دىگەن كىشىگە ياسىتىپ ، كىيىن ئوغلى ساليدىندىن كوللۇكتىپقا قالغان ).
6- نۇراخۇن باينىڭ تۈگمىنى :-(1930 -يىلىدا ياسىلىپ، ئوعلى مۇتەھىرگە قىلىپ ، كىيىن كاللىكتىپ ئالعان ).
7- رەخىمنىڭ تۈگمىنى : - بۇ ، تۈگمەن ئازادلىقتىن بۇرۇن ياسىلىپ ، 1990 يىللىرىعىچە مىڭىپ، ھازىرعىچىە ئورنى بار
8- نىزەر شاڭيۇنىڭ تۈگمىنى :- (ئىجارە كەمەيتىش ، يەر ئىسلاھاتى مەزگىللىرىدە مۇسادىرە قىلىنىپ ،يىڭى مەلىگە بىرىلگەن .)
9- ئىمەرنىڭ تۈگىمىنى :- ( ئۉزى ياساپ، 1980 -يىلىعىچە ماڭغان )
10- عوپۇرنىڭ تۈگمىنى :- ( ئازاتلىقتىن بۇرۇن ياسىلىپ، 1959 - يىلى ئۉمەر ياعاچچى قايتىدىن ئۉزگەتىپ ياسىغان ).
11 - كامال موللىنىڭ تۈگمىنى :- ( 1940 -يىللىرى ياسىتىپ ، 1976 -يىلىعىچە ئىشلەتكەن ).
12 - قادىراحۇننىڭ تۈگمىنى : - ( ئازاتلىقتىن بۇرۇن ياساپ، ئوعلى قاھار نامى بىلەن 1956 - يىلىعىچە ماڭعان ) .
عۇلجا ناھىيسى تارىخى ماتىرياللىرىدىن كۆچۈرۈلدى ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-12 03:26 PM