پەندىيات
ئابدۇرېھىم زۇنۇن
دىلىمنى مەھلىيا ئەيلەپ، دېدىڭ: سۆي-چەك قېنى، يارىم،
شوراپ بىر نەچچە رەت، كۆردۈم سۆيۈشكە باب سېنى يارىم.
قولۇم ھېچ ئىشقا بارمايدۇ يېنىمدا بولمىساڭ ئەمدى،
ئۇتۇپ مەيلىمنى، ئىلكىڭگە تامام ئاپسەن مېنى يارىم.
بۈگۈن سەنسىز قەلەمقاشلىق گۈزەل گۈللەرگە رايىم يوق،
قىلالماس رام مېنى ھەتتا تۆگە، ئاتنىڭ سېنى يارىم.
ساڭا قانماي سەھەر-ئاخشام لېۋىڭگە لەۋ يېقىپ سۆيسەم،
كېچە بولدى تۇرار جايىڭ يەنە ياستۇق يېنى يارىم.
بولۇپ ھەمراھ ماڭا كۈن-تۈن سۆيۈشكە ئەيلىگەچ دەۋەت،
توشۇپ ئەخلەتكە، قاتتى بۇ تومۇرنىڭ ساپ قېنى يارىم.
قېچىپ قان، ئالدى مەڭزىم رەڭ ھەپەش، زەڭگى چىرايىدىن،
يۈرەك مۇزلاپ، يوقالدى پۇت-قولۇمنىڭ جان-جېنى يارىم.
غىژىلداپ گال، چىڭىپ ئۆپكەم ئالالمايمەن نەپەس ئەركىن،
ئىكەنسەن ئۇز-گۈزەل ئالۋۇن، زەھەر-ئوغا كېنى يارىم.
ھەۋەس دەرياسىغا شۇڭغۇپ سۆيۈپ سەندەك شاياتۇننى،
شامال سوققان غازاڭ بولدى پېقىرنىڭ بۇ تېنى يارىم.
ھىيلەڭ پاش بولدى، ئاخىر «ئاھ، ئىست!» دەپ مىڭ پۇشايمان يەپ،
دېدى ئابدۇرېھىم: ۋاي داد! تالاق قىلدىم سېنى يارىم.
مۇشائىرەدىن پۈتكەن پۈتۈكلەر
ئاقمايدىكەن ئىشلىرىڭ ياش ئەللىكتىن ئاشقاندا،
كۆپىيىپ «ئىش-پىش»لىرىڭ ياش ئەللىكتىن ئاشقاندا.
قىسقا كۆكلەم، يازلىرىڭ، جۇدۇن ئۆيگە سولايدۇ،
شۇنچە ئۇزۇن قىشلىرىڭ ياش ئەللىكتىن ئاشقاندا.
كۈچۈڭ يەتمەس يېيىشكە مەززە قىلىپ نېمەتنى،
تۆكۈلىدۇ چىشلىرىڭ ياش ئەللىكتىن ئاشقاندا.
قىرانلىقتا ــــ شاشلىقتا تاشنى چايناپ ئەزسەڭمۇ،
ئۇۋالار تەن خىشلىرىڭ ياش ئەللىكتىن ئاشقاندا.
ئابدۇرېھىم بېشىڭدىن ئۆتتى تالاي كەچمىشلەر،
قىزىماس تېز پىچلىرىڭ ياش ئەللىكتىن ئاشقاندا.
سەن ئۈچۈن
ئەڭ بۈيۈك تاغلارنى يۆتكەي سەن ئۈچۈن،
گۈلباھار چاغلارنى يۆتكەي سەن ئۈچۈن.
دەپ : كۈنۇ تۈن ئەيلىسۇن بۇلبۇل ناۋا،
لالىزار باغلارنى يۆتكەي سەن ئۈچۈن.
بىر ئۆمۈر چۆمسۇن زەپەر نۇرىغا، ـــ دەپ،
قارا مەڭ، داغلارنى يۆتكەي سەن ئۈچۈن.
تال چىۋىقتەك بويلىرىڭدىن ئايلىنىپ،
بۆرتىگەن ياغلارنى يۆتكەي سەن ئۈچۈن.
نەچچە يەردىن بەلنى باغلاپ، چىڭىتىپ،
باغلىقىم-باغلارنى يۆتكەي سەن ئۈچۈن.
يوللىرىڭدا قالمىسۇن پۇتلاش، دىۋار،
نۇرغا ئۆچ زاغلارنى يۆتكەي سەن ئۈچۈن.
سەن بىلەن بىر جانۇ تەن ئابدۇرېھىم،
چىشلىرىم، جاغلارنى يۆتكەي سەن ئۈچۈن.
شۇ كوچاڭ
دەپ: ئۇزاق يول باشلىنىدۇ يېقىندىن،
چۆرگىلەيمەن مەھەللەڭنى، كېتەلمەي.
بوسۇغاڭنى تاۋاپ قىلىپ دىلىمدىن،
ئاۋارىمەن ۋىسالىڭغا يېتەلمەي.
ئاھ، ئۈزەلمەي شۇ كوچاڭدىن رىشتىمنى،
كۆيدۈم لاۋا بولۇپ، ساڭا كۆيگەندەك.
تارتىپ تۇرغاچ ماگىنىتتەك رايىمنى،
سۆيۈپ كەلدىم گويا سېنى سۆيگەندەك.
تونۇش بولۇپ كەتتى ماڭا بەش قولدەك،
مەھەللەڭنىڭ ھەتتاكى ئىت، مۈشۈكى...
ياۋاش-يۇمشاق شۇلارغىمۇ مەن قۇلدەك،
بولدى پېشىم ئىللىق، يۇمشاق تۆشىكى.
گۈل پۇراپ مەست قىلىدۇ ھەر چالمىسى،
ئۇچۇپ تۇرغان ماناندەك چاڭ-توپاڭنىڭ.
سۆيگەچ سېنى دەپ سەمەرقەنت ئالمىسى،
تەڭدىشى يوق ئالەمدە شۇ كوچاڭنىڭ.
شۇ كوچاڭدا تەڭداشسىز بىر سېھىر بار،
شۇندا بولسام جۇتنى باھار سېزىمەن.
شۇ كوچاڭدا پۈتمەس سۆيگۈ-مېھىر بار،
شۇڭا ئەگىپ كېتەلمەستىن كېزىمەن.
چاچما ئوقتەك چېچىلدۇق
بىز بىر قورساق يەتتە قېرىنداش،
ئىدۇق گويا بىر توپ ئەركە شىر.
بولغاچ ئۇ چاغ پەدەرىمىز باش،
بىلىنمەيتتى تاغمۇ يوتا - قىر...
توسالمايتتى ئۆتكەل ـــ تىك قىيا،
تەڭ باش قوشۇپ تۈرەر ئىدۇق يەڭ...
جاپا بولسا سەزگۈر ئوۋ گويا،
يا ئوقىدەك ئېتىلاتتۇق تەڭ.
...........................
يول باشچىلار ھالىدىن كېتىپ،
سەپتىن چۈشۈپ قالدى بىر- بىرلەپ...
بۆلۈپ تەقدىر قىسمەت ئوق ئېتىپ،
ھاياتلارنى قويدى قەسىرلەپ...
چاچما ئوقتەك چېچىلدۇق ھەريان،
ئوۋ ئوۋلىدۇق ئۆز ئالدىمىزغا.
ئەگەشتۈردۇق توپ - توپ ئارسلان،
(توپ باش بولدۇق ئۆز ئالدىمىزغا.)
.........................
پەلەك چاقى ئايلىنىپ پىر - پىر،
ئەگەشكۈچى بولۇپ قالدۇق باش.
يېشىلەركەن بارچە تۈگۈن - سىر،
ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ قۇياش...
جۇتسىز بولماس ھاياتلىق
كۈز شامىلى كېزىپ چەكسىز دالانى،
گۈل- گىياھنىڭ شاخلىرىدا چالدى نەي.
نەشتەر ئۇرۇپ يۈز-كۆزگە جۇت ـــ ھەرىلەر،
گۈزەللىكنى قىر-چاپ قىلىپ ئۆتتى ھەي!...
كۆك يۇلغۇنلار چىلان رەڭدە كىيدى تون،
توغراقلاردا چاقنىدى زەر تەڭگىلەر.
مورىلاردىن كۆككە قويۇپ بەردى ئىس،
سەھرادىكى «ئوچاق» ئاتلىق بەڭگىلەر.
مەپتۇن بولدى مېھرى بىلەن ئوچاققا،
يېزىچە سۇ ئۈزگەن كەپسىز بالىلار...
ئۈزۈم تېلى قەبرىلەندى يىقىلىپ،
سېلىۋەتتى ئەگنىنى كەڭ دالىلار...
دېمەك، پۇشتەك چالدى كەچ كۈز ئۈششۈكى،
ئۆچىكىگە تەقىپلەندى جانىۋارلار.
جۇت ئالەمگە رەئىس بولۇپ سايلاندى،
كۆمەر ئەمدى ھەممە يەرنى مامۇق قار.
كېتەر ئانا يەرمۇ قىشلىق ئۇيقۇغا،
دەريا-كۆللەر بولغاي قېتىپ ناۋاتلىق...
ئاياز ئۆتسە سولغان گۈللەر جىلمىيار،
بولماس ئەسلا جۇتسىز يېڭى ھاياتلىق.
ياش ئەللىكتىن ئاشقاندا
تاغ بولىدۇ كەچمىشىڭ ياش ئەللىكتىن ئاشقاندا،
تولا غەمگە پېتىشىڭ ياش ئەللىكتىن ئاشقاندا.
زەيلەپ تېمىڭ مۈكچىيىپ، كېتەر ئىسلاپ تۈۋرۈكلەر،
چۇۋۇلىدۇ بېدىشىڭ ياش ئەللىكتىن ئاشقاندا...
ئوغۇل ئۆلەپ، قىزىڭنى ياتلىق قىلىپ، دوڭغاقلاپ،
ئۇپرار قاتراپ كېپىشىڭ ياش ئەللىكتىن ئاشقاندا.
باشنى ئوچاق قىلىدۇ ھەردەم ئۇلۇغ-ئۇششاقلار،
يۈگۈرتىدۇ «چىۋىش»ىڭ ياش ئەللىكتىن ئاشقاندا.
بۈگۈن تۇرساڭ سالامەت، ئەتە-ئۆگۈن سۆلۈڭ يوق،
يۇمشايدۇ پەي- قىيىشىڭ ياش ئەللكتىن ئاشقاندا.
بىر كۈن ياخشى، ئىككى كۈن ئەلەڭ-سەلەڭ يۈرىسەن،
سىڭمەس تاتلىق يېمىشىڭ ياش ئەللىكتىن ئاشقاندا.
ئىدى كۆكلەم ئۇز چېغىڭ پاشالىقىڭ ــــ ياشلىقىڭ،
ئۆچىدۇ گۈل ــــ نەقىشىڭ ياش ئەللىكتىن ئاشقاندا...
قولى ئوچۇق سەھرالىق
كەل، تاپ بۇندىن سېخىنى، قولى ئوچۇق سەھرالىق،
بېرەر بىرگە ئىككىنى قولى ئوچۇق سەھرالىق.
تۆكمە قوغۇن-تاۋۇزى، يەل-يېمىشى، ... كۈتىدۇ،
يايراپ، دەۋەر: «قېنى»نى، قولى ئوچۇق سەھرالىق.
مەيلى باھار، تومۇز، كۈز، قىشتا مېھمان بولۇپ كەل،
كېسەر مالنىڭ بېشىنى قولى ئوچۇق سەھرالىق.
«ۋاي» دېمەيدۇ يېتىپ يەپ، مايسىلارنى چەيلىسەك،
ئېلىپ كەتسەڭ سېنىنى①، قولى ئوچۇق سەھرالىق.
ئۇسسىساڭ كىر ئۆيلەرگە، بېرىدۇ بال ئىگىسى،
نەق قىلىدۇ نېسىنى، قولى ئوچۇق سەھرالىق.
سەمىمىيلىك مىزانى، بىلمەس ھىيلە-مىكىرنى،
بېرى ئەيلەر نېرىنى، قولى ئوچۇق سەھرالىق.
ئادىل ئېلىم - بېرىمدا، يارار قىلنى قىرىققا،
كۆر چار ساقال سەبىينى، قولى ئوچۇق سەھرالىق.
چوققىدىكى پاكىز قار، ئاق كۆڭۈل زەر كانى ئۇ،
تاپىسەن چىن كىشىنى، قولى ئوچۇق سەھرالىق.
چاللار ـــ خىزىر، كەمپىرلەر پەرىشتىدۇر مىسالى،
كۆر، سەھرادا نەبىينى②، قولى ئوچۇق سەھرالىق.
دەيدۇ: ساپ دىل، مەرد، سېخىي، ئىشچان، كۆڭلى دېڭىزدەك،
يەر ئىگىسى، زەكىينى قولى ئوچۇق سەھرالىق.
ئابدۇرېھىم خۇلاسسە كالامىدا ئېيتىدۇ :
باقار ئەبەد جىمىنى قولى ئوچۇق سەھرالىق.
①يېرىمىنى دېگەن مەنىدە؛ ② تەڭرىنىڭ ئەلچىسى، پەيغەمبەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-12 03:04 PM