مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1364|ئىنكاس: 9

نىران خانىدانلىقى (ئۈچۈنچى بۆلەك) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-12 02:40:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نىران خانىدانلىقى
(تارىخى ھېكايە)
aychiwer.jpg

(21)
ئايچىۋەر كەتكەندىن بېرى ئەركىننىڭ قولى ئىشقا بارمىدى. ھەر كۈنى ھېلىقى ئېگىز دەرەخكە چىقىپ ئەتراپنىڭ مەنزىرىسىگە قاراپ ئولتۇراتتى. نېمىشقىدۇر كۆڭلىدە ئايچىۋەر بىر كۈنلەردە ئورمانلىقنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن كېلىدىغاندەكلا ھېس قىلاتتى. مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزىگە نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى.
ئايچىۋەر ئوردىغا قايىتىپ كېلىپ ئىشلارنى بىرەر قۇر ئورۇنلاشتۇردى، قالغان ئىشلارنى ئابدۇراھمانغا تاپشۇردى. ئۇ بۈگۈن كونا ئادىتى بويىچە ئارقا ھويلىدىكى گۈللۈككە كېلىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خىيالغا پېتىپ كەتتى. خىيال ئەينىكىدىن قۇيۇق ئورمانلىق، ئەركىن، ئېگىز دەرەخ بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. ئەركىننىڭ كۈلۈپ تۇرغان سىماسى كۆز ئالدىدىن كەتمەيۋاتاتتى. پات-پات ئۆزىدىن مەن نېمە بولدۇم دەپ سوراپ قويىدىغان بولۇپ قالدى. گۈللەر ئارىسىدا يەنىلا ئەركىننىڭ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرغان قىياپىتى كۆرۈندى. ئايچىۋەر چۆچۈپ گۈللەرگە قايتىدىن قارىدى. ئەركىن يوق بۇ ئۇنىڭ خىيالى ئىدى.
ئايچىۋەر قايتىپ كەلگىلى خېلى كۈنلەر بولغان بولسىمۇ ئوردىغا كۆپ چىقمايۋاتاتتى. كۆپىنچە ئىشلار پەرمان چۈشۈرىدىغان ئادەم يوق تاشلىنىپ قېلىۋاتماقتا ئىدى. ئابدۇراھمان بۇ ئىشلاردىن بىئارام بولۇپ ئارسلاننى ئىزدەپ كەلدى. ئارسلان يەنىلا ئاتلارنىڭ يېنىدا ئىدى. ئۇ بۈگۈن ئاتلارنى يۇيۇۋاتاتتى. ئابدۇراھماننىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىشىنى قويۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.
سالام، تاغا، بۇ ياقلارغا كېلىپ قاپسىزغۇ؟ ئاتلىرىمنى كۆرەي دەپ كەلگەن ئوخشىمامسىز؟،ــ دېدى ئارسلان چاخچاق ئارىلاش.
كەل، بالام، ئولتۇر! سەنمۇ ھېس قىلغانسەن بەلكىم، ئايچىۋەر قايتىپ كەلگەندىن بۇيان ئوردىنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. ياكى بۇ قېتىمقى ئىش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلدىمۇ بىلمىدىم. خانلىقنى بۇنداق تاشلىۋەتسە بولمايتتى. توغرۇلنىڭ مۇشۇنداق پۇرسەتنى كۈتۈپ يۈرگەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بىز توغرۇلغا ئازراقلا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىكەنمىز ئۇ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىۋالىدۇ. شۇڭا ئوغلۇم، ئايچىۋەر بىلەن بىر پاراڭلىشىپ باقساڭ قانداق بولار؟
مەنمۇ سەزگەن ئىدىم. ئايچىۋەرنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرى باردۇر دەپ گەپ قىلمىغانىدىم. قېنى بىر پاراڭلىشىپ باقاي.
ماقۇل بالام، ئەمىسە مەن قايتاي.
ئابدۇراھمان كېتىپ ئارسلان ئويلىنىپ قالدى. ئايچىۋەر بۇ قېتىم باشقىچىلا ئادەم بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولغاندۇ؟ ئارسلان ئايچىۋەرنىڭ ھۇجرىسى تەرەپكە ماڭدى. ئايچىۋەر ئۆيدە يوق ئىدى. ئايچىۋەرنىڭ ئۆيدە بولمىسا نەگە بارىدىغانلىقىنى ئارسلان ئوبدان بىلەتتى ئارسلان ئارقا ھويلىدىكى گۈللۈككە كەلدى. ئايچىۋەر گۈللەرنى تاماشا قىلىپ ئولتۇراتتى.
گۈللەر بىر-بىرىدىن چىرايلىق ئېچىلىپتۇ ھە!،ــ ئارسلان ئايچىۋەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.
بەكلا دەڭە! مەن گۈلگە نىمانچىۋالا ئامراقتۇرمەن دەيمەن. چىرايلىق ئېچىلغان گۈللەرگە قاراپ ئولتۇرسام ئەس-يادىم مۇشۇ گۈللەردە بولۇپ ھەممە ئىشلارنى ئۇنتۇيمەن.
ئوردىغا بەك كۆپ چىقمايۋاتىسىز. بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ مەن سەل ئەنسىرەپ قالدىم. بۇ قېتىم قايتىپ كەلگەندىن بۇيان بەكلا جىمغور بولۇپ قاپسىز. كۆڭلىڭىزدە بىرەر ئىش باردەكلا قىلىدۇ. باشقىلارغا دېمىسىڭىزمۇ ماڭا ئەلۋەتتە دەيسىز شۇنداققۇ؟!،ــ ئارسلان ئايچىۋەرگە قارىدى. ئايچىۋەر نېمە دېيىشنى بىلەلمەي بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇردى.
ئارسلان ئاكا، مەن بىر ئىشنى ئويلاۋاتقىلى خېلى كۈنلەر بولدى. شاھلىق تەختىگە ئابدۇراھمان تاغام بىلەن سىز بىللە ۋارىسلىق قىلسىڭىز مەن چېكىنەي دەيمەن. مەن بەكلا چارچاپ كەتتىم. ھەم خانلىقنى باشقۇرۇپ كېتىشكە كۆزۈم يەتمىدى.
ئايچىۋەر، چاخچاق قىلىۋاتامسىز ياكى راستمۇ؟ نىران خانلىقىنى بىز ئىككەيلەننىڭ باشقۇرۇپ كېتەلىشى مۇمكىنمۇ؟ مەن سىز يېڭىدا شاھلىق تەخىتكە چىققاندىمۇ ئەسكەرتكەن ئىدىم. تەخىتتە چوقۇم خان ئاتامنىڭ ئەۋلادى ئولتۇرۇشى كېرەك بولمىسا ئەلنى ئىدارە قىلغىلى بولمايدۇ. خەلق بىزگە بوي سۇنمايدۇ. ھەمدە توغرۇل بىر تەرەپتە بىزنى قاچان يىقىلىدىكىن دەپ كۈتۈپ يۈرۈيدۇ. سىز بۇنداق قىلسىڭىز توغرۇلغا چوڭ پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىك بولىدۇ،ــ ئارسلان ئايچىۋەرگە نەپرەت كۆزلىرى بىلەن قاراپ.
بۇنىسى ماڭىمۇ ئايان. بىراق ئاكا، مەن ئوردىدىكى جېدەل-ماجرالاردىن بەكلا زېرىكتىم ھاردىم. خان ئاتام تۈگەپ كەتكەندىن بېرى ھەممە ئىشلاردىن كۆڭلۈم سوۋۇپ قالدى. مېنىڭ ئاددىي كىشىلەردەك خاتىرجەم ياشىغۇم بار. باياشات ياشىمىساممۇ كۈنلىرىم خاتىرجەم مەنىلىك ئۆتسە دەيمەن، مەن قارار قىلىپ بولدۇم. ئەتە ۋەزىرلەر ئالدىدا بۇ قارارىمنى ئېلان قىلىمەن.،ــ ئايچىۋەرنىڭ سۆزلىرىدىن بىر قارارغا كېلىپ بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
سىز ئوردىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئاددىي كىشىلەردەك خاتىرجەم ياشىيالىشىڭىز ناتايىن. چۈنكى سىز دېگەن ھۈسەيىن خاننىڭ قىزى نىران خانىدانلىقىنىڭ تەخىت ۋارىسى. خان ئاتام بىر ئۆمۈر قان-تەرىنى سىڭدۈرۈپ بۈگۈنكى كۈنگە ئەكەلگەن نىران خانىدانلىقىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ۋە ئەلنىڭ نېمە بولۇشى بىلەن كارىڭىز بولماي، بۇ قارارنى چىقارغان بولسىڭىز مەنمۇ ئارتۇقچە سۆزلەپ ئولتۇرماي سىزنىڭ ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغاندەك تۇرمۇشقا ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن،ــ ئارسلان خاپا بولغان پېتى كېتىپ قالدى.
ئارسلان ئاكا، ئارسلان ئاكا… ئايچىۋەر ئۇنىڭ كەينىدىن توۋلىغىنىچە تۇرۇپلا قالدى.
(22)
ئەتىسى سەھەر ئوردا قۇبۇلخانىسى.
ئايچىۋەر تۇنجى شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان كۈندىكىدەك تەختنىڭ ئوڭ تەرىپىدە خانلىق شەمشەرنى تۇتۇپ تۇراتتى. تەختنىڭ سول تەرىپىدە بولسا ئابدۇراھمان بار ئىدى. بۈگۈن ئارسلان ئوردىغا كەلمىگەنىدى. ھەممە ۋەزىرلەرنىڭ كېلىپ بولغانلىقىنى كۆرگەن ئايچىۋەر سۆزىنى باشلىدى.
خان ئاتام تۈگەپ كەتكەندىن بۇيان پىشقەدەم ۋەزىرلەر ۋە دوستلىرىم ماڭا ھەر تەرەپتىن ياردەمدە بولدى. مەن ئۇلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. مەن بۈگۈن نىران خانلىقىنىڭ تەخىت ۋارىسلىقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىمنى تەخىتنى ئابدۇراھمان تاغام بىلەن ئارسلان ئاكامنىڭ بىللە باشقۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىماقچىمەن. پۈتكۈل ئوردا ئەھلىنىڭ بۇرۇن ماڭا قانداق ھەمدەمدە بولغان بولسا بۇلارغىمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.،ــ ئايچىۋەر سۆزلىرىنى تۈگۈتۈپ ئابدۇراھماننىڭ يېنىغا كەلدى قىلىچنى ئۇنىڭغا سۇندى. ئابدۇراھمان بىر نەرسە دىمەكچى بولغانىدى ئايچىۋەر گەپ قىلماڭ! دەپ بېشى ئىشارەت قىلدى. ئابدۇراھمان ئارتۇقچە سۆز قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قىلىچنى قۇبۇل قىلدى. ئوردىدىكىلەر ھاڭ-تاڭ بولۇشقىنىچە ئېغىزلىرىنى ئېچىپلا تۇرۇپ قالدى.
ئىشلارنىڭ بۇنداق قالايمىقان بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ھەيران بولغان ھەمدە خۇشاللىقى ئىچىگە پاتمايۋاتقان توغرۇل گاڭگىراپلا قالدى.
ئايچىۋەر ھەممەيلەن بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى. ئۇ ئېتىنى يېشىپ ئوردا دەرۋازىسىدىن چىقاي دەپ تۇرۇشىغا ئارسلان كەلدى. ئارسلان بەكلا غەمكىن كۆرۈنەتتى. قاپاقلىرىنىڭ ئىششىپ كەتكەنلىكىدىن ئۇنىڭ بىر كېچە ئۇخلىماي چىققانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
راستىنلا كېتەمسىز؟
ھەئە، مەن ھەر قانچە جاسارەتلىك بولساممۇ يەنىلا ئاجىز تەرەپلىرىم بار ئىكەن. مەن بۇ ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلمىدىم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي ھەممەيلەننى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويغىنىمدىن ھازىر قارار چىقارغىنىم ياخشى. ئۆز تۇرمۇشۇمنى ئۆزۈم ئورۇنلاشتۇراي دەيمەن. مېنىڭ ئەركىن ياشىغۇم بار.،ــ ئايچىۋەرنىڭ كۆزىگە يىغا ئولاشتى.
نەگە بارىسىز؟ ئورمانلىققىمۇ؟،ــ ئارسلان ئايچىۋەرگە تىكىلدى.
ھەئە، ئورمانلىققا بارىمەن،ــ ئايچىۋەر ئارسلاندىن كۆزىنى قاچۇرۇپ ئېتىغا مىندى.
ئايچىۋەر، سىزگە بەخىت تىلەيمەن!،ــ ئارسلان كەينىگە ئۆرۈلگىنىچە كېتىپ قالدى.
بۈگۈن ئەركىن ئورنىدىن بەكلا كېيىن تۇردى. بېشى ئاغرىپ  كېتىۋاتاتتى. ئاتلارغا يەم بېرىۋېتىپ ئۆيىگە كىرىپ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى. ئورمانلىقتا ياشاۋاتقان بەش يىلدىن بۇيان ئۇ بەكلا خاتىرجەم ياشاۋاتقانىدى. يېقىندىن بېرى ھەممە ئىش ئۆزگەردى. ئايچىۋەر كېتىپ دورا يىغقىلىمۇ كۆپ چىقمىدى. قۇرۇتۇپ يىغىپ قويغان دورىلارنى بىر-ئىككى قېتىم كەنىتكە ئاپىرىپ سېتىپ كەلدى. ئەركىننىڭ كۆز ئالدىدىن ئايچىۋەرنىڭ گۈزەل سىماسى كەتمەيتتى.
توۋا، ماڭا نېمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ. ئۆزۈمگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. مەن ئەزەلدىن بۇنداق بىئارام بولۇپ باقمىغانىدىم. ئەركىن خىيالىدا پاراڭلىشاۋاتقاندا سىرىتتىن ئاتنىڭ كىشنىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ ئەركىننىڭ ئېتىنىڭ ئاۋازى ئەمەس ئۇ ئېتىنىڭ ئاۋازىنى بىلىدۇ. ئەركىن ياتقان يېرىدىن چاچراپ قوپتى. ئىشىكنى ئېچىۋېدى ئىشىك ئالدىدا ئايچىۋەر ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. ئەركىن بۇ چۈشۈممۇ، ئوڭۇممۇ؟ دەپ كۆزىنى بىر ئۇۋىلىۋېتىپ يەنە قارىدى راستىنلا ئايچىۋەر ئىدى.
ئايچىۋەر، بۇ راست سىزمۇ؟،ــ ئەركىن ئىشەنمىگەندەك سورىدى.
ھەئە مەن، سىز ئورمانلىققا قاچان كەلسىڭىز قارشى ئالىمەن دېگەنىدىڭىزغۇ شۇڭا ئورمانلىقنى سېغىنىپ كەلدىم. مېنى كىرىشكە تەكلىپ قىلمامسىز؟،ــ ئايچىۋەر ئېغىزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ خاپا بولغاندەك قىياپەتتە.
تەكلىپ قىلىمەن، سىزنى تەكلىپ قىلماي يەنە كىمنى تەكلىپ قىلاتتىم،ــ ئەركىن چاخچاق ئارىلاش.
ئىككەيلەن كۈلۈشكەچ ئۆيگە كىردى. ئايچىۋەر ياغاچ ئۆينىڭ ئىچىگە بىر قارىۋېتىپ:
ئۆينىڭ ئىچىنى قالايمىقان قىلىۋېتىپسىز،قاراڭ مېنىڭ ئورنۇمنىڭ توپا بېسىپ كەتكىنىنى ئەدىياللارنى قاتلاپمۇ قويماپسىز؟ ھورۇن،ــ ئايچىۋەر ئەركىننى زاڭلىق قىلىپ كۈلگەچ.
قانداق قىلىمەن؟ بۇرۇنلاردا ھەر كۈنى ئۆيلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ تازىلاپ قويمىسام كەچ كىرگىچە كۆڭلۈم غەش بولۇپ قالاتتىم. سىز كەتكەندىن بېرى قولۇم ئىشقىمۇ بارمىدى شۇڭا ئۆيلەرمۇ قالايمىقان مانا ئۆيلەرنى تازىلاپ بەرگىلى سىز كەلدىڭىز مەن خاتىرجەم.،ــ ئەركىن ئايچىۋەرگە قارىدى ئىككىسنىڭ كۆزى ئۇچرىشىۋېدى ئايچىۋەر قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى.
بولدى، سىز چىقىپ سىرىتتىكى ئىشلىرىڭىزنى قىلىڭ! مەن ئۆيلەرنى تازىلىۋېتەي.
ئەركىن ماقۇل دەپ بېشىنى لىڭشىتىپ چىقىپ كەتتى.
(23)
ئايچىۋەر ئۆيلەرنى تازىلاپ پاكىزە قىلىۋەتتى. ئۇنىڭغىچە ئەركىنمۇ ئىشلىرىنى تۈگىتىپ كىردى.
ئېگىز دەرخنى ئورمانلىقنىڭ مەنزىرىسىنى سېغىنمىدىڭىزمۇ؟،ــ ئەركىن بايىلا يۇيۇپ كىرگەن ھۆل قولىنى كارىۋاتنىڭ ئۈستىدىكى رەخىتكە سۈرتكەچ.
سېغىنماي قالامتىم. ئېگىزدىن ئورماننىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈشنى ئەڭ سېغىندىم. مېنىڭ ئىشلىرىممۇ تۈگىدى بېرىپ كېلەمدۇق؟
بولىدۇ، مەن ئاتلارنى تەييار قىلاي.
ئىككەيلەن چوڭ دەرەخ يېنىغا يېتىپ كەلدى. ئىككىسى ئارقا-ئارقىدىن دەرەخكە چىقتى. ئايچىۋەر چىقىپلا ئەتراپنىڭ مەنزىرىلىرىگە قاراپ:
بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئادەمنى بەكلا جەلىب قىلىدۇ.
ئورمانلىققا پەقەت ئەتراپنىڭ يېشللىقىنى كۆرۈش ئۈچۈنلا كەلمىگەنسىز؟،ــ دېدى ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ ئۆزىگە قارىتىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى. ئايچىۋەر ئەركىندىن كۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىۋېدى. ئەركىن ئايچىۋەرنىڭ ئېڭىكىدىن تۇتۇپ ئۆزى قاراتتى.
ئايچىۋەر، سىزنى ياخشى كۆرىمەن. مەن سىزنى ياخشى كۆرۈشكە مۇناسىپمۇ ئۇنى بىلمەيمەن. بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز مۇشۇ يەردىن باشلانغان سىزنى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىمغا ھەمدە سىزنى بىر ئۆمۈر قوغدايدىغانلىقىمغا مۇشۇ دەرەخ گۇۋاھچى بولىدۇ،ــ ئەركىن ئايچىۋەرنى قۇچاقلىدى.
مەنمۇ سىزنى قاچانلاردا ياخشى كۆرۈپ قالدىم بىلمەيمەن. قايتىپ كەتكەندىن بېرى سىزنىڭ ماڭا قاراپ تۇرغان سىمايىڭىز كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ. مەن بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنداق بولۇپ باقمىغانىدىم. شۇڭا ھەممىنى تاشلاپ يېنىڭىزغا كەلدىم. قىلغىنىم توغرىمۇ ئۇنىمۇ بىلمەيمەن. پەقەتلا سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنىلا بىلىمەن.،ــ ئايچىۋەر بېشىنى ئەركىننىڭ كۆكسىدە قويۇپ.
بەخىتلىك كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا ئىككىمىز بۇ گۈزەل ئورمانلىقتا ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان ئائىلىمىزنى قۇرۇپ چىقىمىز، بالىلىق بولساق بالىلىرىمىز ئورمانلىقنىڭ ساپ مۇھىتىدا ساغلام چوڭ بولىدۇ.
قاراڭە، سىزنى بىردەمدە كەلگۈسىنىڭ شىرىن خىياللىرىغا چۆكۈپ كەتتىڭىزغۇ؟،ــ ئايچىۋەر كىچىك ئۆينىڭ  ئەينەكسىز دەرىزىسىدىن ئەتراپقا قاراشقا باشلىدى.
بۇ شىرىن خىيال ئەمەس، ئىككىمىز رىئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.
ئايچىۋەر، ماڭا ئۆزىڭىز توغرۇلۇق ۋە ئائىلىڭىز توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرمەمسىز؟،ــ ئەركىننىڭ ئايچىۋەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بىلگۈسى بار ئىدى. ئۆتكەندە ئۇنىڭ بۇ سوئالى جاۋابسىز قالغانىدى. ئايچىۋەر بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ:
مەن نىران خانلىقىنىڭ مەلىكىسى يەنى ھۈسەيىن خاننىڭ قىزى ھازىرقى تەخىت ۋارىسى.
ئەركىن ھەيرانلىقتىن تۇرۇپلا قالدى.
مەن سىزنى ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا خان ئاتىڭىز بىلەن ئەلنى زىيارەت قىلىپ قايتقان ۋاقتىڭىزدا بىر قېتىم كۆرگەن، سىز ئۇ ۋاقىتتا بەكلا كىچىك ئىكەنسىز. ئاتام بىلەن بازار ئايلىنىپ يۈرسەك ئەسكەرلەر بىزلەرنى ھەر تەرەپكە قوغلاشقا باشلىدى. مەن ئاتامغا نېمە ئىش بولدى؟ دېسەم خان ئالىيلىرى بىلەن مەلىكىسى كېلىۋېتىپتۇ شۇڭا ئەتراپتىكىلەرنى تارقىتىۋاتىدۇ دېگەن ئىدى. سىز ئۇ چاغدا بەكلا كىچىك بولغاچقا چوڭ بولۇپ ئۆزگىرىپ كېتىپسىز شۇڭا تونۇيالماپتىمەن.
سىز باشتىلا مېنىڭ مەلىكە ئىكەنلىكىمنى بىلگەن بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ مېنى يەنىلا قۇتۇلدۇرۇپ يېنىڭىدا ئېلىپ قالامتىڭىز؟،ــ ئايچىۋەر ئەركىنگە سوئال نەزىرى بىلەن قارىدى.
ھېلىغۇ سىز مەلىكە ئىكەنسىز ئادەتتىكى بىر قىز بولسىمۇ مەن قۇتۇلدۇرۇۋالاتتىم. بىراق، سىزنىڭ مەلىكە ئىكەنلىكىڭىزنى بۇرۇن بىلگەن بولسام سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالماسلىقىم مۇمكىن ئىدى. چۈنكى مەن سىزگە لايىق كېلەمدىم؟ دېگەن سوئالنى ئاۋۋال ئويلايتتىم. ئەمما ھازىر مەيلى سىز كىم بولۇڭ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. بۇنى ھەرقانداق ئىش ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
ئايچىۋەر كىچىك ۋاقتىدىكى ئىشلاردىن تارتىپ ئارسلان بىلەن تونۇشقىنىنى ئىككسىنىڭ ئاكا-سىڭىلدەك يېقىن ئۆتكەن ئىشلارنى تاكى تەخىت ۋارىسلىقىدىن ۋاز كەچكەنگە قەدەر ھەممە ئىشلارنى ئەركىنگە سۆزلەپ بەردى. ئەركىن ھەممىنى زەن قويۇپ ئاڭلىدى. ئىككەيلەن پاراڭ بىلەن بولۇپ كېتىپ كەچ كىرگىنىنىمۇ تۇيماي قالغانلىقىنى بىلىپ ئۆيىگە قايتتى.

(24)
ئايچىۋەر كېتىپ ئارسلان جىمىپلا كەتتى. ئوردىغىمۇ كىرمەي قىرائەتخانىسىدىن تۈزۈك چىقمىدى. ئوردىنىڭ ئىشلىرىنى ئابدۇراھمان چامىنىڭ يېتىشىچە قىلىۋاتاتتى. توغرۇل پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى شاھلىق تەختىنى قولغا ئالسا بولىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ ئاستىرىتتىن ھەركەتلەرنى قىلماقتا ئىدى. ئارسلان توغرۇلنىڭ ھەرىكەتلىرىنى سېزىپ تۇرسىمۇ ئارتۇقچە تەدبىر قوللانغۇسى كەلمىدى. بەرىبىر خەلقنى قايىل قىلالايدىغان ئايچىۋەر يوق. ئۇنىڭ گېپىنى كىم ئاڭلايدۇ؟ ئايچىۋەر كەتكىلى ئىككى كۈن بولدى. بۇ ئىككى كۈن ئارسلانغا ئىككى يىلدەك بىلىندى. خىزمەتكارغا ئېتىنى تەييارلاشنى بۇيرىدى. ئۇ ئېتىنى مىنگىنىچە شەھەر دەرۋازىسىدىن چىقىپ ئۇدۇل ئورمانلىق تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.
توغرۇل كېچىدىن ئۇنى قوللايدىغان ۋەزىرلەر بىلەن مەسلىھەتنى بىر يەرگە ئەكىلىۋالغاندىن كېيىن بۈگۈن سەھەردە سەركەردىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئوردىغا كىرىپ كەلدى. ئابدۇراھمان باشقا ۋەزىرلەر بىلەن بۇ يىل قورغاقچىلىق بولۇپ ئاشلىقتىن كۆپ ھوسۇل ئالالمىغاچقا ئاشلىق مەسلىسىنى قانداق ھەل قىلىش توغرۇلۇق پاراڭلىشىۋاتقان ئىدى. توغرۇلنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ ھەممە جىمجىت بولۇپ قالدى.
قېنى پارىڭىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار! يا مەن ئاڭلىمايدىغان ئىشلارمۇ بۇ؟!،ــ دېدى توغرۇل تەنە ئارىلاش.
ياق، شاھزادە سىزمۇ ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ.،ــ توغرۇلنىڭ قىياپىتىدىن بىرەر سۈيقەسىت باردەكلا سەزگەن ئابدۇراھمان ئورنىدىن سەل مىدىرلاپ قويدى.
ئابدۇراھمان تاغا، مېنىڭچە سىزنىڭ بۇ ئورۇننى بوشىتىپ ماڭا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان ۋاقتىڭىز كېلىپ قالدىغۇ دەيمەن؟ سىز بۇ ئورۇندا خېلى ئولتۇرۇۋالدىڭىز بۇ ئورۇندا خاننىڭ جىيەنى بولغان مەن ئولتۇرۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق.
توغرۇل تەخىتنىڭ يېنىغا كەلدى.
توغرۇل، ئايچىۋەر كېتىدىغان ۋاقىتتا ئەلنى ئارسلان بىلەن ماڭا تاپشۇرغان. ئايچىۋەرنىڭ پەرمانىغا خلاپلىق قىلىشقا كىمنىڭ ھەددى؟،ــ ئابدۇراھمان ئاچچىقىدا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ تاغا، نىران خانلىقىغا يات يەردىن ئەكىلىۋالغان بىر يېتىمەك بىلەن سىز ۋارىسلىق قىلامسىز؟ نېمە دېگەن كۈلكىلىك،ــ توغرۇل مەسخىرە ئارىلاش كۈلدى.
بولدى بەس، ئەمدى يېتەر! مېنىڭ سەۋرى قاچامنىڭمۇ چېكى بار. ھۆرمەت شارابىنى ئىچمىسىڭىز جازا شارابىنى ئىچىپ قالىسىز.
توغرۇل شەمشىرىنى چىقىرىپلا ئابدۇراھماننىڭ بوينىغا شەمشەر ئۇردى. ئابدۇراھماننىڭ بوينى شەمشەرنىڭ زەربىدىن ئۇزۈلۈپ يەرگە دومىلاپ كەتتى. بۇ دەھشەتلىك كۆرۈنۈشنى كۆرگەن ۋەزىرلەر ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ قوزغىلىۋېدى.
يەنە كىمنىڭ مېنىڭ تەخىتتە ئولتۇرۇشۇمغا پىكىرى بار؟،ــ توغرۇل شەمشىرىنى ھەممىگە تەڭلەپ تۇرۇپ ھەيۋە قىلدى.
ۋەزىرلەر بېشىنى تۆەۋن سېلىپ جىم تۇرۇشتى. توغرۇل ئابدۇراھماننىڭ باشسىز جان تالىشىۋاتقان جەسىتىگە بىر قاراپ قويۇپ تەخىتكە چىقىپ ئولتۇردى. ئوردا ئەھلى ئۇنىڭ تەخىتتە ئولتۇرغانلىقىنى مۇبارەكلەشتى.
بۈگۈنكى قۇبۇل مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى. قايتساڭلار بولىدۇ.،ــ دېدى توغرۇل مەغرۇر كۈلۈپ.
ۋەزىرلەر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن توغرۇل ئابباسنى چاقىردى:
سەن ياراملىق ئەزىمەتلىرىڭنى باشلاپ بېرىپ ئارسلان دېگەن يېتىم ئوغلاقنى تۇتۇپ كەل! ماڭا تەھدىت بولىدىغان شۇ بىرلا ئادەم قالدى.
ئابباس سەت ھىجايغىنىچە ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ چىقىپ كەتتى. توغرۇل ئوردىغا سەپ-سېلىپ قارىغىنىچە قاقاھلاپ كۈلدى. تەخىمىنەن يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئابباس ئۆڭسىلى ئۆچكەن ھالدا قايىتىپ كەلدى.
بىز ئارسلاننىڭ ئۆيىگە بارغان ئىدۇق. ئۇ ئۆيىدە يوقكەن. خىزمەتكارىدىن سورىساق سەھەردىلا ئېتىغا مىنىپ چىقىپ كەتكەن دەيدۇ،ــ ئابباس توغرۇلغا قورقۇمسىراپ قارىدى.
بۇ يېتىمەك نەگە كەتكەندۇ؟ شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى ئاختۇرۇپ بولسىمۇ ئۇنى تېپىڭلار! يەنە بىر ئىش «ھىلال ئاي» مەزھىپىدىكىلەرگە ئېيت! ئايچىۋەرنى بۈگۈنلا كۆزدىن يوق قىلسۇن. قايسى كۈنى ئۇنىڭ كەينىگە ئادەم سېلىپ قوي دېسەم يېرىم يولغا بارمايلا ئۇنى كۆزدىن يوقىتىپ قويۇپتۇ. بۇ قىز چوقۇم ئورمانلىققا كىرىپ كەتتى. ئوسمانغا دېگىن ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ ئورماننى قويماي ئاختۇرسۇن. ئايچىۋەرنى تاپقان ھامان ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار!
ئابباس چىقىپ كەتتى. ئۇ توغرۇلنىڭ يېنىدىن چىقىپ ئوسماننىڭ يېنىغا ماڭدى. ئوسمان ھويلىسىدا چاي ئىچىپ ئولتۇراتتى. ئابباسنى كۆرۈپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئابباس كەلسە ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
بۈگۈن ساڭا ئالاھىدە ۋەزىپە بار. بۇ ئىشنى ياخشى ئورۇندىيالىساڭ. ئەينى يىلدىكى ئوردا ئىچىدىكى ئىشلىرىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىمىز.
نېمە ئىش؟،ــ شۇنچە يىللاردىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ھوقۇقنىڭ ئۆز قولىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئوسماننىڭ خۇشاللىقتىن كۆزلىرى قىسىلىپ كەتتى.
ئايچىۋەر ئوردىدىن ئايرىلغان كۈنى كەينىگە ئادەم سېلىپ ئۇنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى ئورنىنى بىلىۋال! دېسەم كۆزدىن يوقىتىپ قويۇپسەن. بۇ قىز ئورمانلىقنىڭ بىرەر يېرىدە بار. ئادەملىرىڭنى ئەۋەتىپ ئۇنى تاپقان ھامان ئۆلتۈرىۋەت! بۇ ئىش بۈگۈندىن قالمىسۇن.،ــ ئابباس قولىنى شىلتقىنىچە چىقىپ كەتتى.

(25)
ئوسمان ئارقا ھويلىغا ئۆتۈپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىنى يىغدى.
بۈگۈن ھەممىڭلارغا ۋەزىپە بار. سىلەر ئورمانلىققا بېرىپ ئىككە تەرەپكە بۆلۈنۈپ ئەركىن بىلەن ئايچىۋەرنى تېپىڭلار! ئۇ ئىككىسنى تاپقان ھامان ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! ئەركىن ھەرگىز ھايات قالمىسۇن ئۇنىڭ ئۆلگىنىنى چوقۇم كۆرىشىم كېرەك.،ــ ئوسماننىڭ قىسىق كۆزلىرىدىن زەھەرخەندىلىك ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى.
ئوسماننىڭ ئادەملىرى ئورمانلىقنى خېلىلا ئىنچىكىلىك بىلەن ئاختۇرغان بولسىمۇ بۇ ئىككىسىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. بۇلار داۋاملىق ئىزدەشكە باشلىدى.
تاڭ ئاتقانلىقىنى بىلگەن ئەركىن كۆزىنى تەستە ئاچتى. ئەركىننڭ قارشى تەرىپىدە ياغاچ ئۆينىڭ سول تەرىپىدىكى تامغا يېقىن قويۇلغان كارىۋاتتا ئايچىۋەر تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. كارىۋاتتىن غىچىرلىغان ئاۋاز چىقىپ ئايچىۋەرنى ئويغىتىۋېتىپ سالماسلىق ئۈچۈن ئەركىن كارۋىتىدىن ئاۋايلاپ چۈشتى. ئايىغىنى كىيىپ ئايچىۋەرنىڭ كارۋىتى يېنىغا كەلدى.ھەممە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى، غەملەرنى ئۇنتۇغان ئايچىۋەر بىر قولىنى ئەدىيالدىن چىقىرىپ شىرىن ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. ئەركىن ئۇنىڭ تاتلىق ئۇيقۇسىغا بىردەم قاراپ تۇرۇۋېتىپ ئۇنىڭ قولىنى ئىچىگە تىقىپ ئەدىيالنى ئوڭشاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. سىرتقا چىقىپ ئېتىنى تەييارلاپ دورا يىغىش ئۈچۈن ئورمانلىقنىڭ باشقا تەرەپلىرىگە ماڭدى. ئۇ قايسى كۈنى كۆرۈپ قويغان دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر بار يەرگە كېلىپ ئاتتىن چۈشتى. ئېتىنى دەرەخكە باغلاپ ئاتنىڭ بوينىغا بايا يەم توشقۇزۇپ ئېلىۋالغان خالتىنى ئېسىپ قويۇپ دورا يىغىشقا باشلىدى. بىرەر سائەتتىن كېيىن دورىلارنى تاغارلارغا قاچىلاۋاتاتتى. تۇيۇقسىز كەينىدىن شەپە كەلگەندەك قىلدى. ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپلا قارىدى ھېچ نەرسە يوق. بەلكىم ئورمانلىقتىكى بىرەر ھايۋاندۇر دەپ ئويلاپ ئىشىنى قىلىۋەردى. ھېلىقى شەپە ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى ئەركىن يېنىدىكى شەمشىرىنى سۇغارغىنىچە كەينىگە ئۆرۈلدى. كەينىگە ئۆرۈلۈپلا شىددەت بىلەن كەلگەن شەمشەرنى شەمشىرى بىلەن توسۇۋالدى. ھەمدە چاققانلىق بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. ناتۇنۇش بىر يىگىت ھە دەپ ئۇنىڭغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلاتتى. ئەركىن ئۇنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرغاچ كەينىگە چېكىندى. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ماھارىتى بىر-بىرىدىن قېلىشمايتتى. بىردەم ئارسلان ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە يەنە بىردەمدە ئەركىن ئۇنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرۇۋېتەتتى. بۇ ئىككىسى ئون مىنۇتچە ئېلىشتى. ئارسلان بىردىنلا توختاپ قالدى.
كىمسەن؟ نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسەن؟ ،ــ ئەركىنمۇ كۆتۈرگەن شەمشىرىنى چۈشۈرۈپ.
ئەركىن دېگەن سەنمۇ؟
مېنى تونۇمسەن؟،ــ ئەركىن ھەيرانلىقتىن تۇرۇپلا قالدى.
ئايچىۋەر گېپىڭنى قىلىپ بەرگەنىدى.
سەن ئارسلانمۇ؟
ھەئە مەن شۇ،ــ ئارسلان شەمشىرىنى غىلاپىغا سېلىپ.
ئايچىۋەرنى ئىزدەپ كەلگەنمىدىڭ؟ مەن سېنى ئۇنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي!،ــ ئەركىن ئېتىنى يېشىشقا تەمشەلدى.
ياق، مەن سېنى ئىزدەپ كەلدىم. ئايچىۋەرنىڭ كىملىكىنى بىلىسەنغۇ دەيمەن؟
بىلىمەن، ئۇ نىران خانلىقىنىڭ مەلىكىسى. ئۇنىڭ مەلىكە ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمگە ئۇزۇن بولمىدى.
ئايچىۋەرنى راستىنلا ياخشى كۆرەمسەن؟،ــ ئارسلان ئەركىننىڭ كۆزىگە مىقتەك قادالدى.
ياخشى كۆرىمەن. مەن ئايچىۋەرنىڭ مەلىكە ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن بۇرۇنلا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. ئايچىۋەرنى قۇتقۇزىۋالغان ۋاقتىمدا ئۇ ئۆزىنىڭ مەلىكە ئىكەنلىكىنى ئېيتمىغانىدى. بۇ قېتىم قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدا ئاندىن ھەممە ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئايچىۋەر مەلىكە بولسۇن بولمىسۇن مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن. ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنى قوغدايمەن.،ــ ئەركىننىڭ سۆزلىرىدىن ئايچىۋەرنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
ماڭا بىر ئىشقا ۋەدە بەرگىن بولامدۇ؟،ــ ئارسلان ئۆتۈنگەن قىياپەتتە سورىدى.
نېمە ئىش؟
ئايچىۋەرنى بۇ شەھەردىن يىراقلارغا ئېلىپ كەتكىن. ئۇنىڭ بۇ يەردە دۈشمەنلىرى بەك كۆپ. ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مەن سەندىن شۇنىلا ئۆتۈنىمەن.،ــ دېدى ئارسلان ئۆزىدىكى غەمكىنلىكنى يۇشۇرۇشقا تىرىشىپ.
ماقۇل، مەن ۋەدە بېرەي. مەن ھەر ۋاقىت ئايچىۋەرنى قوغدايمەن.
خەير، بەخىتلىك بولۇڭلار! بەخىت سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن!،ــ ئارسلان بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى. ئەركىن ئارسلانغا نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى ئىدى ئېغىزىنى مىدىرىتىپ بولۇپ توختاپ قالدى.ئەركىن ئۇنىڭ كەينىدىن بىر ھازا قاراپ تۇردى. ئۇ بىر ئىشنى سەزگەندەك قىلدى. ئېتىنى يېشىپ خالتىلارنى ئارتىپ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

(26)
ئايچىۋەر ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇۋېتىپ تاماق قىلىپ ئەركىننى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدى. يىراقتىن ئەركىننىڭ قارىسى كۆرۈندى. ئايچىۋەر ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئەركىننىڭ خالتىلارنى چۈشۈرۈپ جايلاشتۇرۇشىغا ياردەملىشىپ ئۆيگە بىللە كىرىپ تاماققا ئولتۇردى.
بۈگۈن ئورمانلىقتا كىمنى ئۇچراتتىم بىلەمسىز؟،ــ ئەركىن ئايچىۋەرنى قىزىقسىندۇرۇپ سورىدى.
كىمنى ئۇچراتتىڭىز؟،ــ ئايچىۋەر بۇ ئورمانلىقتا بىزدىن باشقا ئادەم بولمىسا يەنە كىمنى ئۇچراتماقچىدىڭىز دەپ مەنسىتمىگەن قىياپەتتە سورىدى.
ئارسلان ئاكىڭىزنى ئۇچراتتىم.
ئايچىۋەر چۆچۈپ قارىدى.
ئارسلان ئاكامنى؟ ئۇ بۇ يەرگە نېمە ئىش بىلەن كەپتۇ؟ سىزنى قانداق تېپىپتۇ؟
سىز ئۇنىڭغا ئورمانلىقنىڭ گېپىنى قىلىپ بېرىپتىكەنسىزغۇ ئىزدەپ تېپىپ كەلگەندۇ.
ئارسلان ئاكام  مەن بىلەن كۆرۈشمەي كېتىپتۇغۇ؟،ــ ئايچىۋەرنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى.
ئۇ مەندىن بىر ئىشنى ئۆتۈنگىلى كەپتىكەن. ئۇ سىزنى بۇ شەھەردىن ئېلىپ يىراقلارغا كەتكىن دەيدۇ. سىزگە بىرەر خەتەر يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدىكەن. شۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ سىزگە سالام دېيىشىمنى تاپىلاپ كېتىپ قالدى.
ئايچىۋەر جىمىپلا كەتتى.
ئارسلان سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن ھە؟! ئۇنىڭ سىزگە كۆيىنىشىدىنلا سىزنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. مېنىڭچە ئايچىۋەر سىزمۇ ئارسلاننىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىسىز.،ــ دېدى ئەركىن.
بىلىمەن، بىراق، مەن ئارسلاننى ئۆز ئاكامدەك كۆرۈپ كەلدىم. كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا ئۇ مېنى بەكلا قوغدايتتى. ئارسلان ئاكام يېنىمدا بولسا ئۆزۈمنى بىخەتەر ھېس قىلاتتىم. گەرچە بىز قان-قېرىنداش بولمىساقمۇ ئەڭ يېقىن ئاكا-سىڭىللاردىن ئىدۇق. ئارسلان ئاكامنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا بىلەتتىم. خان ئاتاممۇ بۇنى سەزگەن ئىدى. شۇڭا خانلىقنى ئارسلان ئاكامغا تاپشۇرغان. لېكىن مەندە ئارسلان ئاكامغا نىسبەتەن ئاكىلىق مېھىردىن باشقا نەرسە يوق ئىدى.،ــ ئايچىۋەر بىر خىل بىئارام بولدى.
ــ چۈشەندىم، ئارسلاننىڭ سىزگە قىلغان ئەقىدىسىدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم. گەرچە ئارسلان خان ئەۋلادى بولمىسىمۇ ئۇ تەخىت ۋارىسى بولسا نىران خانلىقىنى ياخشى باشقۇرىدىغان ئەلنىڭ غېمىنى يەيدىغان شاھ بولغىدەك.
ھەر ئىككەيلەن پاشا غىڭشىسىمۇ ئاڭلىغىدەك ھالدا جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتتى.
كېچە قاپقارا قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك ھېچ نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئەركىننىڭ ياغاچ ئۆينىڭ ئەتراپىدا ئۈچ-تۆت قارا سايە پەيدا بولدى. ھەممە نەرسىگە سەزگۈر ئەركىننڭ ئېتى ئادەمنىڭ شەپىسىنى سېزىپ قاتتىق كىشنىدى. ئېتىنىڭ كىشنىگە ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئەركىن ئويغۇنۇپ كەتتى. سىرىتتكى ئاۋازغا قۇلاق سالدى. سىرىتتىن ئادەمنىڭ ماڭغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەركىننىڭ كارىۋىتىدىن چۈشكىنىنى سەزگەن ئايچىۋەرمۇ ئويغىنىپ كەتتى. ئەركىندىن نېمە ئىش بولدى دەپ سوراي دېيىشىگە ئەركىن گەپ قىلماڭ! دەپ شەرەتلەپ قويدى. شەمشىرىنى غىلاپىدىن سۇغۇرۇپ ئىشىكنى ئاستا ئاچتى. ئايچىۋەرمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ شەمشىرىنى ئالدى. ئەركىن ئىشىكنى ئېچىپ سىرىتقا چىقىشغا ئۈچ ئادەم ئۇنىڭغا تەڭ يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. كېچە قاراڭغۇسىدا ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە تەگكەن شەمشەرلىدىن ئوتلار ياناتتى. بۇ ئادەملەر ئەركىننى قورشاپ ئۇنىڭغا توختىماي ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى. ئەركىن ئەپچىللىك بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇرغان شەمشەرلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئېلىشماقتا. ئەركىننىڭ ھەممىسىگە يېتىشەلمەي قالغىنىنى كۆرگەن ئايچىۋەر ئەركىننىڭ كەينىدىن شەمشەر ئۇرۇشقا تەمشەلگەن بىرىگە شەمشەر سالدى. ئەركىن باش تەرىپىگە زەربە بىلەن ئۇرۇلغان شەمشەرنى قايتۇرۇپ ئېگىلگىنىچە قارشى تەرەپكە شەمشەر سالدى. شەمشەر ئۇنىڭ قورسىقىنى كېسىۋەتتى. ھېلىقى ئادەم ۋاي! دېگىنىچە يىقىلدى. ھەمراھىنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرگەن يەنە بىرسىمۇ غەزەپ بىلەن ئەركىنگە ئېتىلدى. ئەركىن تېزلىك بىلەن ئۇ ئادەمنىڭ ئوڭ يېنىغا ئۆتتىدە كەينى تەرەپتىن بوينىغا شەمشەر ئۇردى. قاتتىق ئۇرۇلغان شەمشەر ئۇ ئادەمنىڭ بېشىنى ئۈزىۋەتتى. ئايچىۋەر بىلەن ئېلىشىۋاتقان يەنە بىرسى ئىككى ھەمرايىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئورمانلىققا ئۆزىنى ئاتتى.

داۋامى بار…

مەنبە:جۇلالىق


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izlayman520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-12 02:48 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
oygurum + 150 ھارمىغايسىز .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 150   باھا خاتىرىسى

بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3207
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 528 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-12 12:41:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز ،داۋامىنى كۈتىمەن.

مېھرىماھ

ئــــــۇيــــغـــــۇرۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4975
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6177
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 484 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-12 03:21:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بىز ئۈچۈن   جاپ چىكىۋاتىسىز   رەھمەت سىزگە .  مەن ئويلۇدۇم   ھەر بىر بۆلەكلەرنى  ئايرىم تېما قىلىپ يوللىماي  ،  بىرىنچى  بۆلەكنىڭ  ئاخىرغىلا   ئۇلاپ ئىنكاس شەكلىدە  يوللىغان بولسىڭىز  تېخىمۇ ياخشى بولامتىكىن دەپ ..

ئـــــــــــەرنىڭ بــــــــــــــــــــەختى ۋاپادىن ، ئـــــــــــــــــايــــــــــــــالنىڭ بەختى  ھايادىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 04:56:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىۋاتىدۇ ، غەيرەت قىلىڭ، قەلىمىڭىز ھارمىسۇن .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 01:46:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oygurum يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 03:21 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بىز ئۈچۈن   جاپ چىكىۋاتىسىز   رەھم ...

ھى ھى  توغرا دەيسىز  بۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرمۇ پۈتۈپ قالدى ئاللاھ خالىسا  سىزدىگەندەك يوللايمەن

بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات

نېمىلەرنى ئويلا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23326
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6718
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 545 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 11:20:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسى بۇ سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىز  ئەمەسقۇ دەيمەن . بۇ  ھېكايە ئەمەس ، كىنو  ىسىنارىيىسى تورداشلارنىڭ جىن زىدەن رول ئالغان ‹‹江山美女››دېگەن فىلىمىنى كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن بۇتېمىنىڭ  ئاپتورنىڭ ئىجادىيىتى ياكى 10يىل ئاۋال قويۇلۇپ بولغان ھېكايە فىلىم ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

بىر قەترە دەريادا يوق بولۇپ كەتتى، يەرگە بىر چاڭ قوندى، كۆمۈلۈپ كەتتى. دۇنياغا كېلىشىڭ ، كېتىشىڭ نېمە ؟ بىر چىۋىن تۇغۇلدى ، يا ئۆلۈپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 11:43:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alamdarbag يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 11:20 AM
تېما ئىگىسى بۇ سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىز  ئەمەسقۇ دەيمەن . ب ...

ئەلۋەتتە بۇ مىنىڭ ئىجادىيىتىم ئەمەس  ھەمدە جىن زىدەن رول ئالغان ئۇ كىنودىن يېزىلمىغان   

بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13466
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8743
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 372 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 01:04:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  ھىكايە  راسلا  كىنو  سىنىرايىسىدىن  ياكى  شۇ  كىنونى  ئۆزلەشتۇرۇپ  ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپتۇ   قانداقتۇر   ئىجادىيەت  ئەمەس   قايسى  بىرى  قورقۇنۇچلۇق  ھىكايە  يازدىم  دەپ  جوڭگو  قورقۇنۇچلۇق  ھىكايە  فىلىمىنى   تەرجىمە  قىلىپ  يوللاۋاتقان    قىزقىنلىقىڭلارغا  ئاپىرىن  ئەمما  مىنىڭچە    يىزىپ  بولۇپ  مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ  قويسىڭىز   ياكى  كىنونى  ئۆزگەرتتىم  دەمسىز  ياكى   سىنارىيىنى  تەرجىمە  قىلدىم  دەمسىز   ئىشنى  قىلىپ   مىنىڭ  ئىجادىيىتىم  دىمەڭ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13466
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8743
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 372 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 01:09:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلار   سىلەر  ئاۋۋال  جىن زىدەن رول ئالغان ‹‹江山美女››دېگەن فىلىمىنى  كۆرۇپ  بىقىڭلار   بىۋاستىلا   كىنوسىنى  كۆرسىلەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 01:43:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yattasu يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 01:04 PM
بۇ  ھىكايە  راسلا  كىنو  سىنىرايىسىدىن  ياكى  شۇ  كىنونى   ...

ھى ھى مەن تېخى ئۆز ئىجادىيىتىم دىمىدىمغۇ.............. ئاخىرى چىققۇچە ساقلاپ تۇرۇڭ  

بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش