|
|
|
|
ئاتۇش شەھەر ئاغۇ يېزا ئوقۇتۇش رايونى يېزا بويىچە ئۈلگىلىك دەرس ئۆتۈش ئورۇنلاشتۇردى ئاتۇش شەھەر ئاغۇ يېزا ئوقۇتۇش رايونى ھەرقايسى مەكتەپ خەنزۇتىلى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇش، ئەڭ ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە، 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاغۇ يېزا ئاچچىق كەنىت باشلانغۇچ مەكتەپتە يېزا بويىچە خەنزۇتىلى ئەدەبىياتىدىن بىر سائەت ئۈلگىلىك دەرس ئورۇنلاشتۇردى. ئاغۇ يېزا ئاچچىق كەنىت باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئۈمىدە مۇتىللا خانىم 4-يىللىق 1-قىسىم خەنزۇتىلى ئەدەبىيات دەسلىكنىڭ 20-دەرسى يەنى ‹‹قەدىمكى ئىككى شېئىر››دېگەن دەرسنى ئۆتتى. بۇ قېتىمقى يېزا بويىچە ئۈلگىلىك دەرىسكە يېزىلىق ئوقۇتۇش-تەتقىقات خىزمىتىگە مەسئۇل خادىم سەيدۇللا ئابدۇغۇپۇر ۋە رىيانگۇل نۇر ،قۇربانجان ئابىلقاتارلىقلار يىتەكچىلىك قىلدى. ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىق خەنزۇتىلى ئەدەبيات ئوقۇتقۇچىسى ، خەنزۇتىلى گورۇپپا باشلىقى ۋە باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ 20نەچچە نەپەر ئوقۇتقۇچى قاتناشتى. ئۈلگىلىك دەرس ھازىرقى زامان ئىلغار ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ يېڭىچە ھەم قىزىقارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلنىپ ناھايىتتى جانلىق، مۇۋاپپىقيەتلىك ئۆتۈلدى. دەرس تۈگىگەندىن كېيىن، ھەرقايسى ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇ دەرسكە قارىتا ئۆزىنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرى ۋە قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك ئارتۇقچىلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ياخشى باھالارنى بەردى. بۇ قېتىمقى ئۈلگىلىك دەرس ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار ئۆز-ئارا ئالاقە باغلاپ، ئوقۇتۇش تەجىربىللىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۆز-ئارا ئۆگىنىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. مەكتەپ ئوقۇتۇش-تەتقىقات خىزمەتلىرىدە ئۈلگىلىك دەرسنىڭ رولىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ يەتتى. خەۋەرنى يېزىپ تەمىنلىگۈچى: ئاتۇش شەھەر ئاغۇ يېزا ئوقۇتۇش رايونى ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىشخانىسىدىن: رىيانگۇل
(يۇقارقى 1-رەسىم:ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئاڭلىماقتا. 2-رەسىم: ئوقۇتقۇچى دەرسنىڭ مەشىقلەندۈرۈش قىسمىدا بالىلارغا شېئىرنى دىكلاماتسىيە قىلدۇرماقتا. 1-2-رەسىم فوتوسى: سەيدۇللا ئابدۇغۇپۇر
3-رەسىم: دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە نىشانىنى ئوتتۇرغا قويماقتا. 3-رەسىم فوتوسى: ئاتۇش شەھەر ئاغۇ يېزا ئاچچىق كەنىت باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى: ئابدۇغېنى ياسىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-12 03:14 PM
|
|
|
|
|
|